guide
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ﻫەپتىلىگىگە قاتنىشىشدىن ئۈمۈت بار
يوللانغان ۋاقتى :
01-12
كۆرۈلۈشى:
2203 قىتىم
\

ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ 11-يانۋار بەرگەن خەۋىرى؛  2014-يىللىق CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنﻬەركەتچىلەرنى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى  نەتىجىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىين، ئىرىشكەن بىلەت سانى جەﻫەتتە  ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بىيجىڭ كوماندىسىدىن ماربولنىڭ CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاﻫىيىتىنىڭ بار يوقلىقى تاراتقۇلار ۋە توپ مەستانىلىرى ئەڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان گەپ-سۆزىگە ئايلاندى. تۈنۈگۈن ماربول ئۆزىنىڭ 2014-يىللىق CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى، ئەمما ئۇ تۈنۈگۈن كەچ ئىلىپ بىرىلغان بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭشىيا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى تاماشىبىن سۈپىتىدە كۆردى.
  2014-يىللىق CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى  بىلەت تاشلاپ تاللاش نەتىجىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىنلا، بەزى تاراتقۇلار ماربولنىڭ قائىدە بۇيىچە بولغاندا CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ماربول كوماندىدىن ئايرىلىپ، ئامىرىكىغا قايتىپ داۋالانغاندىن كىيىن، بىيجىڭ كوماندىسى يىڭى چەتئەللىك ئەزا Damien Wilkins نى بىرلەشمىگە تىزىملاتتى، ﻫازىر ماربول CBA بىرلەشمىسى تىزىملىگىدىكى چەتئەللىك ئەزا ئەمەس، شۇڭا تەبىئىيلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاﻫىيىتى بۇلمايدۇ. ماربول CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇسى بولسا، بىيجىڭ كوماندىسى چۇقۇم چەتئەللىك ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى قايتىدىن تىزىملاتسا بۇلىدۇ. ئەمما ماربولنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كىلىشىگە يەنە 6-8 ﻫەپتە كىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇ تەنﻬەركەتچى سالاﻫىيىتىدە  CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ. ئەمما ماربول ئۆزىنىڭ تاماشىبىن سالاﻫىيىتىدە CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن。
   ماربول CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ؟ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى ئىرىشكەن بىلەت سانىغا ئاساسەن، ئىرىشكەن بىلەت سانى ئەڭ كۆپ تەنﻬەركەتچىنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، چولپانلار كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى بىلەن مەسلەﻫەتلىشىش ئارقىلىق، بىر نەپەر ئارقا بىكنى تاللاپ چىقىپ، ماربولنىڭ CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان ئورنىغا سەپلەيدۇ.  
نۆۋەتتىكى ئەﻫۋالغا قارىغاندا،  CBAچولپانلار ﻫەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان بوش ئورۇنغا كىمنىڭ سەپلىنىشى يەنىلا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى Eugene Jeter بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى شىرئەلىجان مۇختەرنىڭ بۇ ئورۇننى ئىگەللەش ئېﻬتىماللىقى ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن.