بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىتالىيەدىكى 115 ياشلىق موماي ئېمما ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال بولۇپ، دۇنيا ئۆمۈر چولپانلىرى ئىچىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنىڭ سىرى كۈنىگە ئىككى- ئۈچ تال تۇخۇم يېيىش ۋە تەنھا ياشاش ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئېمما قىز چاغلىرىدىن باشلاپ كۈنىگە ئىككى-ئۈچ تۇخۇم يېيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ : شۇ چاغلاردا دوختۇر ماڭا تۇخۇم يېيىشنىڭ قان ئازلىق كېسىلىگە شىپالىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن كۈنىگە ئىككى-ئۈچ تۇخۇم يەيدىغان بولغان، دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى يەنە مۇھىم بىر ئامىل ئۇنىڭ تەنھا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئىلگىرى بىر نىكاھلانغان بولۇپ، 1938-يىلى يولدىشى بىلەن ئاجراشقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يالغۇز ياشاپ كەلگەن ئىكەن.ئۇ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرسە ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ، راھەت ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: