تېڭشۈن تورى خەۋىرى : سىچۈەندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرىغىچە 56 ئادەم قازا قىلىپ ،بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 7 مىليارت 700 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان بولدى .
جۇڭشىن تورى . چېڭدۇ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلگىراممىسى. مۇخبىرنىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تېلىۋېزىيەلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، سىچۈەن ئۆلكىسىدە جەمئىي 10 قېتىم ھۆل-يىغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، 20 شەھەر (ئوبلاست)، 149 ناھىيە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچىرىغان، ئاپەتكە ئۇچىرىغان ئامما 6 مىليون 750 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 22 گىچە، پۈتۈن ئۆلكە بويىنچە ئاپەت سەۋەبىدىن 56 ئادەم قازا قىلىپ ، 178 ئادەم يوقاپ كەتتى ، 240 مىڭ ئادەم جىددى بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى ، 21 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 7 مىليارت 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن پۈتۈن ئۆلكىدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاپەتنىڭ زىيىنى ئازايتىش ۋە ئاپەتكە قارشى تۇرۇپ جىددى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن سىچۈەن ئۆلكىسى جەمى 38904 نەپەر ساقچى كۈچى (بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋىپسىزلىك ساقچىسى 32707 نەپەر، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسېر –جەڭچىلىرى 3453 نەپەر، قۇراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسېر –جەڭچىلىرى 2744 نەپەر)نى جىددى سەپەرۋەر قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئاپەت جەريانىدا 170135 نەپەر ئاممىنى جىددى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان، 51236 نەپەر ئاممىنى قۇتقۇزغان.

مەسىلە بار دەپ قارالغان ‹‹دومېيزى›› سۈت پاراشوگى جۇڭگودا 420 توننا سېتىلدى
گۇڭشىدا 42نەپەر نېرۋا كېسەل دوختۇرخانىدىن قاچتى
چېڭدۇدىكى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلىپ 21 ئادەم يوقاپ كەتتى
گۈيجودا ئىككى ماشىنا ئۆز- ئارا سوقۇشۇپ كىتىپ 3 ئادەم قازا قىلىپ 5 ئادەم يارلاندى
يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 28 ئادەم قازا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئۆلۈۋالماقچى بولغان
چىڭداۋدا تۈمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 4 ئاپتوموبىلنى بېسىۋالدى
بىر ئايال ئېرىنى ئوت قۇيۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن
سىچۈەندىكى لاي - لاتقىلىق قىياندىن ھازىرىغىچە 12 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى
سىچۈەندىكى كەلكۈندە 56 ئادەم قازا قىلىپ ،178 ئادەم يوقاپ كەتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
