9-ئاينىڭ 26-كۈنى يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئەسكەرتىش ئېلان قىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تىزىملىتىش ئىجازەتنامىسى بەرگەن ئالاھىدە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ بۆرەك قۇۋۋەتلەپ باھنى كۈچلەندۈرۈش ۋە قاننى جانلاندۇرۇپ، بەدەندىكى توسالغۇلارنى ئېچىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن. بازارلاردىكى «ئەرلىك ئىقتىدارنى ياخشىلايدىغان» ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا مەھسۇلات بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2013-يىلىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە زەھەرلىك، زىيانلىق تەركىبلەر قوشۇلغان ئەرلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە سېتىش دېلولىرى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. سېتىش نۇقتىلىرى ئاساسەن ئىجارە ئالغان ئۆي، كىچىك ماگىزىن ۋە چوڭلار بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىستېمالچىلارنىڭ داۋالىنىشتىن خىجىل بولۇش، ئەرزان مالغا ئامراق بولۇش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن دېلو مەلۇم قىلىشتىن خىجىل بولۇش قاتارلىق پىسخىك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىدىكەن.
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، دۆلىتىمىزدە «ئەرلىك ئىقتىدارنى ياخشىلايدىغان» ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئەزەلدىن تەستىقلىنىپ باقمىغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، كۆزنىڭ چارچىشىنى يوقىتىش، ئورۇقلىتىش قاتارلىق 27 تۈرلۈك ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى تىزىملىتىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۆرەك قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇپ، بەدەندىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، روھنى ئۇرغۇتۇپ باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارى يوق ئىكەن.