guide
مىرئەخمەتجاننىڭ خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىغا يۆتكىلىشى مۇقىملاشتى
يوللانغان ۋاقتى :
01-05
كۆرۈلۈشى:
1834 قىتىم
تېڭشۈن تەنتەربىيەسى 30-دېكابىر خەۋىرى،  نۆۋەتتە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ﻫەر قايسى كوماندىلار يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى مىرئەخمەتجان ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۇلۇپ بىلەن قايتا توختام ئۇزارتماي  ئەركىن توپچى سالاﻫيىتى بىلەن لۇنىڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغان ئىدى،   نۆۋەتتە مىرئەخمەتجاننىڭ خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىغا يۆتكىلىش ئىشى ئاساسەن مۇقىملاشقان.  ئەﻫۋالدىن خەۋەردار بىر ئەرباپنىڭ بىلدۈرشىچە، ﻫەممە ئىشلار نورمال بولسا خېنەن تەرەپ مۇشۇ ﻫەپتە ئىچىدە مىرئەخمەتجاننىڭ كۇلۇپقا رەسمىي قوشۇلغانلىغىنى ئېلان قىلىدىكەن.
   بۇ قېتىم ئۇ لۇنىڭ تەرەپ بىلەن قايتا توختام ئۇزاتمىغاندىن كىيىن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بىر قانچە كۇلۇپ ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق مىرئەخمەتجان ئاخىرىدا يەنىلا خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىنى تاللىغان،  مىر ئەخمەتجان2010-يىلى خېنەن قۇرۇلۇش  كوماندىسىدا بىر پەسىل توپ ئوينىغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا  بىر قانچە قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، بىراق 2011-يىلى ئۇ لۇنىڭ كوماندىسىغا قايتىپ  كەلگەندىن كېيىن، ئىزچىل زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بەك كۆپ بولمىغان ئىدى، ئۇ سوغۇق ئورۇندۇقتا بەك كۆپ ئولتۇرۇپ كەتكەچكە لۇنىڭدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان.

 تېڭشۈن تەنتەربىيسنىڭ مۇخبىرى مىرئەخمەتجان بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ كېيىنكى كوماندىسى ﻫەققىدە سورىغاندا ئۇ :«بۇ ئىشلارنى ۋاستىچى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ، پەرىزىمچە ناﻫايىتى تېزلا ئىشلار ئايدىڭلىشىدۇ، مىنىڭ بۇ ﻫەقتە كۆپ گەپ قىلىشىم قولايسىز، بەلكىم خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىغا بېرىشىم مۇمكىن» دىدى.