پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق چولپانلار نەگە كەتتى؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-05
- كۆرۈلۈشى:
- 2630 قىتىم
پۇتبول دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغوقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئاجايىپ ماﻫارەتلىرى بىلەن ئۇلارغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن داڭلىقلار ﻫازىر يېشىل چىملىق ئۇستىدە ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇلار نەگە كەتتى؟ بۇ سۇئالغا بىز تىزگىنسز ۋاقىتنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرمىز.

گەرچە زىدانىنىڭ ئاشۇ بىر كاللىسى سەۋەپلىك فىرانسيەلىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان شېرىن چۈشلىرى بەربات بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار مەڭگۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. فىرانسىيە زوڭتۇڭىمۇ ئۇنى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇكاپاتلىغان. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ چېمپيون بولالمىغىنىغا تەسەللى ئۈچۈن ئەمەس. ئۆز دۆلىتىنىڭ غورورىنى قوغىدىغىنى ئۈچۈن ئىدى. گەرچە ئىتالىيە كوماندىسى شۇ سەۋەپلى چېمپيون بولغان بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ﻫەقىقى چېمپيون يەنىلا فىرانسىيە كوماندىسىى. بۇ چىراي ﻫازىر كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن يىراققا كىتەلمىدى. چۈنكى ئۇ ﻫېلﻬەم پۇتبول ئۈچۈن تەر ئاققۇزماقتا.

ئۇنىڭ بۇ ﻫەرىكىتى ئاللىقاچان ﻫەيكەل قىلىپ قاتۇرىلدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ ئالاﻫىدە تېخنىكىللىرى ﻫازىرقى توپچىلارنىڭ ﻫېچقايسىسىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ دۆلەت كوماندسىدا ئۇرغان ئاشۇ بىر توپى دائىم كىشىلەر تەرىپدىن ئەسلىنىپ تۇرماقتا. ئارسىناللىقلار ئۇنى ﻫېلىﻬەم ئۆز بالىسدەك كۆرۈىدۇ. بىراق ئۇلار ئۇنى پەقەت مەيدان سىرتىدىلا كۆرۈشكە مەجبۇر. ئۇنىڭ ئاجايىپ ماﻫارەتلىرى كەلمەسكە كەتتى.

مىلان كوماندىسىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار مانا موشۇ ماﻫىرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پۇتۇن ياۋرۇپانى سورىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇلار ئەينى ۋاقىتتا خۇددى ﻫازىرقى رونالدو بىلەن مىسسىدەك مۇداپىيەچىلەرنىڭ قارا چۈشى ئىدى. مىلاننىڭ ئاجايىپ شانلىق دەۋىرلىرىنى يازغان بۇ توپچىلار پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىقلار ﻫازىرقىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىمىلەرنى يېزىپ كەتكەن. ئۇلار مەڭگۈ مىلانلىقلارنىڭ قەلبىدە.

چىرايىدىن ناﻫايتى ئېغىر-بېسىقىلقى، تەجىربىلىكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ توپچىچۇ؟ ئۇنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن قوشقان شانلىق تۆﻫپىللىرى كىشىگە مارادونانى ئەسلىتىدۇ. گەرچە ئۇ ئۇنچە كۆپ ئاتاقلارغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئارگىنتنالىقلار ئۇنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. بارسلونا، ۋېللا رېئال قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تىپىپ كىشىلەرگە ناﻫايتى تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بۇ توپچىنىمۇ ئەمدى كۆرۈشىمىز تەسكە توختايدۇ.

بۇ توپچىلارنىڭ كىملىكىنى نۇرغۇن توپ مەستانىللىرى بىلىدۇ. مارادونادىن كېيىن ئارگېنتنا كوماندسىدىنىڭ شانلىق دەۋىرلىنى داۋاملاشتۇرغان،
‹‹چىملىقتىكى شىر›› دېگەن نام ئاجايىپ ماس كەلگەن بۇ توپچىلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئوبرازى ﻫەرگىزمۇ مارادونادىن تۇۋەن ئەمەس.

بىز ئەمدى ﻫەرگىزمۇ بۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا رەسىمگە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. ئوخشىمىغان كوماندىلاردا توپ تېپىپ ئالتۇن توپ ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن بۇ توپچىلار بىر-بىرىگە ﻫەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس ئىدى. ئۇلار يەنىلا بىر-بىرى بىلەن دوست ئىدى. بۇ جەﻫەتتىن ﻫازىرقى توپچىلار ﻫەرگىزمۇ بۇلارغا يەتمەيدۇ.

باگگىيو . بۇ ئىسىم پۇتبول مەستانىلىق تارىخى ئۇزۇنراق بولغان نۇرغۇن مەستانىلەرگە ناﻫايتى تونۇش. ئۇنىڭ ئۆمىرىدە ئۆكۈنىدىغان ئاشۇ بىر نوقتا توپى سەۋەپلىك پۇتبول دەۋىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمەي قالغان. بىراق بۇ قارا داغ ﻫەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەستانىللىرىنىڭ ئوتتەك ئىشتياقىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ‹‹ كىلىشكەن›› توپچىمىز ﻫەم پۇتبول دۇنياسىدا بىر رىۋايەت بولۇپ قالدى.

بۇ توپچىنىڭ ئاشۇ چىرايى پەقەت ناﻫايتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ئىسىدە بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ﻫەرگىزمۇ ئۇنىڭ شانلىق دەۋىرلىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ گەرچە بىز ئويلىغان ‹‹مەشﻬۇر›› شەرەپلەرگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئاشۇ غەلىتە چېچى بىلەن كىچىك بۇرىتى ﻫېلىﻬەم پۇتبول دۇنياسىدىن ئۆچۇپ قالمىدى.

ئاق كىيىمنى كىيپ رونالدو، زېدانى، بېكخام، كارلوس، فىگو، راﻫۇل، ئوۋىن قاتارلىق داڭلىق توپچىلار بىلەن بىرگە پۇت تىرەپ تۇرالىغان گۇتىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئۇنىڭ ئالاﻫىدە بولغان پۇت ئاستى تېخنىكىسى يوق، ياكى سۈرىتى ئۇنچە بەك تېزمۇ ئەمەس. ۋارتارغا توپ ئۇرشىمۇ ئادەتتىكىچە. ﻫالبۇكى ئۇنىڭدا ئوتتۇرا مەيداننى ناﻫايتى ياخشى تەشكىللىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار. بىراق بۇ ئىقتىدارلارمۇ ئەمدى ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى.

بۇ توپچىنىڭ تەرىپىنى ئارتۇق قىلىش ﻫاجەتسىز. ‹‹تاشقى پىلانت ئادىمى›› دېگەن نام ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ماﻫارىتى بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان. ﻫەممە توپچىلار دېگۈدەك ياكى كۇلۇبتا ئالاﻫىدە بولغان ئىىپادىسى بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەن، ياكى دۆلەت كوماندىسدىكى ئىپادىسى بىلەن ئاشۇ شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. بىراق پەقەت موشۇ بىرازىلىيەلىكلا مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن توپچىلارنىڭ ﻫەرقاندىقى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شەرەپلەرنىڭ ﻫەممىسىگە ئېرشىكەن. ئەمدىلىكتە بىز ئۇنىڭ ئاشۇ نەچچىلىگەن بېكلەرنى ئالداپ ئۇتۇپ ئۇرغان توپلىرىنى پەقەت سىنلاردىنلا كۆرەلەيمىز.

ئاجايىپ سالاپەتلىك قىياپىتگە ئۇرغان ئىختيارى توپلىرىنىڭ گۈزەللىكى قوشۇلۇپ كىشىگە تېخىمۇ جەلىپكار كۆرىنىدىغان بۇ توپچى بىزگە ئەنگىلىيە ئىسىلزادىللىرىنىڭ بەگزادىللىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىراق ئۇ ﻫەرگىزمۇ ‹‹قۇرۇق سۆلەت بەگزادە›› ئەمەس. ئۇ ئەنە ئاشۇ چىرايىلق ناملارنى ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ﻫەقىقى ماﻫارىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن. مانا ئەمدىلىكتە بىز بۇ توپچىنىمۇ پەقەت ئىلانلاردىن كۆرىۋاتىمىز.

ئەگەر سىز پورتۇگالىيەدىكى شانلىق 7-نومۇرنىڭ ساﻫىبى پەقەت كىرستيانو رونالدو دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. رونالدودىن ئىلگىرى يەنە بىر ماﻫىر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشىكىللەش ئىقتدارى بىلەن پورتۇگاللىقلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ بولسىمۇ دەل فىگو. توپ ئويناش ئۇسلۇبى زېدانىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ توپچى نۇرغۇن كۇلۇپلارغا ئالماشقان. ﻫەممە كۇلۇبلاردا دېگۈدەك ياخشى بولغان ئىپادىىسى بىلەن كۇلۇبقا ماسلىشىپ كەتكەن. ئەمدىلىكتە بىز ئۇنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقسىدىكى كۆرۈش سۇپىسىدا ئۇچرىتىۋاتىمىز.

ئەڭ كىچىك يېشىدا، ئەڭ بەك چاقنىغان توپچىنى كىم دەپ ئويلايسىز؟ چوڭ رونالدو؟ كىچك رونالدو؟ پوگبا؟ خازارد؟ ﻫەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئەڭ كىچىك يېشىدا ئەڭ ياخشى ﻫالىتى بىلەن پۇتۇن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان توپچى دەل ئوۋىن. ئۇنىڭ ئېنگىلاند كوماندىسدا ئۇرغان ئاشۇ بىر توپى مەڭگۈ پۇتبول ساﻫەسىدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالغۇسى. شامالدەك تىز سۈرئتى بىلەن ئۆزىنىڭ كىچىك ئەمەسلىكىنى ﻫەممىگە ئىسپاتلاب بەرگەن بۇ ئېنگلاندلىقنى ئۇچرىتش ﻫازىر خېلىلا تەس.

ئارسىنال مەستانىللىرىنىڭ ﻫەقىقى قەﻫرىمانى، كوماندىسى جاپادا قالغان ۋاقىتلاردا ئەسلەيدىغان ئادىمى، ئېنگىلانتىكى توپ ئۇرۇش ئۇنىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ توپچنىڭ ئىسمى ﻫېنرى. ئۇنى ئارسىناللىقلار ﻫېچقانداق توپچىغا تەڭ قىلمايدۇ. ئۇ شۇ شەرەپكە لايىق. ئۇ كوماندىسى مەيلى قيىن ئەﻫۋالدا قالسۇن ياكى شەرەپ قۇچسۇن تاشلاپ كەتكەن ئەمەس. بۇ جەﻫەتتە نۇرغۇن توپچىلارنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك.

كۆپ-كۆزلىرىدىن تىپىك ئىتالىيەن پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ توپچى مىلاننىڭ 3-نومۇر رېۋايىتىنى يېزىپ قالدۇرغان. مىلان ئۇنىڭغا ﻫۆرمەت بىلدرۈش ئۈچۈن 3- نومۇرنى پىچەتلىگەن. ئۇ مىلان كوماندىسىدا بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋىرلىرىنى ئۆتكۈزدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ پۇتبول ﻫاياتى مىلان كوماندىسىدا ئۆتتى. ئەينى ۋاقىتتا مىلاننىڭ شانلىق دەۋىرلىنى يارىتىشتا بۇ توپچىنىڭ رولى ﻫەرگىزمۇ شىفىچېنكودىن تۇۋەن ئەمەس ئىدى. ﻫازىر بىز ئۇنى ئىتاليەدە چىقىدىغان ژورنال مۇقاۋىللىرىدىلا ئۇچرىتىۋاتىمىز.

ئەمدىكىسى بولسا يۇۋېنتس قەﻫرىمانى، پۇتبول ئەپەندىسى نىدۋېد. ئۇنىڭ ئاشۇ ساپ-سېرىق چاچلىرى، مەيدان ئىچىدىكى تەمكىنلىكى، ئالاﻫىدە بولغان تەشكىللەش ئىقتدارى يۇۋېنىتس شانلىق تارىخىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. ئەزەلدىنلا پۇتبول ئەخلاقى ناﻫايتى ياخشى بولغان بۇ توپچىنى بىز ئۇچراتمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.

دېل پېيرو نېدۋىد دەۋىرىدىكى 2-قەﻫرىمان. يۇۋېنتس تارىخىدا ئەڭ داڭلىق كىشى ئۆتكەن دېيلسە ئۇ چوقۇم دېل پېيرو. ئۇ نۇرغۇن زەردار كۇلۇبلارغا توپ ئۇرغان. ئاجايىپ ئەپچىل توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى، پۇرسەت تۇتۇشىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن يۇۋېنتس مەستانىللىرىنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن بۇ توپچىنى بىز ئۇچراتمىغىلى بىر-نەچچە يىللا بولۇپ قالدى.

بېكلەرنىڭ ئىچىدىن چىققان بىردىن-بىر ئالتۇن توپ ساﻫىبى. مۇستەﻫكەم پۇلات قورغان كاناۋارو. دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپيون بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇۋېنىتس، مادرىد قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا ئۆز ئىزىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ توپچى ﻫېلﻬەم كىشىلەر تەرىپىدىن ئەسلىنىپ كەلمەكتە.
ۋاقىت مانا موشۇندا رەﻫىمسىز، ئەينى ۋاقتتىكى بالا سانلىدىغان توپچىلار مانا ئەمدىلىكتە بۇۋايغا ئايلاندى. بىز ﻫازىر مەستانە بولغان ئاشۇ توپچىلارمۇ ناﻫايتى تېزلا بوۋايغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇر. ئۇلاردىن قېپ قالدىدىغنى پەقەت مەستانىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ﻫۆرمىتى ۋە سېغنىشىدۇر.