guide
ۋاسكتبولچىمىز مۇراتقا سەنشى كوماندىسى كۆز تىكتى
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
1654 قىتىم

يىڭى پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ داڭدارلارنى تاللاش يىغىنى 31-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسى يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 11 يىل كۈچ قوشقان ماﻫىرىمىز مۇرات ئادىلجان، ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى قىرانبەك، سۈن ۋىيبوغا ئوخشاش سەنشى كوماندىسىغا ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ، بۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
2-ئۆكتەبر كۈنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس كوماندىسى كۇلۇبىنىڭ دېرىكتورى خې چاڭجىياڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «CBAنىڭ تۈزىمى بىزنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر ۋاسكتبولچىلارنى كوماندىدا ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلىدى. CBAنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۆپىيىشى بىر تەرەپتىن بىرلەشمىنىڭ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. داڭدارلارنى تاللاش يىغىنىدا مۇراتنىڭ سەنشى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللىنىشى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئۇنىڭ سەنشى كوماندىسىدا ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

CBAبىرلەشمىسى ﻫەرقايسى كوماندىلار ئارىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2003-، 2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ داڭدارلارنى تاللاش يىغىنى تەسىس قىلغان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ﻫەربىر كوماندا 10 نەپەر رويخەتكە ئېلىنغان ئەزانى ئالماشتۇرۇلمايدىغان ئەزا سۈپىتىدە ساقلاپ قالسا بولىدۇ، قالغان ئەزالار چوقۇم ئالماشتۇرىلىدىغان ئەزالار قاتارىدا ﻫەرقايسى كوماندىلار تەرىپىدىن تاللانسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەزالار باشقا كوماندىلار تەرىپىدىن تاللانمىسا، بۇرۇنقى كوماندىغا قايتىپ داۋاملىق شۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. باشقا كوماندىلار تەرىپىدىن تاللىنىپ قالسا، چوقۇم شۇ كوماندىغا بېرىپ شۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك.
مۇرات 2002-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاستكبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە Bدەرىجىلىكتىن بىرلەشمىدىن Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەندىن بۇيان، كوماندىنىڭ كۆك ياقىلىق ئەزاسى سۈپىتىدە، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روﻫى بىلەن ﻫالقىلىق پەيتلەردە كوماندا ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق مۇسابىقىلەردە، ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان، شۇنداقلا شىنجاڭ مەستانىلىرىگە ئىنتايىن تونۇش بولغان يەرلىك ئەزا بولۇپ قالغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توي قىلىپ بىر قىزغا دادا بولغان مۇراتنىڭ كوماندىدىكى ۋەزىپىسى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى، گەرچە مەيدانغا چۈشىدىغان ۋاقتى بارغانچە ئازىيىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغان كەسپىي ئەخلاقى بىلەن ﻫەرقىتىم كوماندىغا زور تۆﻫپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.  

بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر، ئېغىرلىقى 86 كىلوگىرام كېلىدىغان مۇرات ئادىلجان 1985-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2000-يىلى يەنى 15 يېشىدا تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2002-يىلى شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك Bدەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ﻫەمدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك Aدەرىجىلىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاﻫىيىتىگە ئېرىشىشىگە زور تۆﻫپە قوشقان. مۇرات ئادىلجاننىڭ ئالاﻫىدىلىكى، مۇداپىئەدە چىڭ تۇرىدۇ، گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئىلىشتا ناﻫايىتى ئاكتىپ، بولۇپمۇ ﻫالقىلىق پەيتتىكى ئىپادىسى ناﻫايىتى ياخشى.

بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى داڭدارلارنى تاللاش يىغىنىدا، مۇرات، سۈن ۋىيبو ۋە مەردانلارنىڭ ئىسىملىرى داڭدارلار تىزىملىك تاختىسىغا يېزىلدى، ئاخىرىدا سەنشى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللىنىۋىلىشقا قارىتا مۇرات ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولدى. مۇرات مۇنداق دېدى: «ﻫازىر كوماندا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، مانا بۇ كەسىپلىشىشنىڭ ئىپادىسى، ﻫەربىر پىشقەدەم ئەزا مۇشۇنداق بىر پەيتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. سەنشى كوماندىسىنىڭ مېنى تاللىغىنىدىن ئۆزۈمنى ناﻫايىتى بەختلىك ﻫېس قىلدىم، ئۇلارنى مېنى تاللىغىنىدىن ناﻫايىتى خوشالمەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە CBAبىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدىغاندەك ﻫېس قىلاتتىم. CBAبىرلەشمىسىدە ۋاستكبول ئويناۋاتقىنىمغا 11 يىل بولدى، ۋاسكتبولغا بولغان قىزغىنلىقىم ئازراقمۇ سۇسلىمىدى، ئەمما ئانا يۇرت كوماندامغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولدۇم. كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۆيدە ئايالىم ۋە قىزىمغا ياخشى ﻫەمراﻫ بولماقچىمەن».