خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 15:58 دا ، چىڭداۋ خيلۇڭجىياڭ جەنوبى يولىدىكى تۈمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى دەرۋازىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، 4 ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىدى ، ئادەم يارلىنىش ۋە ئۈلۈم يىتىم كۆرۈلمىدى .
11- ئىيون چۈشتىن كېيىن سائەت 4:50 لەر ئەتراپىدا ، چىڭداۋ سىفاڭ رايۇندا تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغدى ۋە قاتتىق بوران چىقتى . بوران خېيلۇڭجىياڭ جەنوبى يولى 308 - نۇمۇرلۇق رايۇندا بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش مەيدانى دەرۋازىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بىر قانچە ئاپتوموبىلنى بېىسۋالدى . تورداش Leed3120596420 مىكرو بىلوگدا نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتنى ئېلان قىلدى .
سائەت 16:40 تا ، ھەممباب تورىنىڭ مۇخبىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . چىڭداۋ تۈمۈر يولى قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى چوڭ دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ ، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن . بىر دانە شۇاڭلۇڭ دالا ئاپتوموبىلى ، بىر دانە مىتسۇبىشى ئاپتوموبىلى ، بىر دانە شىيەندەي ئاپتوموبىلى ۋە بىر دانە تاكسى بۇ قېتىمقى دەرۋازا ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە زىيانغا ئۇچرىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ، مىتسۇبىشى ئاپتوموبىلى بىلەن شۇاڭلۇڭ دالا ئاپتوموبىلىدا بەخىتكە يارىشا ئادەم يوق بولۇپ ،مىجىلىپ كەتكەن ئاپتوموبىلىدا ئەگەر ئادەم بولغان بولسا ھايات قېلىشى مۇمكىن بولمايتتى . شۇڭا نەق مەيداننى كۆرگەنلەر بۇ ئىككى ئاپتوموبىلغا قاراپ " ئەجەپ تەلەيلىك شوپۇرلاركەن " دىيىشتى .
شىيەندەي ئاپتوموبىلى شوپۇرى لى ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دىدى ، لى ئەپەندى ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت 15:58 دە ، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ جېيلۇجىياڭ جەنوبى يولىغا كىرمەكچى بولغان ، بىراق تۇيۇقسىز بىرنەرسە چۈشۈپ ماشىنىسىنىڭ بىر تەرىپىنى زىيانغا ئۇچراتقان . لى ئەپەندى دەرھال تورمۇز تۇتۇپ كەينىگە قاراپ چۆچۈپ كەتكەن . چۈنكى ياندا بىر دانە ھەيۋەت تۈمۈر دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ ، لى ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى بېىسىۋالغىلى تاس قالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قۇرۇلۇش مەيدانى جۇڭگو 3- تۈمۈر يول تارمىقىغا تەۋە قۇرۇلۇش بولۇپ ، قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ مەسئولى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى :" يامغۇر مەزگلىدە بوراننىڭ كۈچى 12 بالغا يەتكەنلىكتىن دەرۋازا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . نۆۋەتتە نەق مەيدان تېخنىك خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتمەكتە .




مەسىلە بار دەپ قارالغان ‹‹دومېيزى›› سۈت پاراشوگى جۇڭگودا 420 توننا سېتىلدى
گۇڭشىدا 42نەپەر نېرۋا كېسەل دوختۇرخانىدىن قاچتى
چېڭدۇدىكى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلىپ 21 ئادەم يوقاپ كەتتى
گۈيجودا ئىككى ماشىنا ئۆز- ئارا سوقۇشۇپ كىتىپ 3 ئادەم قازا قىلىپ 5 ئادەم يارلاندى
يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 28 ئادەم قازا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئۆلۈۋالماقچى بولغان
چىڭداۋدا تۈمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 4 ئاپتوموبىلنى بېسىۋالدى
بىر ئايال ئېرىنى ئوت قۇيۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن
سىچۈەندىكى لاي - لاتقىلىق قىياندىن ھازىرىغىچە 12 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى
سىچۈەندىكى كەلكۈندە 56 ئادەم قازا قىلىپ ،178 ئادەم يوقاپ كەتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
