• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • گۇڭشىدا 42نەپەر نېرۋا كېسەل دوختۇرخانىدىن قاچتى

    مەنبە : gb.cri.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-07-19 15:27:34
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گۇڭشىدا 42نەپەر نېرۋا كېسەل دوختۇرخانىدىن قاچتىRBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،2013-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 7دىن 50مىنوت ئۆتكەندە ،گۇاڭشى تېڭ ناھىيىسى 3-دوختۇرخانىدىكى 42نەپەر نېرۋا كېسەل كوللىكتىپ دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەن بۇلۇپ بۇ ئىش پۈتۈن ناھىيىنى زىل -زىلىگە سېلىۋەتتى ،ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇۋېينىڭ دىيىشىچە ئۇلار پەقەت ئۆيىنى سېغىنغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن قاچقان ئىكەن .RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    بۇ ئىشنىڭ باشلامچىسى خۇاڭ يوۇ چاۋ 1971-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان بۇلۇپ تېڭ ناھىيىسى تەيپىڭ بازىرىدىن ئىكەن ،ئۇ ئالاھىدە كۈچتۇڭگۈر بۇلۇپ باشقىلارنى ھەيران قالدۇراتتى ،2008-يىلى 3-ئايدا خۇاڭ يوۇ چاۋدا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ قالايمىقان سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قالغان ،كېچىسى ئۇخلىماي ئۇياقتىن -بۇ ياققا مېڭىپ يۈرگەن ،RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    دوختۇرخانا تەرەپنىڭ دىيىشىچە ،خۇاڭ يوۇ چاۋنىڭ كېسىلى بىردە ئېغىر بىردە يىنىك بۇلۇپ قالىدىكەن ،ئېغىرلاشقاندا ئۇ ئەمگەككىمۇ قاتناشمايدىكەن ،ۋە كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىكەن ،2008-يىلى 4-ئايدا خۇاڭ يوۇ چاۋ سەۋەپسىز ئايالىنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغان ،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېڭ ناھىيىلىك 3-دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن ،RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    دوختۇرخانا باشلىقى خۇ چاۋ يۈننىڭ دىيىشىچە خۇاڭ يوۇ چاۋنىڭ ئائىلىسىدىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كېلىپ باقمىغان ،ئۇ بۇ يەرنىڭ كونا بىمارى بۇلۇپ قالغان ،ئۇ دوىتۇرخانىدا كېسىلى ياخشىلىنىپ قالايمىقان سۆزلىمەيدىغان بولغان ھەمدە باشقا بىمارلار بىلەنمۇ چىقىشىپ ئۆتكەن .ئۇنىڭ كېسىلى ياخشىلىپ بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىلەر ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمىگەن ،دوختۇرخانىمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا قوشۇلغان .RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    7-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە دوختۇرلار ئىشتىن چۈشۈپ ،سېستىرالار دورا تارقىتىۋاتقان بۇلۇپ ھاۋا تولىمۇ ئىسق ئىدى ،7دىن 40مىنوت ئۆتكەندە سېستىرا ئادىتى بويىچە بىمارلارنىڭ دورا يىگەن -يىمىگەنلىكىنى ئۇخلىغان -ئۇخلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى ،سېستىرا زېڭ چاۋ جۇڭنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا 7يىل بولغان بۇلۇپ بىمارلار بىلەن مۇناسىۋېتىمۇ ياخشى ئىدى ،ئۇ خۇاڭ يوۇ چاۋنىڭ ياتىقىغا كەلگەندە ئۇ دوسلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ،ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن زېڭ چاۋ جۇڭ ئىشىكنى تاقىماقچى بۇلۇپ تۇرىشىغا خۇاۋ يوۇ چاۋ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ قۇچاقلىۋالغان باشقا بىمارلار زېڭ چاۋ جۇڭدىن ئاچقۇچنى تارتىۋالغان .ۋە ئىشىكنى ئېچىپ تەرەپ تەرەپكە قاچقان .ھەمدە خۇاڭ يوۇ چاۋ زېڭ چاۋ جۇڭنىڭ يېنىدىن 1000يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ يەنە 900يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن .ئۇ قېچىپ بىر جايغا بېرىپ كىشىلەر بىلەن بىللە ئۇيۇن كۆرگەن ،ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن دوختۇرخانا ئۇنىڭدىن نېمىشقا قاچىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ بالىسىنى ناھايىتى كۆرگىسى كەلگەنلىكىنى ھەم دوىتۇرخانىنىڭ ياتىقىنىڭ بەك كىچىك بولغاچقا ئىسسىقتا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىنى دىگەن .تېڭ ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىيۇ شىيەن جېنىڭ دىيىشىچە نۆۋەتتە دوختۇرخانىنىڭ بەزى شارائىتلىرى بىمارلارنىڭ ئېھتىياقىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ،ئەمما ھۆكىمەتنىڭ كۈچ چىقىرىپ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ داۋالاش ۋە باشقا شارائىتلارنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى .RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    RBiئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى دۆلىتىمىز خەۋەرلىرى