• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئارشاڭغا چۈشكەن ياپون مايمۇنلىرى

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 23:39:55
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:
     
        ياپونىيە ‹‹ ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› نىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ناگانوكېن ئۆلكىسىدىكى بىر ياۋايى مايمۇنلار باغچىسىدا تەبىئىي ئارشاڭلار بولۇپ ، مايمۇنلار قىش پەسلىدە ئارشاڭغا چۈشۈش ئارقىلىق قەھرىتان سوغۇقتا ھارارەت ئىزدەيدىكەن .
        ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل قىشتا ئارشاڭغا چۈشكىلى كەلگەن مايمۇنلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ ، باغچىنىڭ ئەتراپىدىكى تەخمىنەن 160 ياپون مايمۇنى قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ يەرگە كېلىپ ئارشاڭدا راھەتلىنىدىكەن . قىزىقارلىقى شۇكى ، مايمۇنلارنىڭ سانىغا ئەگىشىپ ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسېرى ئاشقان . خەۋەر قىلىنىشىچە ، ‹‹ ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› زىيارەت قىلغان كۈنى تەخمىنەن 40 دىن ئارتۇق ياپون مايمۇنى بۇ يەردە ئارشاڭغا چۈشكەن . ساياھەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئوماق ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرغان .
     
     
     
     
     
     
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز