1. بەستىلىك كىشىلەر. چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بويى 177.8 سانتىمېتىردىن ئېگىز ئەرلەر بوي ئېگىزلىكى نورمال بولغان ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان تاپتىن چىقىدىكەن.
2. تولغىما ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېنىقلىشىچە، %41 تولغىما ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرى ئۈجمە كۆڭۈل كېلىدىكەن.
3. فىرانسىيەلىكلەر. ئۇلارنىڭ رومانتىكلىققا ئىنتىلىش تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك ئاسانلا تاپتىن چىقىدىكەن، %75 فىرانسىيەلىك ئۆزىدە ھېسسىيات ئالدامچىلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىقرار بولغان.
4. سېرىق چاچ ئاياللار. ئايال ھېسسىيات ئالدامچىلىرى ئىچىدە سېرىق چاچلىقلار بىرقەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، %42 تىن ئاشىدىكەن.
5. Twitter ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ مەستانىلىرى. ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى ئالداش خاھىشى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن.
6. ئايال ئوقۇتقۇچىلار. چەت ئەللەردە ئېرىنى ئالدايدىغان ئاياللار ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
7. مال سېتىۋېلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەر. بۇ خىل كىشىلەر مال سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تاپتىن چىقىشتىنمۇ يانمايدىكەن.
8. ئۇچۇر تېخنىكلىرى. ئۇلار ئىختىساس ئىگىلىرى، دەپ قارالغاچقا، كۆپلىگەن قىزلارنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلار قارىماققا ئىنتايىن سىپايە كۆرۈنسىمۇ، شاختىن-شاخقا قونۇش خاراكتېرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىكەن.