guide
بوكس گېگانت شاﻫى تايسېن ﻫەققىدە ئىككى كەلىمە
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
2877 قىتىم

بوكىس شاﻫى تايسېن 1967-يىلى 30-ئىيۇل نىيۇ يوركتا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى. ئۇنىڭ بوكىس ساﻫەسىدە ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ﻫازىر كەسىپتىن چىكىنگەن بۇ بوكىس شاﻫى يېقىندا «تالاشقۇسىز ﻫەقىقەت» دېگەن نامدا ئۆز ﻫاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاپ چىقىرىپتۇ. كىتاپ مەزمۇنىدا پۈتۈن ﻫاياتىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنىڭ ﻫەممىسى تولۇق يىزىلىپتۇ.

تايسېننى دەسلەپ تىلغا ئالغاندا كىشىلەر دەرﻫاللا ئۇنىڭ 1997-يىلى دوگلاس بىلەن دۇنياۋى مۇسابىقىگە چۈشكەندە، ئەزەلدىن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان تايسېن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىكەن.

ئۇ كىتابىدا ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئەﻫۋالنى چۈشەندۈرۈپ: شۇ چاغدا دوگلاس مىنى قاتتىق ئۈسسۈدى. ﻫەر ۋاقىت قائىدە بۇزۇپ تۇرىدىغان بىر جەڭچى بولغىنىم ئۈچۈن غەزىپىمنىڭ تاشقىنىدىن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالدىم، دەپ يازغان.

كەسپى ﻫاياتىدا شانلىق نۇقتىغا چىققان 1991-يىللىرى ئۇ ئامېرىكىلىق بىر نېگىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 1992-يىلى سوت مەﻫكىمىسى تەرىپىدىن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىندى ۋە كېيىن بۇ جازانى ئۈچ يىلغا قىسقارتىپ، ئەڭ ئېسىل ۋاقىتلىرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى.

نىيۇ يوركتا تۇغۇلغان تايسېن كىچىكىدىنلا ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، مەكتەپتە تولا قائىدىلەرنى بۇزۇپ مەكتەپتىن ﻫەيدەلگەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ تولۇق تەربىيەسىنى كۆرمىگەچكە كىچىك تۇرۇپلا زەﻫەر بىلەن دوست بولۇپ قالغان.

ﻫەر قانداق ئىشنى چىكىگە يەتكۈزۈپ كۆنگەن تايسېن 1985-يىلى 6-مارتتا نىيۇ يوركتا تۇنجى قېتىم بوكۇس مەيدانىغا مۇسابىقىگە چۈشكەن. ﻫەر قېتىملىق قاتتىق قول ئىلىشىشلار بەدىلىگە چىمپىيۇن بولۇپلا كېلىپ، بىر كىچىدىلا نامى چىقىپ كەتكەن.

شۇنداق قىلىپ بوكىس مەيدانى مۇسابىقىسىگە كۆپ چۈشۈپ، 20 ياشقا كىرگەن چىغىدىلا دۇنيا ئەركىن بوكىس ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپىيۇنىغا ئايلانغان. 1986-يىلى 23-نويابردىكى مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدىلا يەر ياتقۇزۇپ WBC بوكىس شاﻫى نامىغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان بوكسچىغا ئايلانغان.
تاكى ﻫازىرغىچە بوكس ساﻫەسىدە مۇنداق ياش تۇرۇپلا دۇنياۋى چولپان بولغانلار مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئۇ رەقىبىنىڭ پەقەت بىشىغىلا ئۇرىدۇ، ۋە ئۆزىنى مۇشتتىن ئانچە قوغداپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بوكس مىزانى: ﻫۇجۇم قىلىش، ﻫۇجۇم قىلىش يەنە ﻫۇجۇم قىلىش.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئۇ ئۆز كەسپىدە تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، WBC、WBA ۋەIBF دىن ئىبارەت ئەركىن بوكس ساﻫەسىنىڭ ئاتامانىغا ئايلاندى. ﻫېچ كېشى ئۇنىڭ رەقىبى بولالمىدى.


شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تايسېنغا كۆز تېگىپ، 1990-يىلىدىكى بىر مۇسابىقىدە رەقىبى ۋېلمۇس دوگلاسقا سەل قارىدىمۇ قانداق، ئۇنىڭدىن تاياق يەپ يىقىلدى.

ئەمما ئاشۇ ئاتامان ۋاقىتلىرىدا، تايسېننىڭ مۇسابىقىسىنى كىملا كۆرسە، تايسېن بىلەن بىرگە پۇخادىن چىقاتتى. ئۇنىڭ مۇشت ئېتىش سۈرئىتى تېز، ئىنكاسى چاققان، بەدىنىنىڭ كۈچىمۇ زور. ئەمما يەنىلا بوكس مەيدانىدىكى ﻫۇجۇم قىلىشتىن ئۆزگە ۋەزىپەم يوق، دەپ قارايدىغان كەسىپ ئېتقادى ئۇنىڭغا زور ئۇتۇق بەردى.

بوكس ئاتامانى سۇپىسىدىكى كۈنلىرىدە ئالتە ئاق تەنلىك كىشى تەرىپىدىن خورلۇققا ئۇچرىغان 16 ياشلىق نېگىر قىزچاققا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ياشىشى ئۈچۈن ماددى جەﻫەتتىن ئىلﻬام بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئېرقى كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش فوندى قۇرۇپ چىقتى.

ئەمما 1991-يىلى ئۇ باسقۇنچى دېگەن قالپاقنى كىيدى ۋە 1992-يىلى سوت مەﻫكىمىسى تەرىپىدىن ﻫۆكۈم چىقىرىلىپ، بۇ ئىشلىرى ئۇنىڭ مەسخىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئۈچ يىللىق تۈرمە ﻫاياتى تىنچ بولمىدى. ئىندىيانا شىتاتىدىكى ياشلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا جازا ئىجرا قىلىۋاتقىنىدا، تۈرمىدىكى قولى قىچىشىپ كەتكەن تۈرمىداشلىرى ئۇنىڭ سايىسىدا تۈرمىدە نام چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ تۇردى.

تۈرمىگە كىرىپلا بۇرۇنقى قارا گۇرۇﻫ بولغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئەدىپىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئېغىر-بېسىق بولدى ۋە كۆپ ﻫاللاردا ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئەمما تايسېن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ تۈرمىدىكى ئۇنىڭغا مىقتەك سانجىلغان رەقىبى دېخاك بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. قورقۇنۇشلۇق بولغىنى ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى غەزىپى ئاقماي قالدى. دېخاك ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋىتىپ تۆشۈك ئىچىپ قويدى، ۋە قاتتىق ئۇرۇپ-تىپىپ ئۈچ تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋەتتى.

تۈرمىدىكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەﻫدىت پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىر مىلىيون دوللار خەجلەپ ئۇنى يالغۇز تۇرىدىغان تۇرمىگە يۆتكىتىپ قويدى ۋە دېخاكنىڭ كەچۈرۈم سورىشىغا ئېرىشتى. ئۇ كىتابىدا بۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ: شۇنىڭدىن كېيىن مەن تۈرمىدە ئازادلىققا ئىرىشتىم، خالىغانچە ﻫەرىكەت قىلالايدىغان بولدۇم، دەپ يازغان.

تۆمۈر قەپەستىكى ئۈچ يىللىق ﻫاياتىدا ئۇ ﻫاياتلىق توغرىسىدا نۇرغۇن نۇقتىلارنى تونۇپ يېتىپ، ۋە كىشىلىك قىممەت توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، كۆپ يەكۈنلەرگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭغا بولغان تەسىراتى ۋە ئالغان تەربىيەسى چوڭقۇر بولغاچقا، ئوڭ بىلىكىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتىنى چەكتۈرىۋالغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتىكى دوگلاس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، تايسېننىڭ قوللىغۇچىلىرى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان دوگلاسنىڭ تايسېننى يەرگە يىقىتىشىنى بىر تاسادىپىيلىق خالاس دەپ ئويلىشاتتى.

كېيىن ئۇلار يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلەشكەندە. دوگلاس ئۇنىڭ بىشىغا قاتتىق بىرنى ئۇرغاچقا، تايسېن غەزىپى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن تايسېن جەرىمانە تۆلىدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەندى ۋە بوكسيۇرلىق كىنىشكىسى تارتىۋىلىندى.

شان-شۆﻫرەت ۋە مال-دۇنياغا تولۇپ كەتكەن تايسېننىڭ ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان دوستلىرى بار ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ﻫەقىقي كۆيىنەتتى. ئەمما ئۇ ئۆزى زەﻫەر ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق تاپاتتى.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تايسېننىڭ ماﻫارىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. لېكىن جاسارىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرغاچقا، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە باشلىنىشتىن بۇرۇن رەقىبى بىلەن زورلاپ تۇتۇشۇپ قالدى.

ئەمما ئۇنىڭ بانكا ﻫېساۋاتىدا پۇل تۈگەپ، ﻫەممىسى پەقەت ئېسىل داچىلىرىغا، پىكاپلىرىغا ۋە ﻫەتتا باققان ئەرمەكلىرىگە كەتكەن پۇل چىقىم ﻫېساۋاتىلا قالدى.

زور قەزرلەرنى تۆلەشكە باشلاپ، بارا-بارا بىر يىتىنىمۇ يوق بىچارىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.

ﻫەتتا شۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن 39 ياشقا كىرگەندە مۇسابىقىگە چۈشتى. لېكىن ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن كەسىپتىن چىكىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە بايلىققا يەتكۈچە تويۇنۇپ ﻫەتتا يولۋاسنى ئەرمەك ﻫايۋاننىڭ ئورنىدا باققان تايسېن ئايالى ۋە باللىرىغا يەتكۈچە سوۋغاتلارنى ئېلىپ بەرگەن، ئۆزىمۇ كۆڭۈل ئېچىشتىن قۇرۇق قالمىغان ئىدى.

ئاخىرى ۋەيران بولۇپ كەتكەن تايسېننىڭ بەدەن قۇۋىتىمۇ ئاجىزلاپ كەتكىنىدىن، كىشىلەرمۇ ئۇنى ياراتماس بولدى. خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن ﻫەتتا بوكىس مۇسابىقىلىرىگە رىپېر بولدى، مەشىق ﻫەمراﻫى بولدى. ﻫەتتا پەقەت بولالمىغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشىۋىلىشقا ﻫەق تۆلىشى ئارقىلىق جېنىنى باقتى.

لېكىن يوللار ئۇنداق تار بولىۋەرمەيدۇ. 2008-يىلىغا كەلگەندە كىنو رىژېسسورى تۇباك ئۇنى ئېزدەپ تىپىپ، «تايسېن» نامىلىق ﻫۆججەتلىك فىلىمىگە باش رولغا تەكلىپ قىلدى. ۋە بۇ فىلىمىدىن 50 مىڭ دوللار پايدىغا ئېرىشتى.

كىشىلىك ﻫاياتنىڭ زور شەيتانلىرى تەرىپىدىن ئېزىپ ئاخىرى ئۆزىنى تىپىۋالغان تايسېن ئۈچۈن بۇ 50 مىڭ دوللار ﻫەقىقەتەنمۇ بىر زور ئىلﻬام بولدى. ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئېيىتقىنىدەك ﻫەقىقى بىر ئەرگە ئايلاندى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئارتىسلىق كەسپىگە قەدەم قويۇپ كەتتى. ئۇ دەسلەپكى شۇ ﻫۆججەتلىك فىلىمىدىن كېيىن، hangover فىلىمىدە رول ئالدى. ئۇنىڭ بۇ فىلىمى ﻫەتتا 67-قېتىملىق ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ كومىدىيە تۈرى بويىچە ئەڭ نادىر فىلىمى دېگەن نامغا ئېرىشتى.


2010-يىلى ئىتالىيەنىڭ ئالقىشلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بولغان «چولپانلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈش» پروگراممىسىغا چىقىپ ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەنئەت جەﻫەتتىكى تالانتى نامايەن بولۇشقا باشلاندى. 2012-يىلى hangover نىڭ 2-بۆلىمىدە فىلىم ئاخىرىدا ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىپ ﻫەممىنى ﻫەيران قالدۇردى ۋە فىلىمى بازار تېپىپ كەتتى.




تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدە ئۇ: ئارتىس بولۇشنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشۇم ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ﻫەتتا ئۈمۈدسىزلىنىپ ئۆزۇمنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدىم. لېكىن ﻫازىرقى مەن ﻫەقىقى ئۆزۈم بولدۇم. تۇرمۇشۇم ئىنتايىن تەرتىپلىك، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىشنى قىلىش كاللامدا ئىنتايىن ئېنىق، بەخىت ئەسلىدە مۇشۇلار ئىكەن، ماڭا يېتەرلىك بولدى...دېگەن.
ئاددى بىر ئىنسانغا ئايلىنىش تەس بولغىنى ئۈچۈن، ﻫاياتنىڭ زور سىناقلىرىغا يۈرەكىدىكى زور قىزغىنلىق بىلەن يۈزلەنگەن تايسېن، ئاددى-ساددا تۇرمۇش ئۆتكۈزدى ۋە ئۆزىنى تەڭشەپ، چىرايىدىن كۈلكە-تەبەسسۇمىنى ئايىمىدى. نامراتلارغا ياردەم قىلىش ساخاۋەتچىلىكىنىمۇ توختىتىپ قويمىدى.
ﻫەقىقىي توغرا بولغان پىسخىكىلىق روﻫى-ﻫالەتكە ئېرىشكەن تايسىن، ﻫەر بىر كىشىنى چىن دىلىدىن ﻫۆرىمەت قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى گىگانىت ئوبرازىنى كىشىلەر قەلبىدە قايتا تىكلىدى.


تايسېننىڭ قىزى ئىيقىنىدەك، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر ئويۇن ﻫەمراﻫى. تايسېننىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۆزىمۇ ئاتىلىق مېﻬرىنى كۆرمەي چوڭ بولغىنى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىگە بىر ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ﻫېچ نەرسىسىنى ئاياپ قويمىدى. ۋە ئۆزى : سىز بىر ئاتا بولغاندا، جاﻫاندا ﻫەقىقەتەنمۇ ئەسكى ئادەم قالمايدۇ، دېگەن ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى.

ﻫازىرقى تايسېن بىر ياخشى دادا ۋە بىر ياخشى ئەر. ئۇ ئادەتتە كەپتەر باقىدۇ، بالىلارنىڭ بوكس مەشىقىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، ﻫەر كىملەر ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى ئاياپ قالمايدۇ.

خۇددى رەزىللىكنىڭ يەنە بىر يۈزى مېﻬرىبانلىق بولغىنىدەك، تۇرمۇش ۋە ﻫاياتقا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشكەن تايسېن، دىلىدا مېﻬىر-مۇﻫەببەت يالقۇنلاپ تۇرغان مۇنەۋۋەر دادىدۇر.


لۈشۈن ئىيتقان: ﻫەقىقى بىر قەﻫرىمان، ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەيران تۇرمۇش ۋە ﻫايات ئىچىدىن ئۆزىنى تىپىپ چىقالايدۇ ۋە ﻫەممىنى ئېتىراپ قىلىپ يۈزلىنىدۇ؛ ئەمما ئۇ بۇ كىتابىدا، ئۆزىنىڭ ئەڭ پەسكەش تەرەپلىرىنىمۇ دادىللىق بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئۆزى توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق يورۇقلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئەشۇ ۋەيرانە ۋە پەسكەشلىككە تولغان ﻫاياتىغا رەﻫمەت ئىيتىدىغانلىقىنى....يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان.