guide
بارىنىڭ توي ۋاقتى بېكىتىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
11-04
كۆرۈلۈشى:
1865 قىتىم
10-ئاينىڭ 29-كۈنى سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى : جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسدا توپ تېپىدىغان شىنجاڭلىق داڭلىق ﻫۇجۇمچى بارىنىڭ تۇرمۇش قۇرىدىغان ۋاقتى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ ،تويدىن بۇرۇن بۈگۈن بارى ئۆز مىكرو بىلۇگدا ،ئارىلاشقىلى بەش يىل بولغان ساﻫىبجامال قىز دوستى شەرىپە بىلەن چۈشكەن بىر نەچچە پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى .( تۆۋەندىكى رەسىم )
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بارى تۇنجى قېتىم قىز دوستى ۋە ئاپىسى بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىمىنى تارقاتقان بولۇپ ،جۇڭگۇدىكى داڭلىق تاراتقۇلاردىن : سىنا ،سوخۇ ،ۋاڭيى ، تېڭشۈن قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە بۇ سۈرەت ئېلان قىلىنغان .شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار : بارىنىڭ قىز دوستى ﻫەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن ،شۇنداقلا جۇڭگو تەنﻬەرىكەت ساﻫەسىدىكى بەزى چىرايلىق ئايال چولپانلاردىن ئېشىپ كەتتى دەپ بەس-بەس بىلەن ماختاپ خەۋەر بەرگەن .