[رېيتېر ئاگېنتلىقى، لوندون، 23-فېۋرال تېلېگراممىسى] تەھلىلچىلەر: تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھەم جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى تۆۋەنلەشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، پۈتۈن دۇنيادا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرى بارغانسېرى كاساتلىشىشى مۇمكىن، دېدى.
جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئېھتىياج ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئىچكى ئېھتىياج سەل ئۆرلەش سەۋەبىدىن، سۈت پاراشوكى كۆپ ئىمپورت قىلىنىپ، ئامبار زاپىسى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.
NZX Agri شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى تەھلىلچىسى سۇسان گىرىسبى: سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن ياخشىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يازدا پەسىل خاراكتېرلىك ئېشىشى مۇمكىن. مېنىڭچە سۈت مەھسۇلاتى ئانچە كۆپ ئاشمايدۇ. چۈنكى باھا تۆۋەن بولغاچقا، سۈت مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولالمايدۇ. لېكىن تەمىنلەش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يىل ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
جۇڭگو سۈت كالىلىرى فېرمىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، سۈت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ سۈتكە بولغان ئېھتىياجى ئازايغاچقا، كىچىك كۆلەمدىكى سۈت كالىلىرى فېرمىلىرى سۈتنى تۆكمە قىلىپ سېتىپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا كالىلىرىنىمۇ سېتىۋاتىدۇ.
رۇسىيە قوللانغان يېمەكلىك ئىمبارگوسى ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پىشلاق ئېكسپورتىنى ئۈزۈۋەتكەچكە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈت باھاسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.
سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆتكەن 12 ئايدا تېز تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بەزىلەر قەرەللىك مال بازارلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ بازاردىكى داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ.