سېستىرا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىغا مەينەت گەپ يېزىلغان قەغەز چاپلاپ قويدى
: 8-ئىيۇل، يۆياڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گاۋ شېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ياش سېستىرا خۇاڭ x ، تاۋ x لەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىغا « مېنى تۇتما، مەن بىر دۆۋە گەندە » دېگەن ھاقارەت قىلىنغان خەت يېزىلغان قەغەزچىنى چاپلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز ئۇلارنى رەسمىي ئىشتىن بوشاتتى.
6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر، يۆياڭ شەھەر ئاھالىسى تاڭ خانىم شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىدى. ئەتىسى سائەت 16 ئەتراپىدا بوۋاق توختىماي يىغلاشقا باشلىدى، تارتىشىش، قۇسۇش، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مېڭە ئىچى قاناش، ئارخىنوئىد تۆۋەنكى بوشلۇقى قاناش دەپ دېئاگنوز قويۇلدى. بوۋاقنىڭ دادىسى جوۋ ئەپەندى سېستىرا ئۇنىڭغا بىر ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ كېسىلى قوزغالدى، دېدى. لېكىن سېستىرا بالىغا ئوكۇل ئۇرغانلىقىنى ئېتراپ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا زىددىيەت ۋە جېدەل چىقتى.
7-ئاينىڭ 4- كۈنى 12دە، تاڭ خانىم ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ 8-بىناسىدىكى كېسەلخانىدا ياتقان بالىسىنى كۆرگىلى بارغان. ئۇ بىر قەغەزنىڭ پلاستېر بىلەن بوۋاقنىڭ يۈزىگە چاپلاپ قويۇلغانلىقىنى، قەغەزگە « مېنى تۇتما، مەن بىر دۆۋە گەندە » دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى.
ھاقارەت قىلىنغان بۇ خەتنى كىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا چاپلاپ قويدى؟ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى شۈ گاۋشېڭ تاڭ خانىمنىڭ گېپىنى ئېتراپ قىلمىدى. ئۇ مۇخبىرغا، يېڭى كەلگەن ئىككى سېستىرا كېسەلخانىدا بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە قەغەز چاپلاپ چاقچاق قىلىشقانلىقىنى، بالىنى كۆتۈرگەندە قەغەز ئېھتىياتسىزلىقتىن بالىنىڭ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسىلە بار دەپ قارالغان ‹‹دومېيزى›› سۈت پاراشوگى جۇڭگودا 420 توننا سېتىلدى
گۇڭشىدا 42نەپەر نېرۋا كېسەل دوختۇرخانىدىن قاچتى
چېڭدۇدىكى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلىپ 21 ئادەم يوقاپ كەتتى
گۈيجودا ئىككى ماشىنا ئۆز- ئارا سوقۇشۇپ كىتىپ 3 ئادەم قازا قىلىپ 5 ئادەم يارلاندى
يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 28 ئادەم قازا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئۆلۈۋالماقچى بولغان
چىڭداۋدا تۈمۈر يول قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 4 ئاپتوموبىلنى بېسىۋالدى
بىر ئايال ئېرىنى ئوت قۇيۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن
سىچۈەندىكى لاي - لاتقىلىق قىياندىن ھازىرىغىچە 12 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى
سىچۈەندىكى كەلكۈندە 56 ئادەم قازا قىلىپ ،178 ئادەم يوقاپ كەتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
