چويلا توپ ماﻫىرى دېيۆكېۋىچ لوندوندا غەلىبىگە ئېرىشتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 821 قىتىم

<<سىنا تورى>> تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 25 - كۈنى(لوندون ۋاقتى 25- ئىيۇن )، 2013- يىللىق ۋېنبول تېننىس توپ لەۋﻫە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە تۈر تۈنجى ئايلانما باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ۋېنبول تېننىس توپ لەۋﻫە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق خېل ئەزا، 2011- يىللىق چېمپىيون دېيۆكېۋىچ كولومبىيە ماﻫىرى مىجار بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۈچ باسقۇچلۇق كەسكىن رىقابەتلىشىشتىن كېيىن دېيۆكېۋىچ 3-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ۋېنبول تېننىس توپ لەۋﻫە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر يەككە تۈر باسقۇچىدىكى تۈنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى ئايلانما باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى. سەككىزىنچى نومۇرلۇق خېل ئەزا، ئارگېنتىنا ماﻫىرى دېل پېترو ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 6-2، 7-5، 6-1 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە ماﻫىرى راموسنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى ئايلانما باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى.

