پارىژ سانت گېرمان بوئاسنى مەشقاۋۇل قىلىشتىن ۋازكەشتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 779 قىتىم

ۋاڭيى تەنتەربىيە خەۋىرى: پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇب تارىخىدىكى ئۈچىنچى فرانسىيە بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بويىچە سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىيە گۇرۇﻫىنىڭ پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى قوللىشى ئارقىسىدا ئۇلار ياۋروپادىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان كوماندىغا ئايلانغان.

لېكىن بۇ يىل يازدا پارىژ سانت گېرماننىڭ مەشقاۋۇلى ئانچېلوتتى خان مادرىدقا قوشۇلىدىغان بولغاچقا پارىژ سانت گېرمان يېڭى مەشقاۋۇل ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى، ئىلگىرى پارىژ سانت گېرمان بوئاسنى مەشقاۋۇل قىلماقچى بولغان، لېكىن ئۇنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 13 مىليون ياۋرو توختامغا خىلاپلىق سوممىسى تاپشۇرىددىغان بولغاچقا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.
