خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ۋېلىشلىق چولپان بېلنىڭ باش ئاغرىقلىرى تۈگىمىدى. تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن خان مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن بېل خان مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان بىر ئاي ئىچىدە 3 قېتىم يارىلانغان بولۇپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن پەقەت 132 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق بۈگۈن بىر خۇشخەۋەرنى تاپشۇرىۋالدى، يەنى بېل 2013-يىللىق «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالانغان ئىدى.
«ئاس» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ۋېلىش توپ مەستانىلىرى سايلاپ چىققان بولۇپ، بېلنىڭ گەرچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توتىنھام كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ۋە 44 مەيدان مۇسابىقىدە 26 توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بۇ قېتىملىق رىقابەتتە باشقا رەقىبلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ «ۋېلىش پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالانغان.
بېل بۇ قېتىم يارىلىنىش سەۋەبلىك ۋېلىش كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان، ھەمدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا قېلىپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرغان. تۈنۈگۈن بېل سائەت 8 دە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشىق بازىسىغا كىرگەندىن كېيىن تاكى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:15 دە ئاندىن مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلغان.
بېلنىڭ ھازىرقى نىشانى بولسا 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى ھالىتىنى نامايەن قىلىش بولغان. بېلنىڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ بېسىم بولغان، ئۇ ھازىر مۇسابىقىگە كۆپرەك قاتنىشىپ ياخشى ھالەتنى تېپىشنى ۋە بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە بېل بەلكىم كېلەر ھەپتە ئاخىرىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن مالاگا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.
بېل بىلەن تەڭ مەيدانغا چىقىش ئېھتىماللىقى بولغىنى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىزچىل يارىسىنى داۋالىتىۋاتقان ئوتتۇرا مەيدانچى شاۋى ئالۇنسو بولۇپ، تۈنۈگۈن شاۋى ئالۇنسومۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلغان. كېلەر ھەپتە ئاخىرىدىكى مالاگا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى بۇ قوماندانىمۇ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بېل بىلەن ئالۇنسونىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ياخشى ھالىتى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولىدىغان جەڭگە قاتنىشىش ئىكەن.