guide
سىستىما ئەپلىرى قانىلى (112)
  • ياشار يانفون ئىملاچىسى

    مەن Basic4android يەنى B4A پروگرامما ئېچىش دېتالى ئارقىلىق توردا ۋە تورسىز مۇﻫىتتا ئىشلەيدىغان ئاندرويدلىق ئەپ ‹‹ ياشار يانفون ئىملاچىسى ›› 1.0 نى تۈزۈپ چىقتىم .بۇ ئەپتىكى ئاساسلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى ، پىكىر يوللىرى ۋە كودى يەنىلا VB6.0 دىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ئەمەلىيەتتە، مەن ئىلگىرى تۇزگەن كومپيۇتېر نۇسخسىدىكى ئىملا تەكشۈرگۈچ پروگراممىسىنىڭ كودلىرىنى ماس ﻫالدىكىBasic4android نىڭ كودلىرىغا ئايلاندۇرۇش ۋە Basic4androidدىكى بەزى يېڭى ئىقتىدارلىرىنى قوشۇش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلدى. مەن تۈزگەن بۇ ئۇيغۇرچە ‹‹ يانفون ئىملاچىسى1.0 ›› نىڭ ئاساسلىق ئالاﻫىدىلىكى :1. تورسىز مۇﻫىتتا ئىملا تەكشۈرۈدىغان ئاندرويدلىق ئەپ بولۇپ، تور يوق ئەﻫۋالدا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىدۇ ، ئېقىم كەتمەيدۇ. تور بار ئەﻫۋالدا، توردىكى باشقا ئىملا تەكشۈرىدىغان ئىملاچىدا تەكشۈرۈپ باققىڭىز كەلسە، بۇنىمۇ ئويلۇشۇپ يۇلغۇن توردا ئىملا تەكشۈرۈش بېتىگە ئۇلىنىش قىلىنغان . 2 . نەق جايىدا سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلالايدىغان لۇغەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە. بۇ ئەپ يالغۇزلا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، يەنە ئېنگلىزچە سۆزلەرنى خەنچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ . ئېنگلىزچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ.3 . ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، خاتا ياكى گۇمانلىق(لۇغەتتە يوق ) سۆزلەرنىڭ ئاستىغا كۆك رەڭدە سىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىزدىگەندە قىزىل رەڭدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 4 . تېكىست رامكىسى ئىچىدىكى سۆزنى جايىدىلا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار. ئىملا تەكشۈرۈش كونۇپكىسى يەنى ‹‹ تەكشۈرۈشنى باشلاي›› دېگەن كونۇپكىنى باسقاندىن كېيىن،ئىملاسىنى تەكشۈرۈشكە باشلاپ بولۇپ، بىر كىچىك رامكا چىقىدۇ. ئاندىن قولىڭىزنى مەلۇم سۆزنىڭ ئۇستىگە تەككۈزسىڭىز ، خاتاسىنىڭ ئىملاسىنى توغرىلايدىغان سۆزلەر، توغرىسىنىڭ تەۋسىيە سۆزلىرى، ئېنگلىزچىنىڭ خەنچە تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. 7 R G8 H5 I3 Y) o' {1 G! {8 A5 . ﻫۆججەت باشقۇرۇش، سۆزلەرنى ساندانغا قوشۇش، بەﻫىرلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. ۋاقىت سەل يار بەرسە ، كېيىنكى نەشرىدە خاتا سۆزلەرنى توغرىلاش دەرىجىسىنى تېخىمۇ بەك مۇكەممەللەشتۈرۇش،ﻫۆججەت باشقۇرۇش تۈرىدىكى ئېنگلىزچە سۆزلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئويۇم بار. تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىپ كەڭ كۇشادە پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.بۇ ئەپ Samsung GALAXY Note تا سىنالدى.