
ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ، يىقىملىق ئاۋازى بىلەن رايونىمىزدىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىز تەرىپىدىن <تەكلىماكاندىكى ئوتلۇق كۈيچى>،<تەڭرىتاغ باغرىدىكى سۈزۈك بۇلاق> دەپ نام ئالغان، ئۇيغۇر مۇقاملىرى، خەلق ناخشىلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئاممىباب ناخشىلىرىنى ياڭراق، ساپ ۋە سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئۇتۇق قازانغان ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز غالىپجان غوپۇر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ۋە شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى زالىدا <سالام خەلقىم> نامىدا نەق مەيدان ئاۋازلىق ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ 8-ئۆكتەبر شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئەل سۆيگەن بۇ ناخشىچىمىز بۇ قېتىملىق ناخشا كىچىلىكىدە، ناخشىلىرىنى ئاممىباپ ئۇسلۇب، ياۋرۇپاچە ئۇسلۇب، مىللىيچە ئۇسلۇپ ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا ئورۇندايدىكەن. شۇنداقلا< شەرق گۆھىرى> دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرىمىزنى دۇتار بىلەن، مۇڭلۇق ۋە ئىجادىي ناخشىلىرىنى گىتار بىلەن نەق مەيدان ئاۋازىدا ئورۇندايدىكەن.

غالىپجان غوپۇر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرىدا غالىپجان غوپۇر يىغىنغا كەلگەن ھەر قايسى تاراتقۇلارغا كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە <ئىنساپ تىلەيمەن> دېگەن ناخشىسىنى ئىيتىپ بەردى
ناخشا كىچىلىكى ۋاقتى : 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دا.
ناخشا كىچىلىك ئورنى : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش چوڭ زالى.
ناخشا كىچىلىكى بىلەت باھاسى : 80 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە.
بىلەت سېتىلىش ۋاقتى : 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.
بىلەت سېتىش ئورنى : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ۋە ھەر قايسى چوڭ ئۈن-سېن بۇيۇملىرى دۇكىنى.
ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يىڭى پىلاستىنكا ئىلان قىلىش ۋە ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات 7»نىڭ سىنارىيەسى ئۆزگەرتىلدى
«يامغۇردىكى ئىلتىجا» فىلىمىنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات» فىلىمىدىكى پاۋىل ۋولكېر قازا قىلدى
ھۈررەمنىڭ سابىق سۆيگىنى ئالا كۆڭۈللۈك قىلدى
Pierre Cardin پارىژدا نەپىس كىيىملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
سۇلتان سۇلايماننىڭ خانىمى ھۈررەمنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
قىسقا كۆينەك كىيگەن خانىملارنى جازالايدىغان دۆلەت
4G نىڭ نەخ مەيدان سىناقنى كۆرۈپ باقايلى!
ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ھەققىدە ئاقيولنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي ‹‹دۇنيا كارتىن شەخسلىرى›› نامزاتىغا كىردى
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 بولغان ئاجايىپ ئەقىللىق بالا
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىگە زور تەسىر قىلدى
ئوغرىلار ئەڭ ئامراق 10 خىل مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
