• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئامېرىكىدا «يېڭى ئەيدىز» كېسىلى بارلىققا كەلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-11 13:19:37
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    pCqئاقيول تور بىكىتى

    خەلق تورىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا شىياڭگاڭ ئۇنۋىرسال تاراتقۇ خەۋىرى، ئامېرىكا ئىسسىق بەلباغ مېدىتسىناسى ۋە سەھىيە ئىلمىي جەمئىيىتىڭ يېقىندا ئەسكەرتىشىچە ئامېرىكا قىتئەسى ترىپانوزوما كېسىلى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ھازىرغىچە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 300مىڭغا يەتكەن. بۇ خىل كېسەللىك ئادەم تېنىدە يوشۇرۇن ياتىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ھېچقانداق ئالامەتلىرى يوق، بىر قوزغالسىلا بەلكىم يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى باشقا جاننى ئالىدىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىك «يېڭى ئەيدىز» دەپ ئاتالغان.

    بۇ جەمئىيەت ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يېڭى ئورلېئاندا بىر قېتىملىق يىللىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا قىتئەسى ترىپانوزوما كېسىلىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا داۋالاش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدىغانلىقىنى، لېكىن چاتاق بولغىنى كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەمىشە كېيىنكى باسقۇچتا ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇتەخەسىسلەر بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن ھەيران بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان.

    مۇتەخەسىلەر بۇ كېسەلنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى داۋالاش خادىملىرىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن تونۇشىنىڭ ناھايتى كەمچىللىكىنى شۇڭا كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

    ئامېرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا ئادەتتە قۇرت ئادەمنىڭ تېرىسىنى چىشلىگەندە ئۆزىنىڭ گەندىسىنى قالدۇرۇپ قويىدىكەن، گەندىنىڭ ئىچىدىكى ئامېرىكا ترىپان قۇرتى يارا ئېغىزى ۋە كۆز ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ئامېرىكا قىتئەسى ترىپانوزوما كېسىلىنى تارقىتىدىكەن. دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولسا قىزىش، پۈتۈن بەدەن ئاغرىش، تاشما، ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش ئىكەن. كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەتلەردىن تېرە زەخمى ۋە كۆز تېرىسى كۆكۈرۈش ۋە ئىششىپ ساڭگىلاپ كېتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

    ئامېرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بۇ كېسەل بەلكىم مېكسىكا ياكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئامېرىكىغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.

    نۆۋەتتە گەرچە ئىككى خىل داۋالاش دورىسى بولسىمۇ لېكىن بۇ دورىلارنىڭ نېرۋىلارنى زەخىملەندۈرۈش، كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەكىس تەسىرلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تېخى ئىشلىتىشنى تەستىقلىمىغانكەن.pCqئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى مۇھىم خەۋەرلەر