guide
مىسسى مارادونا دىن ئېشىپ كەتتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن گۋاتېمالا كوماندىسىنى مەغلۇپ ق
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
920 قىتىم
<<سىنا تورى>> تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى 10:00 ( گۋاتېمالا ۋاقتى 14 - ئىيۇن 20:00 ) دا، گۋاتېمالا دۆلەتلىك پۇتبول مەيداندا بىر مەيدان خەلقئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن گۋاتېمالا پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندا ئەزاسى مىسسى ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىملىق قالپاق ئوينىتىش ماﻫارىتىنى تاماملىدى ﻫەم دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن توپ سانى مارادونا ( مارادونا 34 توپ كىرگۈزگەن ) دىن ئېشىپ كېتىپ، كرېسبو ( كرېسبو 35 توپ كىرگۈزگەن) بىلەن تەڭلەشتى، ئارقىدىن مىسسى ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى ئوۋگوستو فېرناندېس دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىكى تۈنجى توپىنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن گۋاتېمالا پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى رىم شەﻫىرىگە بېرىپ ئىتالىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان خەلقئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۈنجى قېتىم مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ مەيدان دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم تەڭلىشىپ قالغانىدى.