بىر ئايال ئېرىنى ئوت قۇيۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن
دۇڭ فامىلىك ئايال بۇ يىل 26ياش بۇلۇپ بالىسى 1ياشقا كىرگەن ئىكەن ،ئۇ ئىزچىل ئېرىدىن ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭدا ئېرىنى ئۆلتۈرۋېتىش خىيالى شەكىللەنگەن ،2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 10ئەتراپىدا دۇڭ فامىلىك ئايال شىڭ پۇ جىياڭ بازىرىدىكى بىر تاللا ماگىزىنىدىن سۇلياۋ چېلەك سېتىۋالغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ بىر موتسىكىلىتنى توسقان ،ھەمدە ئۆزىنى پۇدۇڭ سەنلىن بازىرىدىن دىگەن ،يېرىم يولدا موتسىكىلىتنىڭ مېيى تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ ،موتسىكىلىتنىڭ ئىگىسى موتسىكىلىتقا ماي قاچىلىماقچى بولغان ،دۇڭ فامىلىك ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خادىمىغا سۇلياۋ چىلەككە بىنزىن قاچىلاپ بېرىشنى دىگەن ،ئۇ بىنزىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن ئېرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنى كۆرۈپ بىنزىنى ئۇنىڭغا چېچىپ كەينىدىن ئوت ياققان .فۇ فامىلىك قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن .
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دۇڭ فامىلىك يۇرتىغا قايىتقان بۇلۇپ جامەئەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن ،دەسلەپتە دۇڭ فامىلىك جاۋاپ بېرىشىنى رەت قىلغان بۇلۇپ ئەدىلىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دۇڭ فامىلىكنىڭ نېرۋا كېسىلىنىڭ يوقلىقىنى بېكىتكەن .يېقىندا ۋېنشىڭ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دۇڭ فامىلىكنىڭ دىلوسىنى شاڭخەي شەھەرلىك بىرىنچى سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان .