
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۈرىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى 10-سېنتەبىر شىنياڭدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن رىقابەتلىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 0 دە 1 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسىغا جەمئىي 6 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چېمپىيون بولغان كوماندا ئۈچ ئالتۇن مېدالغا، ئىككىنچى بولغان كوماندا ئىككى ئالتۇن مېدالغا، ئۈچىنچى بولغان كوماندا بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوخشاشلا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە چېمپبيون بولۇشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشسە، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەتتى، شۇڭا ئىككىلا كوماندا بۇ قىممەتلىك مېدال ئۈچۈن قاتتىق كۈچىدى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى كوماندا ئۆز-ئارا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 6-نومۇرلۇق ماھىرى ئەسئەتجاننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان بولۇپ، قارشى تەرەپكە توختىماي تەھدىت ئېلىپ كەلدى. گەرچە ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىگە كۆپ قېتىم تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق توپ كىرگۈزەلمىدى، نەتىجىدە ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 0 دە 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا، جېجياڭ كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قالقاندەك مۇداپىئەسى ئاستىدا توپ كىرگۈزەلمىدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ۋاراتارى ئېرجېتنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مېنۇت بولغاندا جېجياڭ كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كرگۈزۈپ بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئارقىدىنلا بىر توپ كىرگۈزۈۋالغان بولسىمۇ بىراق ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ھېساب قىلىنمىدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ پۇتبول تۈرى بويىچە 4- بولدى.
ۋېن جىياباۋ بىلەن سابىق ۋاسكېتبول ماھىرىلىرى «تىركىشىپ» قالدى
خان مادرىد ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان غەلبىسىگە ئېرىشتى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈردى
بوسسو: كاسسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە قوشۇلدى
ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقىسى سەۋەبسىز ئىتالىيە ئۆز دۆلىتىدە ئۆزكۈزۈشنى بېكىتتى
برازىلىيە كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 0:3 يەڭدى
مىسسى مارادونا دىن ئېشىپ كەتتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن گۋاتېمالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بولتى چېمپىيون بولدى ھەمدە F1 ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېرىپ كوچا ئۇسۇلى ئوينىدى
مانچېستىر كوماندىسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىدىكى چىقىمى ئېشىپ كەتتى.
پېلى: ئىتالىيە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن
بارىنىڭ توي ۋاقتى بېكىتىلدى
C.رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى مېسسىدىن يۇقىرى
خان مادرىد چولپىنى بېل «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالاندى
ۋېن جىياباۋ بىلەن سابىق ۋاسكېتبول ماھىرىلىرى «تىركىشىپ» قالدى
خان مادرىد ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان غەلبىسىگە ئېرىشتى
شىرئەلىجان CBA نىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئىشلىدى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈردى
توپ مەستانىلىرى تەلەپ قىلغان 2 مىڭ فوندستېرلىڭلىق 10 مىنۇتلۇق مۇسابىقە
ئوت كوماندىسىدىكى لېنلان چېمپىيونلۇق تەنتەنىسى ئۆتكۈزدى
برازىلىيە كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
