پۇتبول ماﻫىرى بارى بىلەن سۆﻫبەت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-05
- كۆرۈلۈشى:
- 2248 قىتىم
بارى مەمتىلى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىشى
بارى مەمتىلى كىچىگىدىن باشلاپلا پۇتبۇلغا ئالاﻫىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ بارىنىڭ دادىسى مەمتىلى ئاكا بالىسىدىكى بۇ تالانت ۋە قىززىقىشنى بايقاپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇنى قوللىغان ، 14 ياشقا كىرگەن بارى سوڭچىڭلىك پۇتبۇل مەكتىپىگە مىڭ ئوقۇغۇچى ئارىسىدىن تاللىنىپ كىرگەندە مەمتىلى ئاكا ئوقۇش ﻫەققىنى تۆلەش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمەت سىتاجىنى سېتىپ ئۇنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان .

ئىسىم - فامىلىسى :بارى مەمەتئىلى
مىللىتى : ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1989- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى
كەسپى : كەسپى پۇتبولچى
ئوقۇغان مەكتىپى : شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپى
كۇماندىىسى : ﻫازىر جىياڭسۇ شۈنتىيەن پۇتبۇل كۇلۇبى
ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كۇماندىسى ۋە
خاڭجۇ يېشىل شەﻫەر كوماندىسى قاتارلىقلاردا توپ تەپكەن.
بارى مەمتىلى كىچىگىدىن باشلاپلا پۇتبۇلغا ئالاﻫىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ بارىنىڭ دادىسى مەمتىلى ئاكا بالىسىدىكى بۇ تالانت ۋە قىززىقىشنى بايقاپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇنى قوللىغان ، 14 ياشقا كىرگەن بارى سوڭچىڭلىك پۇتبۇل مەكتىپىگە مىڭ ئوقۇغۇچى ئارىسىدىن تاللىنىپ كىرگەندە مەمتىلى ئاكا ئوقۇش ﻫەققىنى تۆلەش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمەت سىتاجىنى سېتىپ ئۇنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان .
بارى سوڭچىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىپ دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي كۈنسىرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 2007 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كۇماندىسىدا جوڭگۇ ب دەرىجىلىك كۇماندىلار مۇسابىقىسىنى ئوينىغان 2005 - يىلى مەملىكەتلىك 10 قېتىملىق تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كۇماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ توپ ئوينىغان ۋە ﻫالقىلىق بىر توپ كىرگۈزگەن شۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئەستايىدىل كۆرگەن كۇلۇبلار تېرنىرلىرى ۋە پۇتبۇلچى تاللاش ئىشىغا مەسئۇل كىشىلەر بارىغا ياخشى باﻫالارنى بەرگەن .
بارىدىكى پۇتبۇل تالانتىنى بايقىغان خاڭجۇ يېشىل شەﻫەر كۇلۇبىنىڭ تېرنىرى بارى بىلەن توختام تۈزۈپ ئۇنى جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغۇزغان . بارىمۇ تېرنىرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ﻫەمدە ياپۇنىيىنىڭ كۈچلۈك كۇلۇبى مىڭ گو ۋۇ كۇلۇبىغا ئىنتايىن يۇقىرى ماﻫارەتلىك بىر توپ ئۇرۇپ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىدا توپ كىرگۈزگەن ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالغان .
ئالاﻫىدىلىكلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش ۋە ئېتىراپلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن 2011- يىلى بارى دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان ، بارىنىڭ ئومان كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقدە بار كۈچىنى چىقىرىپ 90 مىنۇت توختىماي يۈگۈرگىنى پوتكۈل جوڭگۇ پۇتبۇل مەستانىلىرىنى قايىل قىلغان . بارىنىڭ ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن كوماندا غەلبىگە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولسىمۇ كوماندىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ تولىمۇ ئاجىز بولىشى سەۋەبى بىلەن مەغلۇپ بولغان .

2012- يىلى بارىنىڭ يېشىل شەﻫەر كۇلۇبى بىلەن بولغان توختام مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانلىقتىن بارى يېشىل شەﻫەر كۇلۇبىنىڭ تۈرلۈك قىستاشلىرىغا دۇچ كەلگەن يەنى ئۇنى جازالاش ۋە مەيدانغا چىقارماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنى توختام ئۇزارتىشقا قىستىغان چۈنكى بارى توختام ئۇزارتسا كۇلۇب ئۇنى باشقا كوماندىغا يۆتكىسىمۇ نەچچە مىلىيۇن ئىقتىسادى كىرىم يارىتالايتتى . ئەمما بارى بۇلارغا قەتئى باش ئەگمىدى ، يېشىل شەﻫەر كۇلۇبى توختام مۇددىتى توشۇشقا 10 كۈن قالغاندا بارىنى قوغلاندى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمما بۇنى ﻫەممەيلەن ﻫىس قىلىپ يەتتى ، يەنى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بارىنىڭ بازىرىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىناۋىتىنى تۆكۈش ئارقىلىق ئۇنى جازالىماقچى بولدى.
ئەمما بارى دەل مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زور ئالقىشلارغا ئېرىشتى يەنى دىيارىمىزدا داڭلىق تەنتەربىيە ماركىسى يارىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان چىمپىيون تەنتەربىيە كىيملىرى (UGSPORT) بارىنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللاپ ئۇنىڭ بىلەن 2 يىللىق توختاملاشتى . كەينىدىنلا ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمىدە 2- بولغان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى بارى بىلەن يۇقىرى مۇئاش ۋە تەمىنات بىلەن توختاملاشتى . بارى ﻫازىر بۇ كۇلۇبنىڭ ئەتىرۋارلىق توپچىسىغا ئايلىنىپ كۇلۇبنىڭ 7- نۇمۇرلۇق مايكىسىنى كىيىش شەرىپىگە ئېرىشتى . ﻫازىر شۇ كۇلۇبتا توپ تەپمەكتە .