• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تور سودا دۇكىنى ئېچىش شەرتلىرى ۋە تور سودىسىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-12-13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    تور سودا دۇكانلىرى ئېچىش ۋە توردا سودا قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۈستۈنلىكى ۋە قولايلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، ئۇ ھامان « ئۈجمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش » دېگەندەك ئاددى ئىش ئەمەس . مەيلى تور دۇكىنى ئېچىپ تور سودىسى قىلىش بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋىلىش بولسۇن ، ئۇنىڭغا مەلۇم ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپكە نېسپىتەن ئېيتقاندا ، ئورتاق بىر شەرت بار ، بۇنى چوقۇم ھازىرلاش كېرەك .ئۇ بولسىمۇ ، تورغا ئۇلانغان بىر كومپىيۇتېر بولۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلىشتىن ئىبارەت . تورغا چىقىشنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشى تور دۇكانلىرىدىن مال تاللىيالايدۇ ۋە سېتىۋالالايدۇ . ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دە بۇ شەرت ھازىرلانغان .
    ھالبۇكى ، تور دۇكىنى ئاچماقچى بولغان كىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ . ئۇ يەنە مۇئەييەن سودا كەسپى ساپاسىغا ئېگە بولىشى ، يەنى سەمىمى ، ئادىل بولۇش روھىغا ئېگە بولىشى ،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روھىغا ئېگە بولىشى ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش روھىغا ئېگە بولىشى ، بازار ئەھۋالىنى ئېگىلەشنى بىلىش ، سودا پۇرسىتىنى تۇتۇشنى بىلىش، كومپىيۇتېرغا مال كىرگۈزۈش ، مال ئەۋرىشكىلىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ئۇنى تور دۇكىنى بوشلۇقلىرىغا تىزىش ، كۆرگەزمە قىلىش ، مال تۈرلىرى كۆزنەكلىرىنى كۆركەم قىلىپ لايىھەلەش ( كومپىيۇتېر كەسپى لايىھەلىگۈچى خادىملىرىنى لايىھەلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە) ، ماللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە باھاسىنى يېزىش ، تورداشلار (مال سېتىۋالغۇچىلار) بىلەن سىردىشىش، مودا بولىۋاتقان ماللارنى بىلىش ، تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن سودىلىشىشنى بىلىش قاتارلىق ئاساسى سودا ساۋاتلارغا ئېگە بولىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ، تور دۇكىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ، ئۆگۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ، دوست تۇتۇشقا ماھىر بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى بىلىش كېرەك . دېمەك ، تور دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇنۋېرسال ساپاغا ئېگە بولۇش كېرەك . ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلىشتا زۆرۈر بولغىنىدەك ، تور دۇكىنى ئېچىشتىمۇ ياخشى روھى ھالەتنى ھازىرلاشقا تورا كېلىدۇ . تور دۇكىنى ئاچقۇچىلار ئۆزىگە ئىشىنىپ، توغرا دەپ بېكىتكەن نىشاندا چىڭ تۇرالىشى ، ، جاپا ئىچىدىن راھەت تېپىشنى بىلىشى، ئىشچان ، تىرىشچان بولىشى ، بىر كۈندىلا باي بولۇش كويىدا بولماسلىقى ، مەغلۇبىيەت ئىچىدىن ساۋاق ئىزدەپ ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە يول ھازىرلىيالايدىغان بولىشى ، ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك روھىغا ئېگە بولىشى كېرەك .
    باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كومپىيۇتېر ساۋاتى بەك تۆۋەنلەر ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىشقا كۆنۈپ قالغانلار، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنىلا ئارزۇ قىلىدىغان، غايە ۋە مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغانلار ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشنى خالىمايدىغانلار ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغالار، يېنىدا مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئۇرۇغ تۇققىنى ، دوستى يوق ياكى ئاتا ئانىسى ، جۆرىسى بۇ ئىشنى قىلىشقا قارشى تۇرغانلار ، مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى يوقلار ، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشتىن ھوزۇرلۇق دەپ قارايدىغانلار ، بىر كۈن ئىشلەپ ئىككى كۈن ئارام ئالىدىغانلار ،قىسقا ۋاقىتتىلا تېز بېيىپ مىلىيۇنىر بولۇپ كەتسەم دەيدىغانلار ، سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن سودىدا ساختىپەزلىك قىلىپ ، ھارام پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار ، مېڭىسىنى ئىشلەتمەي ، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا ئىش قىلىدىغانلار ، ئارقا ئىشىكتىن قاتراپ ، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ يول تېپىشقا كۆنۈپ قالغانلار ، مۇلازىمەت قىلىش روھى يوق ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ژۈك دەپ بىلىدىغانلار ، يېزىق ساۋادى ۋە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى يوق كىشىلەر شەرت ھازىرلىنىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى توردا دۇكان ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم.
    توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىكى ماللارنىڭ نامى ، تىپى، مالنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىنى ئەستائىدىل كۆرۈپ ، ئاندىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم . مەشغۇلات قىلىشتا قىيىنچىلىق بولغاندا ،مال سېتىۋېلىشتا خاتالىق سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تور مەشغۇلاتىغا بىر قەدەر پىششىق كىشىلەرنى يارىدەملىشىپ مەشغۇلات قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك .
    توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار مال سودىگىرىدىن مالنىڭ ئېۋەرتىلىش ۋاقتى ، قايتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش مۇھلىتى ، ھەقسىز رېمۇنت قىلىش ، ئاسراش مۇھلىتى قاتارلىقلارنى سوراپ بىلىۋېلىشى ياكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىن ئېنىق بىلىۋېلىشى ۋە مال سودىگىرىنىڭ ئادېرىسى ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم . شۇنداق قىلغاندا ، بەزى بىھۇدە ئۇقۇشماسلىقلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ .
    توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقتىن ياكى مالنىڭ خاتا ئېۋەرتىلىپ قېلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، مال تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، ئادېرىسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرلىرىنى توغرا يوللاپ بېرىشى كېرەك .
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تور سودىسى