ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى تارلىقتىن كىڭىيىپ تېخنىكا ئاجىزلىقتىن نۇرغۇن ئېختىساد ئىگىلىرى بائارلىققا كىلىپ تەرەققىي قىلدى ،دىيارىمىزدىكى قىرىنداشلىرىمىز خەنزۇچە بەت قۇرۇشتىن يېڭى يېزىقچە بەت قۇرۇش ،يېڭى يىزىقچە بەتتىن ئانا تىلىمىزدىكى بەت قۇرۇشقا تەرەققىي قىلدى ،ھەتتا دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىنى تەۋرىتىپ تەرققىي قىلىۋاتقان Microsoft شىركىتىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ رايۇنلار ئىشلىتىۋاتقان سانىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنى قۇشۇپ تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلدى(بۇنىڭ ئۈچۈن كىملەرنىڭ كۈچىگنلىكىنىڭ 99 پىرسەنىت ئادەم بىلمەيدۇ)، مۇنۇ 2013- يىلى ئاخىرلىشىپ 2014- يىلى يېڭى يىل كىرىشكە باشلىدى ،يېڭى يىلدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىلەركى يېڭى يېلدا كۆڭۈلگە پۈككەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرى بولىدۇ ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15 كۈن بۇرۇن مەن ئاقيول تورىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىگە ۋاكالىتەن ئازىراق كۆڭۈلدىكى سۆزىمىنى ئىزھار قىلماقچى بۇ پەقەت شەخسىي پىكىر توغرا كۆرسەڭلار قۇبۇل قىلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلايلىي، خاتا يىرى بولسا تەكلىپ - پىكىرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !!!
تور دۇنياسى بارا - بارا كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا سېڭىپ كىرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى بىلەن يەنى ئىجابىي تەسىرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ كۆپ بولىش سەۋەبىي بىلەن
نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ياراتتى،دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئازغىنە كىرىم نۇرغۇنلىغان چىقىم بىلەن مۇشۇ ئىنتېرنىت تورىنىڭ تەرەقىياتىغا ئىشەنگەنلىك سەۋەبى بىلەن ھارماي - تالماي ئالدىغا قاراپ تىرىشىۋاتىدۇ ، قىسقارتىپ ئىيىتساق پۇل كۆيدۈرىۋاتىدۇ ،ئابۇنتلىرىمىزنىڭ بەلكىم بۇ جەھەتتە چۈشەنچىسى تولوق بولماسلىق سەۋەبى بىلەن تور قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى چۈشەنمەستەك سەۋەپلىك بىزنى نۇرغۇن پۇل تىپىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىنىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ!
توغرا ياخشى پۇل تىپىۋاتقان تور بېكەتلىرىمۇ بار لىكىن بەك ئاز ھەتتا يىلللىق كىرىمى مىليۇندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇر تور بېكەتلەرمۇ بار، بۇلار بەك ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدۇ! نىمە ئۈچۈن بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرىشتە قىلساق سىزگە ۋە ماڭا چىتىلىدۇ(بۇ توغۇرلۇق ھازىرچە توختالمايمەن)، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدۇ ،بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا تور بېكەتنى كۆرەلىشىمىز بىزنىڭ زور بەختىمىز،قەدىرلەش كىرەك ،قانچىلىك كۈچەلسەك ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمىزگە شۇنچە كۈچىشىمىز كىرەك! يېزىقىمىزنىڭ سىھرى كۈچى ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئۇچۇر دەۋرىدە نامايەندە قىلغۇسى!
مەن قىسقىنە قىلىپ ئۆزەمنىڭ كۆزقارىشىنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈپ بايان قىلىپ باقاي!
1-ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە بىردەكلىكنى ھەم كەملىك يەرلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !(بىرلىشىش ، ھەمكارلىشىش بەك يوق دىيەرلىك).
ھەر بىر تور بېكەت تور بېكەت قۇرغۇچىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ ،ئەگىشىۋاتقان يەنى شۇ تور بېكەتتە خىزمەت قىلىۋاتقانلار تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئىش قىلىدۇ ،ئىدىيە ئىلغار بولسا ياخشى بولسا تور بېكەتمۇ شۇنىڭغا مۇناساپ بولىدۇ ،شۇڭا تور بېكەت قۇرغۇچى جاپاكەش قىرىنداشلىرىم نىشان ۋە پىلان بىلەن يىراقىنى ئويلاپ ئىش قىلىش كىرەك ، تەرەققىي قىلىۋاتقان تور بېكەتكە قارىساقمۇ مۇنداق بىر ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ،ئاۋال دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بەزى ئىشلارنى سۆزلەي، بەيدۇ تېخنىكا بىلەن، ئالى بابا(تاۋباۋ- تىيەنماۋ) باشقۇرۇش بىلەن ،تېڭشۈن مەھسۇلات بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئېنتىرنىت ساھاسىگە زور تەسىر قىلىۋاتىدۇ ،ئۇلار بۇ ساھەدە گەرچە رەقىب بولىسىمۇ مۇھىم جەھەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،بىزدىچۇ مەن كۆپلىگەن تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلارشقان ياخشى مەسلىھەت بار ئىش يوق ئەھۋاللار كۆپ ، ياخشى مىڭىۋاتقان تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ھەمكارلىشىپ بىر چوڭراق ئىش قىلىش بۇرچى بار، لىكىن بۇ ئىشلارنى كۆپلىگەن تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى ئويلىسىمۇ كۆزى يەتمەيدۇ ،نىمە ئۈچۈن بىرسى - بىرىنى كۆرەلمەسلىك ئىغىر ،يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىساق بىز قىلىۋاتقان ئىشلار بەك ئاددىي مۇرەككەپ سالمىقى بار پۇلى ياخشى ئىشلارنى قىلايلى دىسەك كۈچ يەتمەيدۇ،مەبلەخ كۆپ كىتىدۇ يەتمەيدۇ ،خىيال ياخشى دەسمايى يۇق،بىرلىشىپ ئىش قىلايلى دەپ ئويلىساق ئىدىيەدە مەسىلە بار بىرلىشەلمەي يۈردۇق!مېنىڭ تەكلىۋىم بولسا :ئېنتېرنىت تېخنىكا بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ ، كۆمۈلۈپ قالغان تېخنىكا كاتتىلىرى كۆپ ئۇلارنى قىزىش ئۈچۈن مەبلەخ كىتىدۇ ،مەبلەخ نەدىن كىلىدۇ قۇللاش بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ ،ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەخ ئىزدەش كىرەك ،ئېنتېرنىت يىقىندا تەرەققىي قىلغانلىغى ئۈچۈن پۇلى بار مەبلەخ سالغۇچىلار ئېنتېرنىتقا مەبلەخ سىلىشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى بۇ ساھانى چۈشىنىش كەمچىل،بۇنداق ھادىسە بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان، ۋاقىت بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغان!
مەسىلەن :بەيدۇغا ئامېرىكىلىق مەبلەخ سالغان (بەيدۇنىڭ ئاتامىنى ئامېرىكىلىق)،ئالى باباغا ياپۇنلۇق مەبلەخ سالغان(،ئالى بابانىڭ ئاتامىنى ياپۇنلۇق)،تېڭشۈنگە ئافىرىقىلىق مەبلىخ سالغان لىكىن ئىلىپ ماڭغۇچى يانىلا گىپىنى بىز تولا ئاڭلايدىغان لىيەنخوڭ،مايۈن،ماخۇاتېڭ چۈنكى مەبلەخ سالغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ۋە ئىشەنگەن پايدا ئىلىشقا كۆزى يەتكەن،دىمەك تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىمىزدا مۇشۇنداق ياخشى ئىدىيەلەر بارمۇ ،مەبلەخنى پايدىغا يۈزلەندۈرۈپ قىلالايدىغان بۇ بەك مۇھىم ،بىز كۈندە شۇ خەۋەر چىقىرىمىز،سۆھبەت پائالىتى ئۆتكىزىمىز،تېما تەستىلايمىز ،پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش (ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشلار ،ئەجىرىڭلارنى بىرە)، بۇ بىزنىڭ قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئەسلى،قىلىشقا توغىرا كەلسىمۇ رەتكە چۈشكەندىن كىيىن باشقا بىر خىزمەتدىشىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرسەك ،بىز ئۇنىڭدىن قىينراق بولغان مەسىلىنى ھەل قىلساق بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولسا بۇنىمۇ يەنە بىر خىزمەتدىشىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بىرىپ يەنە چوڭراق ئىشلارغا يۈرۈش قىلىش بېكەت قۇرغۇچى يەنە بىرىنچى قول ئاتاماننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىدى،بۇ سىز ۋە مەندىكى مەسىلە ھەممە ئىشىنى زىمىمىزگە ئىلىۋىلىپ ھىرىپ چارچاپ يۇرىيمىز،ئىش جىق دەپ يىتىشەلمەي ،بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەشكە پىلان تۈزۈشكە ۋاقىت يوق قىلغان ئىشىمىز كاتتا بىلىنىپ پەخىرلىنىپ يۇردۇق،قېنى تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ياخشى پېلانى بارمۇ !!!مېنىڭچە ياخشى پىلان بولسا مەبلەخ سالغۇچىلار چوقۇم بار ! بىز تىرىشىلى ئۇخلىساقمۇ بىر كۈن ،ئوينىساقمۇ بىركۈن ،ئىش قىلساقمۇ بىر كۈن ئۆتىدىغۇ !بىر ئىشنى ئويلىغاندا كىينچە ھەي قىلماپتىكەنمەن دىگەندىن قىپتىكەنمەن ياكى سايرامدىن ياكى قاينامدىن چىقىپتىمەن دەپ ئىز قالدۇرغىنىڭىز ياخشىراق!!!!!
2- سىزنىڭ كۈچلۈك بولغان قوشۇنىڭىز بارمۇ؟
بۇنىڭىمۇ شۇ يەنە سۆزلىسەك شۇ پۇل كىتىدۇ ،ئەڭ ياخشى پۇل تىپىۋاتقان تور بېكەتلەر ئېلان كىرىمىگە تايىنىپ كىرىۋاتقان پۇلىنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىنى مۇشۇ قوشۇنغا مەبلەخ سىلىۋاتقانلار بار ،چۇنكى ئۇلار ئېنتىرنېتقا مەبلەخ سىلىۋاتىدۇ ،بۇ يولغا ئىشىنىۋاتىدۇ، كۈچۈك ئىشەنچە بىلەن مېڭىۋاتىدۇ،ھازىر بىزنىڭ ئېنتېرنىت ساھاسىدىن كىرىۋاتقان كىرىم شۇ كارخانلىرىمىزنىڭ قوللىغان ئېلان پۇللىرى google,baidu,taobao ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش تۇردىكى مۇناسىۋەتلىك ئېلان كىرىملىرى خالاس،ئۇنىڭدىن باشقا بىز ياخشى ئىختىساد ئىگىلىرنىڭ مۇئاش ۋە تەمىنات ئىشلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلالمايۋاتىمىز ،يەنە دەپ كەلسەك شۇ پۇلغا تاقىشىدۇ، ئىگىلىك تىكلەيمەن دىگۈچىلەر بۇ تەرەپتە قىيلىنىۋاتىدۇ ،سۈرۈپ ماڭالمايۋاتىدۇ!
مېنىڭچە بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقىمۇ ئۇزۇن قالمىدى, چۈنكى 4G باشلىنىۋاتىدۇ ،باشلاندى ئومۇملاشقاندىن كىيىن ئېنتېرنىت ئىشلىرى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ ئايرىم APK,APP ياساش كەتمەيدۇ،بىۋاستە تور بېكەتنى يانفوندا كۆرەلەيمىز ھەمدە مەشغۇلات ئىلىپ بارالايمىز،شۇنىڭ بىلەن تور بېكەتنى يانفونىمىزدا بىمالال كۆرۈش ئىشقا ئاشىدۇ،ھەممە جەھەتتە تور بېكەتنىڭ قىممەت تېخىمۇ ئاشىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا ئىلىپ كەلگەن قۇلايسىزلارنى 5G چوقۇم ھەل بولىدۇ دىمەك ئاخىرقى ھىساپتا يانفون سىزنىڭ ئەڭ بەك تېخىمۇ يېقىن بولغان نەرسىڭىزگە ئايلىنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دۇنيا تېخىمۇ تارلىشىدۇ،ئارلىق كىچىكلەيدۇ ،نۇرغۇن مەخسەتكە يانفون بىلەن يىتىش بۇ خىيال ئەمەس ئەمىلىيەتكە ئايلىنىدۇ،شۇڭا تور بېكەتچىلەر كۈچلۈك قوشۇننى تەشكىللەپ بۇ پۇرسەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كىرەك ،قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن ھەرگىز ئۈمىتسىزلەنمەي ئالغا قاراپ ئىنتىلەيلى!
3-ياخشى مىڭىۋاتقان تور بېكەتلەرنىڭ يېڭى چىقىۋاتقان تور بېكەتلەرنى يىتەڭلەش ۋە مەسلىھەت بىرىش پۇرچى بار!
يېڭى چىقىۋاتقان تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق كىچىك كۆرۈشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ،ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكتە تورگە ئايرىپ كەسىپلىشىپ مېڭىش ۋە ھىچ بولمىسا جوڭگۇنىڭ سەۋىيىسىگە ئەگىشىپ مىڭىشدەك ياخشى يۈزلىنىش بار ،مەسىلەن ئۇنۋېرسال تور بېكەت چقىقانتى بىزدە بار ،مۇنبەر چىققانتى بىزدە بار ،بىلوگ چىقانتى بىزدە بار بولدى ،مىكرو بىلوگ چىققانتى ئۇمۇ بار بولدى ،APK,APPلار چىققانتى ئۇمۇ بىزدە بار بولدى ،بىز ئۇيغۇرلار شۇنى دەيمەن دۆت ئەمەس،بۇندىن كىيىن نىمە چىقىدۇ چوقۇم بار بولىدۇ !،دىمەك بىزنىڭ سەۋىيەمىزمۇ خىلى ياخشى ،جوڭگومۇ خەلقئارادىن ئۈگۈنىىۋاتىدۇ ئوخشاش بىر ئىشى ،مەن توردا نۇرغۇن يېڭى چىقىۋاتقان IT ساھاسىدىكى ئىسىل باللارنى ئۈچۈرتىپ تۇرىمەن ،ئۇلارنىڭ خىياللىرىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن،بەزى خىياللىرى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ،شۇڭا ياخشى مىڭىۋاتقان تور بېكەت ئاتامانلىرىنىڭ يېڭى چىقىۋاتقان تور بېكەت ئاتامانلىرنى ئىززەتلەپ يىتەكلەپ مىڭىش ۋە ياخشى خىياللىرىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىرقى ياخشى مىڭىۋاتقان تور بىكەت ئۇنتۇپ قالماڭ سىزمۇ بۇرۇن كىچىك تور بېكەن ئىدىڭىز!
مېنىڭ مۇشۇ IT ساھاسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئېنتېرنىت ساھاسىدىكى قىرىنداشلىرىمغا بولغان تىلىكىمدىن باشقا IT ساھاسىدىكى ئېنتىرنىت ساھاسىدىن باشقا قىرىنداشلىرىم بىلەن شۇنداق ئورتاقلاشقۇم بار!
مەن قىسقارتىپ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى قىسقارتىپلا يازدىم 2014 بولسا يېڭىراق قىياپاتتە كونىچە ئۇسسۇلدا ئەمەس ئۆزىمىزمۇ خوش بولغىدەك قىياپەتتە كىرسەك دھپ ئويلايمەن،بۇ مېنىڭ شەخسىىي كۆز- قارىشىم خالاس، قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك يەرلىرىنى قۇبۇل قىلىپ بىرگە تەرەققىي قىلساق مەندىكى خاتا قاراشلار بولسا كۆرسەتمە بىرىشىڭلارنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن!
ياخشى پىكىرلەر بولسا ئورتاقلاشساق.