guide
چويلا توپ ماﻫىرى نادال تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
886 قىتىم

<<ۋاڭيى تورى>> تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى( لوندون ۋاقتى 24- ئىيۇن )، 2013- يىللىق ۋېنبول چويلا توپ لەۋﻫە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە تۈر بويىچە تۈنجى ئايلانما باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ۋېنبول چويلا توپ ئاشكارا مۇسابىقىدىكى بەشىنچى نومۇرلۇق كۆزكە كۆرنەرلىك بولغان ئەزا، سەككىز نۆۋەت مۇشۇ تۈردە چېمپىيون بولغان چويلا توپ ماﻫىرى نادال تۈنجى ئايلانما باسقۇچىدا بېلگىيە چويلا توپ ماﻫىرى دالشېس بىلەن ئۇچراشتى.

چىملىق چويلا توپ مەيدانىدا ﻫېچقانداق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ باقمىغان بۇ ئىسپانىيە چويلا توپ ماﻫىرى نادال ئىككى كونتېر يەتتىنى تالىشىش جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئاخىرى 6-7، 6-7، 4-6 نەتىجە بىلەن دالشېس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇدا 22 مەيدان غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى ﻫەم كەسپى ﻫاياتىدا تۈنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ تۈنجى ئايلانما باسقۇچىدا شاللىنىپ كەتتى.

نادال بىلەن دالشېس ئىككىسى بۇندىن بۇرۇن پەقەت بىر قېتىم مۇسابىقە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىسپانىيە ماﻫىرى نادال رەقىبىنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلغانىدى.