
4 -ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ساياھەتكە چىقىش ،تۇققان يوقلاش ياكى چەتتە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرمەكچى بولسا نوپۇس يۆتكىلىش يىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.3-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە،نۆۋەتتە مەركىزى شەھەرساقچى تەرەپ شەخسلەرنىڭ چىگرادىن چىقىش كەسپىگە قارىتا ئىككى تەدبىرنى يولغا قويغان.
شەھەرلىك چىگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيتى پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان خەلققە قولايلىق تەدبىر بولۇپ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
«شىياڭگاڭ ئاۋمىن يول خېتى» ياكى «تەيۋەن يول خېتى »بار شەھەر ئاھالىلىرى يىل ئىچىدە قايتا ئىلتماس قىلسا ساقچىخانىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. ئىلتماس قىلغۇچى جەدۋەل ،نوپۇس ۋە كىملىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ج خ شۆبە ئىدارىسىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدىكەن .لىكىن بۇ تەدبىر پەقەت كادىر ئەمەسلەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ كادىرلار يەنىلا ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن چىقشقا قوشۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
يەنە بىر خەلققە قولايلىق تەدبىر بولسا ساياھەت ،تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرگۈچى شەھەر ئاھالىسى نوپۇس يۆتكەش يىل ساننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ.
ئىلگىرى قىسمەن ئاھالىلەر ساياھەت،تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش پاسپورتى بېجىرمەكچى بولسا نوپۇسى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقت ئۆتمىسە بېجىرىپ بېرىلمەيتتى.نۆۋەتتە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلدى .
ئاقيول ئۈندىدار سالونى ھەققىدە
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر
ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىش يىل چەكلىمىسى بىكار قىلىندى
ئۈرۈمچىدە نومۇرى M3W9دىن باشلانغان 100 يۈەنلىك ساختا پۇل بايقالدى
ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىدە ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىش باشلىنىدۇ
شىنجاڭ ئالاردا ‹‹گىگانىت ئادەم›› قەبرىسى بايقالدى
ئۈرۈمچىدە10خىل كەسىپتە ھەقسىز تەربىيىلەشنى يولغا قويدى
كېرىيەدىكى 7.3 بال يەر تەۋرەش توغرىسىدا .........
چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىكى سېمىنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون ئالەمدىن ئۆتتى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
ئەنگىلىيە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› نىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قورقۇنچلۇق يۈز رەڭلىك سىزمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاماكا بارلىققا كەلدى
ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى باش لاگېرى
ئەنگىلىيەلىك ‹‹ئەڭ ئۇزۇن تىللىق ئەر››
گېرمانىيەدە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا چاچ ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بايرىمى
ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا...