guide
C.رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى مېسسىدىن يۇقىرى
يوللانغان ۋاقتى :
10-24
كۆرۈلۈشى:
1389 قىتىم

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 150 توپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانچە مەيدان مۇسابىقە ئويناشقا توغرا كىلىدۇ ؟ مېسسى 203 مەيدان ، راﻫۇل 307 مەيدان ، C.رونالدو بولسا پەقەتلا 140 مەيدان !
خانلىق مادرىدقا قۇشۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ساقلاپ مېڭىۋاتقان رونالدو يەنىلا بىر - بىرلەپ رىكورت يېڭىلاپ ماڭماقتا ، ئالدىنقى ﻫەپتە گېتاف بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن ، C.رونالدو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ تېز 150 توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالدى ، ئۇ پەقەت 140 مەيدان مۇسابىقىدىلا بۇ رىكورتنى يېڭىلىدى .
رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىگە ئەڭ يېقىنلاشقىنى بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىي مەرگەنلەردىن بىرى بولغان سارا ، ئۇ 161 مەيدان مۇسابىقىدە150 توپ كىرگۈزگەن . مادرىدنىڭ رىۋايەتلىك توپچىلىرىدىن بولغان پۇسكاش بىلەن دى سىتىفانو بولسا 169 مەيدان ۋە 178 مەيداندا 150 توپ كىرگۈزگەن .