TMZنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات» فىلىمىدىكى ئەر چولپان Paul Walker(پاۋىل ۋولكېر) شۇ يەر ۋاقتى شەنبە كۈنى جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتىدا بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇ بۇ يىل 40 ياشتا ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ بىر دوستى بىلەن بىر پورسچى ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭغان، يول ئۈستىدە ماشىنا كونتروللىقىنى يوقىتىپ، يول ياقىسىدىكى رىشاتكىغا سوقۇلۇپ پارتلاش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. پاۋىل ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا ھەيدىمىگەن بولۇپ، دوستى ھەيدىگەن ماشىنىدا ئولتۇرغان، بۇ ئىككىلىسى بۇ قېتىملىق ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پاۋىل ۋولكېر ئەسلى «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات 7»نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان ئىدى. شۇ يەر ۋاقتى 30-نويابىر سائەت 19دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى Facebookتا ئېلان قىلىندى. «بىز ھەسرەتلىك ھالدا پاۋىل ۋولكېرنىڭ بۈگۈنكى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتىمىز. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى تەشكىللىگەن «دۇنيانى قاپلاش» خەير ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت يىغىنىغا ماڭغان بولۇپ، دوستىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغان. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈدۇق ۋە ئازابلاندۇق، بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك خەۋەر بولدى. »
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات» ناملىق كۆپ قىسىملىق كىنونى ئىشلىگۈچى، تارقاتقۇچى تەرەپ بولغان يەرشارىنى ئايلىنىش فىلىم شىركىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ :«شىركىتىمىزدىكى ھەربىر خادىم بۇ خەۋەردىن قاتتىق ھەسىرەتكە چۆمدى. 14 يىلدىن بېرى پاۋىل بىزنىڭ چوڭ ئائىلىنىڭ سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى بولۇپ كەلگەن. بۇ بىزنىڭ شىركەت ئۈچۈن، شۇنداقلا «سۈرئەت ۋە قايناقھېسىيات» فىلىمىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە مەستانىلەر ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز» دېدى.
ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يىڭى پىلاستىنكا ئىلان قىلىش ۋە ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات 7»نىڭ سىنارىيەسى ئۆزگەرتىلدى
«يامغۇردىكى ئىلتىجا» فىلىمىنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات» فىلىمىدىكى پاۋىل ۋولكېر قازا قىلدى
ھۈررەمنىڭ سابىق سۆيگىنى ئالا كۆڭۈللۈك قىلدى
Pierre Cardin پارىژدا نەپىس كىيىملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
سۇلتان سۇلايماننىڭ خانىمى ھۈررەمنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
قىسقا كۆينەك كىيگەن خانىملارنى جازالايدىغان دۆلەت
4G نىڭ نەخ مەيدان سىناقنى كۆرۈپ باقايلى!
ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ھەققىدە ئاقيولنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي ‹‹دۇنيا كارتىن شەخسلىرى›› نامزاتىغا كىردى
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 بولغان ئاجايىپ ئەقىللىق بالا
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىگە زور تەسىر قىلدى
ئوغرىلار ئەڭ ئامراق 10 خىل مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
