<<ۋاڭيى تورى>> تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، 2013- يىللىق ستانكۋېچ لوڭقىسى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جۇڭگو لەنجۇ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئاۋسترالىيە ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندا ئەزاسى سۈن تۇڭلىن 20 نومۇر ئىلىپ، ئاخىرى ئۇلار 59- 64 نەتىجە بىلەن ئاۋسترالىيە دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى، ھازىر دۆلىتىمىز ئەرلەر ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسى بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى.
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن پەقەت ئىككى ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى سۈن تۇڭلىن 20 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم قالپاق كىيدۈردى؛ دۈەن جياڭپېڭ 13 نومۇر ئالدى؛ سۈي شياۋچۈەن بەش نومۇر ئالدى؛ جۇڭ چېڭ يەتتە نومۇر ئالدى؛ سېڭ لىنشۈ ئۈچ نومۇر ئالدى؛ چاڭ لىن بەش نومۇر ئالدى.
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە، دۆلىتىمىز ئەرلەر ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى يەنى ئۇلار كۈچلۈك مۇداپىئە قىلغاندىن سىرت يەنە تېز ھۇجۇم قىلدى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزاسى دۈەن جياڭ پېڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن يەتتىنى چۈشۈرۈپ جەمئى 29 نومۇر ئالغانىدى.
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
Efsئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى