تەڭرىتاغ تورىنىڭ بېيجىڭ تېلگىرامىسى: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، مەركىزى شىنجاڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنىڭ 3-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقام ئاساسلىق تېمىسىدىكى " مۇقام باھارى " دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى سەنئەت ئوردىسى، دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا ئۇيۇن قۇيۇپ، كىشىلەر ئۈچۈن مۇقامنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ بەردى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ نۇمۇر قويغۇچىلىرى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىنىڭ دارامىخانىسىدا مانىۋېر ئېلىپ بارغان. پىراگىراما جەريانىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ " ئىنسانلار ئېغىزچە ۋە غەيرىي ماددا مەدىنيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى " (جۇڭگو شىنجاڭ مۇقام ) تېزىملىكىدىكى پارچە " جۇلا " ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىكەن. شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىنىڭ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ جۈرىنى، دۆلەتلىك 1-دەرجىلىك رېژسىسور كۆرەش. رەجەپ بىلەن " جۇلا " نىڭ ئالدىنقى ئەسىردىن بۈگۈنگىچە كۆڭۈلدىكىدەك داۋاملىشىپ كېلىش توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن.
كۆرەشنىڭ دېيىشىچە: " جۇلا " خەلق ئارىسىدا خىرەلىشپ كەتكەن، ھەتتا ئىنتايىن تېزلا يۇقاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. دۆلەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەت مەدىنيىتىنىڭ قىمەتلىك ئەتىۋالىشىغا ۋە ئەھمىيەت بېرىشىگە، ئاسىرشى ۋە قىزىپ چىقىشىغا خەلق ئارىسىدا يۇقاپ كىتەي دەپ قالغان بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت سەنئتىنىڭ قىمەتلىك يادىكارلىقى قايتا قۇتقۇزۋېلىندى ۋە قايتىدىن سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرىنى چاچتى دېگەن.
ئۇ چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەر ئىلگىرى كۆرگەن شادلىق، قىزغىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغىنى، " جۇلا " نىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسۇلى، ئاستا ۋە تېزلىكى ئارىسىدىكى لەرزان رېتىمدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، شۇنداقلا قۇرامىغا يەتكەن قىزنىڭ بايانى، سىپتىلىقى ۋە مەپتۇن قىلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن.
ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشىغا 3 يىل بولغاندىن بىرى، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنۇم پارتىكومىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرجىدە ئىتىبار بىرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئۇيغۇر مۇقامى سەنئىتىنىڭ قوغدۇنۇش كۈچى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن، ئەنئەنىۋىي تارقىتىش شەرتلىرىدە ئېنىق بولغان ياخشىلىنشلار بولغان.
سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر دەرجىلىك ھۆكۈمەت ئالدى-كەينى بۇلۇپ مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ئۈچن 34500000 يۈەن مەبلەغ سالغان، نۆۋەتتە شىنجاڭدا 9 نەپەر دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك مىراسى قىلغۇچى كىشىلەر، 22 نەپەر ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بار ئىكەن.
بۇ مىراس ۋەكىللىرى ھەر يىلى مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تارقاتقان تۇلۇقلىما ياردەم پۇلغا ئېرىشەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتۇنۇم رايۇن مەبلەغ سالغان مىليۇن يۈەنگە يېقىن بولغان پۇل ئارقىلىق شىنجاڭ مۇكام ئانسامبىلىنىڭ ئۆمەك ئورنى ۋە نۇرغۇنلىغان مەشىق ئۆيى، بىر تال زامانىۋىيلاشقان تىياتىرخانا بىلەن مۇناسۋەتلىك ئەسۋاپلار، ئاساسىي جەھەتتىن شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ كەمچىلىكىنى تۇلۇقلاپ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ياخشى بولغان تەرەقىياتلارغا ئېرىشكەن.




ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يىڭى پىلاستىنكا ئىلان قىلىش ۋە ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات 7»نىڭ سىنارىيەسى ئۆزگەرتىلدى
«يامغۇردىكى ئىلتىجا» فىلىمىنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىيات» فىلىمىدىكى پاۋىل ۋولكېر قازا قىلدى
ھۈررەمنىڭ سابىق سۆيگىنى ئالا كۆڭۈللۈك قىلدى
Pierre Cardin پارىژدا نەپىس كىيىملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
سۇلتان سۇلايماننىڭ خانىمى ھۈررەمنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
قىسقا كۆينەك كىيگەن خانىملارنى جازالايدىغان دۆلەت
4G نىڭ نەخ مەيدان سىناقنى كۆرۈپ باقايلى!
ئابدۇكىرىم ئابلىز ، خاسىيەت قۇربانلار يېڭى فىلىم ئىشلىمەكچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىش ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىلىشى!
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ھەققىدە ئاقيولنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي ‹‹دۇنيا كارتىن شەخسلىرى›› نامزاتىغا كىردى
ئۆتۈنمەيمەن ناملىق MTV پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىندى
ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 بولغان ئاجايىپ ئەقىللىق بالا
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىگە زور تەسىر قىلدى
ئوغرىلار ئەڭ ئامراق 10 خىل مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
