• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەڭ تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزغۇچى ئايال

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 23:40:22
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
     
        چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك رەسسام جىن ئەللېن ئۈچ مىنۇتتا بىر داڭلىق شەخسنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بولۇپ ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزغۇچى ئايال دېگەن نامغا ئېرىشكەن. گەرچە ئۇ بىر شەخسنى سىزىش ئۈچۈن پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت ئىشلەتسىمۇ، ئەمما سىزغان شەخسلىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، كىشلەر ئۇنىڭ كىمنى سىزىۋاتقانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدىكەن.
        ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن جېن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى پۈتۈن دۇنيادا سەييارە ئويۇن قويىدىكەن. ئۇنىڭ نومۇر كۆرسىتىشىگە مەسئۇل رېژىسسور بىلەن مۇزىكا ئىشلىگۈچىمۇ داڭلىق زاتلاردىن ئىكەن. جېننىڭ نۇمۇر كۆرسىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، رەسىم سىزىشى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم رەسىم سىزغاندا داڭلىق شەخسلەرنى تاللايدىكەن. شۇنداق قىلغاندىلا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىكەن.
        جېن 2008-يىلى ‹‹سېرىك دۇنياسى›› دېگەن سەييارە سېرىك ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزىش ماھارىتى بىلەن كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ رەسىم سالونىدا سېتىلىدىكەن.
     
     
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز