guide
باسېل كۇلۇبىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-مۇﻫەممەد سالىﻬ
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
2360 قىتىم




كائىنات تەنتەربىيەسى يىقىندىن بىرى «بايقاۋۇل دوكلاتى» سەرلەۋﻫەلىك مەخسۇس سەﻫىپە ئاچقان بولۇپ، بۇ سەﻫىپىدە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش پۇتبول ماﻫىرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ. بۈگۈنكى «بايقاۋۇل دوكلاتى» دا بىر مىسىرلىق ياش پۇتبولچى مۇﻫەممەد سالىﻬ بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

سالىﻬنىڭ قىسقىچە ئارخىۋى
ئىسىم-فامىلىسى: مۇﻫەممەد سالىﻬ
يىشى: 21 ياش (1992-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان)
تۇغۇلغان جايى: مىسىرنىڭ غەربى ئۆلكىسى
مەيداندىكى ئورنى: يان كىراي
ﻫازىر توپ تىپىدىغان كۇلۇبى: باسېل

بايقاۋۇل دوكلاتى
مۇﻫەممەد سالىﻬ باسېل كۇلۇبىنىڭ يېقىندىن بۇيان چاقناشقا باشلىغان ئۈمىد يۇلتۇزى، نۆۋەتتە ئۇ ياۋرۇپادىكى قىسمەن زەردار كۇلۇپلارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. ئۆتكەن ﻫەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ باسىل چىلسىنى يەڭگەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بۇ مىسىرلىق ياش توپچى شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇپ باﻫالاندى.
سالىﻬ مىسىر ئا بىرلەشمىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، 16 ياش چىغىدىلا موكا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مىسىر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان، شۇ چاغدىلا كىشىلەر ئۇنى مىسىر كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلتىشى دەپ قارىغان ئىدى، دىگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مىسىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ دائىملىق ئەزاسىغا ئايلاندى، ﻫەمدە نۇرغۇنلىغان ياۋروپا كۇلۇپلىرىنىڭ تالىشىش ئوبيىكتىغا ئايلاندى. بىراق سەئىد پورتىدىكى پاجىئەلىك مەستانىلەر توقۇنۇشىدىن كېيىن مىسىر بىرلەشمە مۇسابىقىسى توختىتىپ قويۇلدى. سالىﻬمۇ بىكار قالدى.
شۇ مەزگىلدە مىسىر دۆلەت كوماندىسى 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنﻬەركەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن باسېل كۇلۇبى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى، مۇسابىقىدە يىراق شېۋىتسارىيەدىن كەلگەن باسېل كۇلۇبى سالىﻬنىڭ ئىپادىسىگە ﻫەقىقەتەن قول قويدى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان سالىﻬ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ 4-3 نەتىجە بىلەن باسېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كىيىن باسېل كۇلۇبى سالىﻬنى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى، مىسىردا بىرلەشمە توختىتىلغاچقا قايتىدىغان كوماندىسى قالمىغان سالىﻬ ئاخىرى باسېل كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ باسېل كوماندىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.
2012-يىلى يازدا «ئافرىقا ئۈمىد يۇلتۇزى» بولۇپ باﻫالانغان سالىﻬ باسېل كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كىلىپلا مورتو كۇلۇبى بىلەن بولغان چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسنىڭ مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتى، شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ تەدرىجى باسېل كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالدى، ﻫەمدە كوماندىنىڭ شېۋىتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىغىنى قولغا كەلتۈرىشىگە تۆﻫپە قوشتى.
ئەمەلىيەتتە سالىﻬ ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە تېخىمۇ ماس كىلىدۇ، ئۇ مەيداندا توختىماستىن يۆتكىلىپ يان تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىشكە ماﻫىر، ئۇنىڭ سۈرئىتى قارشى تەرەپ بىكلىرى ئۈچۈن زور تەﻫدىت ﻫېساپلىنىدۇ. قارىماققا ئۇ ﻫەر جەﻫەتتىن يىتىشكەن ئىنگىلانىد يان كىرايىغا ئوخشايدۇ. نۆۋەتتە ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توتىنﻬام رېس ۋە لېۋىرپۇل كۇلۇبى ئۇنى يۆتكەپ كىلىش كويىدا يۈرگەن بولۇپ، ئۇ ﻫازىر ياۋروپادا ئۆزىنى نامايەن قىلىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزدى، ئۇ 2014-يىلدىكى ياۋروپا يۆتكىلىش بازىرىدىكى نۇقتىلىق تالىشىش ئوبيىكتىغا ئايلىنىدۇ.

بايقاۋۇلنىڭ باﻫاسى (تولۇق نومۇر 10 نومۇر)

قاپقىغا توپ تىپىشى: 8 نومۇر
پاس بىرىش دەللىكى: 8 نومۇر
توپ تالىشىشى: 5 نومۇر
كاللا توپ: 6 نومۇر
سۈرئىتى: 8 نومۇر
نەزەر دائىرىسى: 8 نومۇر
ﻫازىرقى ئىقتىدارى: 7 نومۇر
يوشۇرۇن كۈچى: 10 نومۇر
ئومۇمىي ئىرىشكەن نومۇرى: 60 نومۇر (تولۇق نومۇر 80 نومۇر)
ﻫازىرقى قىممىتى: 20 مىليون ياۋرو
يوشۇرۇن قىممىتى: 60 مىليون ياۋرو