• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • CPA ، CPC ، CPS ، CPV CPM قاتارلىق تور ئېلان شەكلى ھەققىدە

    مەنبە : تور سودا بلوگى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    تور ئېلاننى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە ، تارىختىكى ئەڭ ئاددىي بولغان قىسقا ئۇچۇر ، رەڭلىك قوڭغىراقتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى ، ئېلان شەكلىدە  ناھايىتى چوڭ شەكىلىدە ئۆزگىرىپ نۆۋەتتكى CPA ، CPC ،CPS ، CPV ، CPM قاتارلىق كۆپ خىل بولغان ئېلان شەكىللىرى بارلىققا كەلدى . تورلاردا CPA ۋەCPC قاتارلىق ئېلان شەكلىرى ناھايتى  ياخشى تەرەققىي قېلىۋاتىدۇ .بۇ ئېلان شەكلىرىنى بېكەت باشلىقى ۋە بىلوگىرلار بىلىشكە تېگىشلىك ئېلان شەكللىرىدۇر، بۇنىڭ بېكەت ۋە بلوگنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ …YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPA بولسا چۈشۈرۈش ۋە تىزىملىتىش (ئەزا بولۇش) مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندا ھەق ھېسابلايدۇ. CPC چېكىلگەندە ھەق ھېسابلايدۇ، CPC مۇۋاپىقيەتلىك سېتىپ چېقارغاندا ھەق ھېسابلايدۇ، CPV كۆرۈلۈشىگە ھەق ھېسابلايدۇ، CPM كۆزنەك سانىغا ھەق ھېسابلايدۇ..YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPA: ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى (Cost PerAction)  بىر خىل ئېلاننىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن ھەق ھېسابلايدىغان ئېلان شەكلى ، دەل ۋاقتىدا قايتىدىغان ئۈنۈملۈك سۇئال-جاۋاب ياكى بەلگىلەنگەن تالونغا ھەق ھېسابلاش، بەزىدە ئېلانغا قويۇش سانى چەكلەنمەيدۇ ، CPA نىڭ ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى بېكەتكە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار،بىراق قويغان ئېلان مۇۋاپقيەتلىك بولسا ، ئېلان كىرىمى CPM ئېلان شەكلىدىن خىللا يۇقىرى بولىدۇ، كېيىنكى يازمىدا دۆلىتىمىزدە ياخشى دەپ قارىلىدىغان بىر قانچە CPA ئېلان ھەمكارلىقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPC: ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per Click؛Cost Per Thousand Click-Through).. بولسا ئېلاننىڭ چىكىلىگىنىگە قاراپ ھەق ھېسابلايدۇ ، ھەر بىرى ئېلانىڭ ھەر بىر IP دا چېكىلگەن قېتىم سانىنى ھېساب قىلىدۇ. بۇ ئېلان نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان ئېلان شەكلى ھېسابلىنىدۇ . Google  ۋە   Baidu ئېلانلىرى ئاساسەن مۇشۇ شەكىلىدىكى ئېلان ھېسابلىنىدۇ ..YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPM : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى (Cost Per ThousandImpression) بولسا ئېچلىغان كۆزنەك سانى ۋە ياكى ئومۇمى كۆرستىلشگە ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ، بۇ خىل ئېلان ئۈنۈمى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بىراق زىيارەت سانى ياخشى بولغان بېكەتكە ۋە بلوگقا نىسبەتەن مۇقىم بولغان كىرىم يارىتالايدۇ. CPM ئېلان ھەمكارلىق سۇپىلىرىمۇ بەك كۆپمۇ ئەمەس ، بىراق بەزەن ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش ئېلان شەكىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ ..YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPS : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per Sales)  مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىپ چىقارغان سانىغا ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ، بۇ خىل ئېلان تور سودا ، ئۇلىنىش بېكەت قاتارلىق بېكەتلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ ، بۇ ئېلان شەكلى ھەممە بېكەتلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ ، بۇ ئېلاننى قويۇشتىن بۇرۇن بېكەت يۇقىرى زىيارەتكە ئېگە بولۇشى ياكى SEO نى ياخشى بىلىشىمىز تەلەپ قېلىنىدۇ . نۆۋەتتىكى 淘宝联盟 دەل مۇشۇنداق ئېلان شەكىلىنى ئاساس قىلغان .YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPV : ئىنگلىزچە تولۇق ئاتلىشى (Cost Per View)   بۇ ئېلان شەكىلنى توردا ھەرخىل ئاتايدۇ ، مەنمۇ بەك چۈشىنەلمەيدىغان ئېلان شەكىللىرىنىڭ بىرى ، ئادەمگە CPC ئېلان شەكلى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ..ئېلان قويۇلغان بېكەتنىڭ ئېچىلىش سانىغا ئاساسەن ھەق ھېسابلايدۇ ، بىر قېتىم ئېچىلسا بىر قېتىم ھەق ھېسابلايدۇ…YSEئاقيول تور بىكىتى

    ئېلان شەكىلنىڭ ئۆزگىرىپ كۆپ خىل بولۇشى تور ئېلانىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى، ئېلان مەڭگۈ ئېلان بەرگۈچىنىڭ كىرىمى ۋە ئۈنۈمگە ئەڭ يۇقىرى بولۇشىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، بېكەت باشلىقى بولسا ، ئۆزىمىزنىڭ بېكەتنى ياخشى قىلىپ ، ئەڭ ياخشى ئىشەنچلىك ئېلان سۇپىلىرىنى تاللاپ كۆپرەك كىرىم قىلساقلا بولىدۇ (بۇ بېكەتنىڭ كىرىمىگە ئاساسەن دېيىلگەن گەپ ھەرگىزمۇ تور بېكەتنى پۇل تېپىش ئۈچۈنلا قۇرىمىز دېگەن گەپ ئەمەس تورداشلارنىڭ خاتا چۈشۈنۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلمەن) .YSEئاقيول تور بىكىتى

    CPA، CPC ، CPS ، CPV ، CPM  قاتارلىق ئېلان شەكلىدە توختىلىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، ئاللا خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشەنچلىك بولغان ئېلان ھەمكارلىق سۇپىلىرى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەر خىل ئۇسۇلىدا بېكەتنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا يازما يوللايمەن ..YSEئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مېنىڭ ئىلان سۇپىلىرى ھەققىدە تۇنجى قېتىم يازما يوللىشىم بولغاچقا نۇرغۇن كەمچىلىك ساقلانغان بولۇشى ھەم ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويغان ياكى مەزمۇنلار چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، كېيىن چوقۇم ياخشى يېزىشقا تېرىشمەن ، ۋاقتىنچە تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلمەن ..YSEئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز
    يىڭىلانغان كومپىيۇتىر بىلىملىرى
    ئەڭ يىڭى تور سودىسى