guide
خان مادرىد چولپىنى بېل «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باﻫالاندى
يوللانغان ۋاقتى :
10-09
كۆرۈلۈشى:
1551 قىتىم
\

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ۋېلىشلىق چولپان بېلنىڭ باش ئاغرىقلىرى تۈگىمىدى. تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ﻫەققى بىلەن خان مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن بېل خان مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان بىر ئاي ئىچىدە 3 قېتىم يارىلانغان بولۇپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن پەقەت 132 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق بۈگۈن بىر خۇشخەۋەرنى تاپشۇرىۋالدى، يەنى بېل 2013-يىللىق «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باﻫالانغان ئىدى.
\
«ئاس» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ۋېلىش توپ مەستانىلىرى سايلاپ چىققان بولۇپ، بېلنىڭ گەرچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توتىنﻬام كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ۋە 44 مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بۇ قېتىملىق رىقابەتتە باشقا رەقىبلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باﻫالانغان.
\
بېل بۇ قېتىم يارىلىنىش سەۋەبلىك ۋېلىش كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان، ﻫەمدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا قېلىپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرغان. تۈنۈگۈن بېل سائەت 8 دە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشىق بازىسىغا كىرگەندىن كېيىن تاكى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:15 دە ئاندىن مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلغان.
\
بېلنىڭ ﻫازىرقى نىشانى بولسا 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى ﻫالىتىنى نامايەن قىلىش بولغان. بېلنىڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ﻫەققى ئۇنىڭغا ناﻫايىتى چوڭ بېسىم بولغان، ئۇ ﻫازىر مۇسابىقىگە كۆپرەك قاتنىشىپ ياخشى ﻫالەتنى تېپىشنى ۋە بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە بېل بەلكىم كېلەر ﻫەپتە ئاخىرىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن مالاگا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.
\
بېل بىلەن تەڭ مەيدانغا چىقىش ئېﻬتىماللىقى بولغىنى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىزچىل يارىسىنى داۋالىتىۋاتقان ئوتتۇرا مەيدانچى شاۋى ئالۇنسو بولۇپ، تۈنۈگۈن شاۋى ئالۇنسومۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلغان. كېلەر ﻫەپتە ئاخىرىدىكى مالاگا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى بۇ قوماندانىمۇ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بېل بىلەن ئالۇنسونىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ياخشى ﻫالىتى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولىدىغان جەڭگە قاتنىشىش ئىكەن.