guide
ئىسپانىيە ياشلار كوماندىسى 4:2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
767 قىتىم

<<سىنا تورى>> تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى 00:00 (ئىسرائىلىيە ۋاقتى 18- ئىيۇن 19:00 ) دا، 19 - نۆۋەتلىك ياۋروپا U21 دەرىجىلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى ﻫەل قىلغۇچ باسقۇچى ئېرۇسالېم شەﻫىرىدە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسابىقە ئىسپانىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىدا تۇرۇۋاتقان ئەزاسى تىياگو 33 مىنۇت ئىچىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىملىق قالپاق ئوينىتىش ماﻫارىتىنى تاماملىدى ﻫەم 1994- يىلدىن بۇيانقى ياۋروپا U21 دەرىجىلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاق مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن تۈنجى ماﻫىر بولۇپ قالدى، كوماندا ئەزاسى ئېسك بىر نوقتا توپ كىرگۈزدى؛ ئىتالىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندا ئەزاسى يىنمۇبېل بىلەن بولونى ئىككىسى بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى توپ كەتكۈزۈپ قويماسلىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسى 4:2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا U21 دەرىجىلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.