yf9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
yf9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاخشىمى،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جىياباۋ دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش سارىيىدا ۋاسكېتبول مەشىق قىلىپ، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە دۇڭچىڭ رايونى ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى بىرلىشىپ تۈزۈىگەن ئەترەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا ۋېن جىياباۋ كۆرسىتىپ:« ھەممەيلەن بىرلىكتە مەشىق قىلايلى». ئەڭ ئاخىرىدا ۋېن جىياباۋ ئوينىغا كوماندا 60 گە قارشى 54 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
«دۇڭ» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ مۇسابىقە رەسىمى باشلاندى. رېپېرى توپنى ئاسمانغا ئېتىشى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالار ھەرىكەتكە كەلدى. زۇڭلى ۋېن جىياباۋ توپنى سالماقلىق بىلەن ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم باشلىدى، بىر ئۆلچەملىك ئۈچ قەدەم ئېلىپ توپنى كارغا قارىتىپ تاشلىدى، توپ كىرىپ نۇمۇر ئالدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقا قىزىل، ئاق كىيىملىك كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك. ۋېن جىياباۋ زۇڭلى ئاق كىيىملىكلەر كوماندىسىدىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ۋاسكتېبول ماھىرلىرى لىيۇ يۈدۇڭ( ئىلگىرى CBA بولغان)، جاڭ يۈنسۇڭ( ئىلگىرى 2004-يىلى ئافىنا ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا سەككىزىنچى بولغان) لار بىلەن بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى. قىزىل كىيىملىك كوماندىدىن ئادىلجان ( ئىلگىرى جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا ئاساسلىق قوغدىغۇچى بولۇپ مۇسابىقە ئوينىغان)، لى كى( ئىلگىرى 2004-يىلى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يىغىپ تەربىيىلەش تېزىملىكىگە كىرگەن،ئافىنا ئولمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بارىغان)لار تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئۇلاردىن تەشكىلەنگەن كوماندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇڭچىڭ رايونلۇق ئوركانلار، مەكتەپ، كارخانا، كەسپى ئورۇنلاردىكى ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى كېلىپ بۇ مۇسابىقىگە ئىشتىراھ قىلدى.

زۇڭلى ۋېن جىياباۋ تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ۋاسكېتبول ھەۋەسكارى. رەسىمدىكى ماتېرىيالدا: 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋېن جىياباۋ ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول ئەتىرتىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇ بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىك ئۈچ قەدەم ئېلىپ توپ سېلىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىپ قويغان.

ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ۋېن جىياباۋنىڭ ۋاسكېتبول ئويناش تېخنىكىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. رەسىمدە ۋېن جىياباۋ (ئالدى رەت ئوڭدىن بىرىنچىسى). بۇ رەسىم 1955-يىلى تارتىلغان.

yf9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى