سىنا تورى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى توغرىسىدىكى مىكرو بىلوگ مۇنازىرىسىگە بىر كۈندىلا 8 مىليون 11 مىڭ تورداش قاتناشتى؛ لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتنايدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ 622 تال بېلىتى بىر سائەتكە قالمايلا سېتىلىپ تۈگىدى... بۇ بىر نەچچە كۈندە، مەيلى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىدا بولسۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قىزىق تېمىغا ئايلاندى. گەرچە كۆپچىلىك تېخى «شامالدەك تېز سۈرئەت» نى ھېس قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ كېلىشى بىلەن، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
سان-سىپىر گەرچە پاساھەتلىك تۇيۇلمىسىمۇ، لېكىن سان-سىپىرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئەڭ زور. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتناش باشلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارغۇچە 1 سائەت، قومۇلغىچە 3 سائەت، لەنجۇغىچە پەقەت 9 سائەت كېتىدۇ، بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتمۇ 41 سائەتتىن بىراقلا 16 سائەتكە قىسقىرايدۇ... بۇ بىر قاتار سانلار شۇنى بىلدۈرىدۇكى، شىئەن، بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلىرى ئەمدى بىزنىڭ بىركۈنلۈك تۇرمۇش دائىرىمىزگە قوشۇلدى.
ئەڭ مۇھىمى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەقەت قىسقا ئارىلىقلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى تۇرمۇش قارىشىمىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئۆي سېتىۋېلىشقىچە، ئارام ئېلىشتىن تۇغقان يوقلاشقىچە، كىشىلەرنىڭ ياشاش بوشلۇقىنىڭ بەلگىلىك مۇددەتتە نۇرغۇن ھەسسە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى خىزمەت، ئالاقە، ساياھەت ۋە تىجارەت چەمبىرىكى پەيدا بولىدۇ. ئىختىساس كىشىلىرى ۋە ئىدىيەنىڭ توشۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ قاتناش باشلىشى نۇرغۇن شەھەرلەرنى دۇنياغا نامايان قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسىپتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى توسۇپ تۇرغان مۇھىت چەكلىمىسى تېخىمۇ ئازلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پەقەت ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شەھەر بىلەن شەھەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭدا كۆپرەك تۇرۇپ باققان كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەسكى، توردا مال سېتىۋالغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىسمى چىقسىلا پوچتا ھەققى ھەقسىز بولماي قالىدۇ، ياكى «كەچۈرۈڭ، بىز شىنجاڭغا مال تەمىنلىمەيمىز» دېگەن كەسكىن جاۋابقا ئېرىشىمىز. كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىدىكى قۇلايسىزلىق، شىنجاڭلىقلارنى قۇلايلىق ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ راھىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مانا بۇ قاتناشنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ ئىكەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. دۆلەت ئەزەلدىن شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى مۇھىم بىلىپ كەلدى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. لېكىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى سىياسەتنىڭ قوللىشىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. قاتناش مۇھىتى جەھەتتىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ قۇلايسىزلىقى، شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسى، سانائەت، يېزا-ئىگىلىك، سودا-سانائەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنى شۇنداقلا سىرتقى دۇنيانىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى مۇھىتىنى چەكلەپ قويدى.
ئاۋىياتسىيە ترانسپورتى تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، تاشيول ترانسپورتى ئۈنۈمىنىڭ چەكلىك بولۇشىدەك ئەھۋالغا ئاستىدا، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ پەيدا بولۇشى، بۇ خىل «مۇز تاغ»نىڭ بىر بۇرجىكىنى پاچاقلىۋەتتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ يولىچىلار-يۈك ترانسپورتىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى يوشۇرۇن ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتناش باشلىغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بار بولغان لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ترانسپورت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، نۆۋەتتىكى يىلىغا 75 مىليون توننىلىق ترانسپورت مىقدارىنىڭ بىراقلا 150 مىليون توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يولىچىلار-يۈك ترانسپورت مىقدارى نۆۋەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. يەنى، مەنپەئەت ئالىدىغىنى پەقەت ترانسپورتلا ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ترانسپورت ئەھمىيىتىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك «ئاشۇرما قىممەت»لىرى بار.
ئويلاپ باقايلى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئەشيا ترانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق رايونلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى، رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ... شۇ ۋاقىت كەلگەندە شىنجاڭدا قانداق بىر مەنزىرە بارلىققا كېلەر؟
جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىختىساسلىق خادىم، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق بايلىقلارنىڭ بۇ يەردە جۇغلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ.