مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكىدىن بىر مەزگىل ئايرىلغان ئۇستاز لاھىيەلىگۈچى Pierre Cardin ، پارىژدا كىيىم-كېچەك سالونى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر ماركىسى بولغان Maxim’s de Paris نىڭ يېقىنقى بۇيرۇتما كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ ئۇستاز لاھىيەلىگۈچى 1991-يىلىدىن بىرى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرمىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كىيىملىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئاددىيلىققا يوشۇرۇنغان ئېسىللىق گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.