• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جاڭ ياڭياڭنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىسى‹بورانلىق كېچە› ۋە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا سەھنىدىن چېكىنىشى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-10 19:09:25
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    9-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا، 2013-يىللىق‹شادىمان يىگىت› پىروگراممىسىنىڭ ئىلگىرى شاللىنىپ كەتكەنلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىش پۇرسىتى يارالغان بولۇپ، نەچچە مەيدان قاتتىق تىركىشىش باشلىنىپ كەتكەن. قايتىدىن تىرىلگەن‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› جاڭ ياڭياڭغا جەڭ ئېلان قىلىپ، جاڭ ياڭياڭنى مەغلۇپ قىلىپ مەملىكەتلىك ئالدىنقى ئالتە كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. جاڭ ياڭياڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كىرىشتۈرۈلگەن‹بورانلىق كېچە› ناملىق ناخشىسى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرچە ناخشا پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىۋەكەن، تور دۇنياسى، ئېكران يۈزى ۋە نەخ مەيداندىكىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا رەقىبى‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› غا يېڭىلىپ،‹شادىمان يىگىت› سەھنىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئەلەمگە چىدىماي توردا جاڭ ياڭياڭغا قاتتىق قىيمايدىغانلىقىنى، جاڭ ياڭياڭنىڭ سەھنىدىن ئايرىلىشقا نارازى ئىكەنلىكىنى،‹شادىمان يىگىت› پىروگراممىسى يەنىلا جاڭ ياڭياڭنىڭ مۇھەببەت ناخشىلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدىغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن مىكروبۇلۇگلىرىدا ئېلان قىلىشقان.
    نۇرغۇنلىغان‹مەملىكەتلىك ئالدىنقى ئالتە كۈچلۈك› قاتارىغا جاڭ ياڭياڭنىڭ كىرىشىنى قاتتىق ئۈمۈد قىلغان قوللىغۇچىلىرى، 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مۇسابىقىسىدە قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى.‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› ئۆزىنىڭ ئۇسۇللۇق ناخشىسى بىلەن جاڭ ياڭياڭغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنى يېڭىپ بۇ قېتىمقى نامزاتنى جاڭ ياڭياڭدىن تارتىۋالدى.
    دۈشەنبىدىكى قايتىدىن تىرىلىشى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ جۈمە كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس بولغاچقا‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› دىكى سەھنىدىن ئايرىلغىلى 80 كۈن بولغان جۈرئەت ۋە فەن شىچى ئۇزۇندىن بېرى قايتىدىن سەھنىگە قايتىپ كېلىشنى تەقەززارلىق بىلەن ئۈمۈد قىلغاچقا، بۇ ئىككىسى جۈمە كۈنىدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىمەن دەپ بۇ بەش كۈن ئىچىدە ئاران 12 سائەت ئۇخلىغان ئىكەن.
    جەڭ ئېلان قىلغۇچىنى تاللاش باسقۇچىدا، جۈرئەت ۋە فەن شىچى ئىككىسى بىرلىكتە جاڭ ياڭياڭغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ، سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:‹بىز كۈچلۈكلەر بىلەن رىقابەتلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز›. سەھنىدە ئەزەلدىن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان جاڭ ياڭياڭ ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە قوشۇلۇپ سەھنىدە قېلىپ قالىدۇ. جۈرئەت ۋە فەن شىچى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇسۇل ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم ئۇسۇللۇق ناخشا super juniorنىڭ نادىر ناخشىسى ‹U› نى ئورۇنلىغان. بۇ ناخشا ئۇلارنىڭ قايتىدىن تىرىلىپ مۇسابىقە جەريانىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. جاڭ ياڭياڭ بولسا‹بورانلىق كېچە› ناملىق بىر ئۇيغۇرچە مۇھەببەت ناخشىسىنى تاللىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئاۋازى، يۇقىرى ماھارىتى بىلەن پۈتۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مەست قىلغان.
    بىراق ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى شۇ بولدىكى، ئاخىرقى نەتىجىدە ‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› يۇقىرى ئۈستۈنلىكى بىلەن جاڭ ياڭياڭنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ جاڭ ياڭياڭنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر ئېغىر زەربە بولدى. جاڭ ياڭياڭ يۈتيەن بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ۋاقىتتا، باشقا تۆت نەپەر بۇرادەرلىرى ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىشقان. ئەسلىدە بۇ ئالتە بۇرادەر بىر كوللېكتىپ بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە كۈچلۈك ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان، بىراق يېرىم بولدىكى قايتىدىن تىرىلىپ سەھنىگە چىققان‹جۈرئەت ۋە فەن شىچى گۇرۇپپىسى› نىڭ ئېغىر زەربىسى، ئۇلارنى ئايرىۋەتكەن. قوللىغۇچىلىرى مىكروبۇلۇگدا ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىر چوقۇنغۇچىسى مۇنداق دېگەن:‹خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسى نىمىدىگەن ئەخمەق! جاڭ ياڭياڭ ناخشىنى شۇنچە ياخشى، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان تۇرسا، ئۇ نېمىشقا بۇنچە تېزلا شاللىنىپ كېتىدۇ، بۇ جاڭ ياڭياڭغا نىسبەتەن بىر ئۇۋالچىلىق›. يەنە بىر تورداش مۇنداق دەيدۇ:‹ئادەمنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككۈدەك ياخشى ناخشىسى بىلەن شاللىنىپ كەتسە، بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالايمىز؟ جاڭ ياڭياڭنىڭ سەھنىدىن ئايرىلىشقا قەتئىي چىدىمايمەن، جاڭ ياڭياڭ دىگىنىدەك بۇ يازلىق تەتىل ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خۇشال ھەم مەنىلىك ئۆتكەن بولسا، بىز قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنچە مەنىلىك ئۆتتى. بىراق بۇ قېتىم بۇ سەھنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندا ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياشلار ئېقىپ كەتتى، جاڭ ياڭياڭ مەيلى نەگىلا بارمىسۇن بىز ئۇنى مەڭڭۈ قوللايمىز›. يەنە بىر تورداش مۇنداق دەيدۇ:‹بۇ كۆرۈنۈشكە قاراپ راستىنلا چىدىيالمىدىم، مەنلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنىڭ سەھنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، جاڭ ياڭياڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭڭۈ بىرىنچى، بىز ئۇنى مەملىكەتلىك ئالدىنقى ئالتە كۈچلۈك قاتارىدا دەپ ھېسابلايمىز›. يەنە بىر تورداش مۇنداق دەيدۇ:‹جاڭ ياڭياڭ سەھنىدىن ئايرىلسا،‹شادىمان يىگىت› پىروگراممىسىنى كۆرگەننىڭمۇ ئەھمىيىتى قالماپتۇ›.
    جاڭ ياڭياڭ سەھنىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا دېگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزى بولسا:‹مىنى يىغلاتماڭلار بولامدۇ؟ مەن ئەڭ ياخشى ئەسلىمىلىرىمنى ۋە ئەڭ يېقىملىق تەبىسسۇمۇمنى بۇ سەھنىگە قالدۇرسام دەيمەن، شۇڭا بۈگۈن مەن يىغلىماسلىقىم كېرەك›.fkkئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    fkkئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    fkkئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى