پۇل تۆلەش گۆھىرىگە پۇل قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ ھەمدە مال سېتىۋالغاندا بىۋاستە ھالدا پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى قالدۇق سومما ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز ئىنتايىن قۇلايلىق بولىدۇ.
1. تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. سىز پۇل تۆلەش گۆھىرى شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان خالىغان بىر بانكىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق، توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىنلا پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا بىۋاستە پۇل قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
2. باغلانما كارتا (卡通) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىز ئۆز-ئارا باغلانغاندىن كېيىن، سىز پەقەت پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى ئارقىلىقلا پۇل قاچىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. نۆۋەتتە، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى (شىنجاڭ ئىچىدە يوق)، پوچتا پۇل ئامانىتى باغلانما كارتىسى قاتارلىق ئون نەچچە بانكا بۇ مۇلازىمەتنى قوللايدۇ.
3. پوچتىخانا ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پوچتىخانىغا بېرىپ، «تور پېرىۋوتى e كەسپىنى» (网汇e 汇款业务) بىجىرىمەن دېسىڭىز، مۇلازىمەتچى خادىم سىزگە بىر دانە تالون بېرىدۇ. تالوننى تەلەپ بويىچە تولدۇرۇپ، پۇلنى مۇلازىمەتچى خادىمغا بېرىسىز (ئەڭ تۆۋىنى 2 يۇەن، يۇقىرىسى 50 يۇەنگىچە مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ)، ئاندىن سىز مەخپىي نومۇر بېكىتكەندىن كېيىن، سىزگە يەنە كىچىك بىر تالون بېرىدۇ، ئۈستىدە تالون نومۇرى بار. ئاشۇ تالون نومۇرى ۋە ئۆزىڭىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر ئارقىلىق پۇلىڭىزنى توردا (پەقەتلا توردا) چىقىم قىلالايسىز. ئەمدى مۇشۇ پۇلنى پۇل تۆلەش گۆھىرىگە قاچىلاش ئۈچۈن، پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا كىرىپ، پۇل قاچىلاش دېگەن جاينى باسقاندىن كېيىن، «تور پېروۋوتى e» ئارقىلىق قاچىلاشنى تاللاپ، قولىڭىزدىكى تالون نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا بولدى. (تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزمىغان ۋە قانداق ئاچقۇزۇشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدا سىزنىڭ تور بانكىڭىز بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، پوچتىخانىغا نەق پۇل كۆتۈرۈپ بېرىپلا بىجىرەلەيسىز).
4. بانكا (تور مۇلازىمەت پونكىتى 网点)غا بېرىپ پۇل قاچىلاش . سىز يەنە بىۋاستە بەلگىسى بولغان تىجارەت زاللىرىغا بېرىپ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ قىممەت تولۇقلاش نومۇرى (充值码) نى سېتىۋالسىڭىز ياكى توردىن مال سېتىۋالغان چاغدىكى زاكاس تالونىغا بىۋاستە پۇل تۆلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا نەق پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ، كارتا سىيرىپ پۇل تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5. دوستلىرىڭىز ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىش. ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتى بار بولۇپ ھەمدە تور بانكا مۇلازىمېتى ياكى باغلانما كارتا مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغان بولسا (قىسقىسى، دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلىشى سىزدىن ئاسان بولسا) ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتى بىلەن سوممىسىنى دوستىڭىزغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ.
6. بىرلەشمە كارتا (百联卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. ئىستىمال كارتىسى بولسا، سودىگەر تارقاتقان، كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە پۇلنى كارتىغا يۆتكەپ ساقلايدىغان، سودا قىلغاندا پۇلنى بىۋاستە كارتىدىكى قالدۇق سوممىسىدىن تۇتۇپ قالىدىغان، ئالدىن پۇل تۆلەش شەكلىدىكى بىر خىل كرىدىت كارتىسى. سىز ئىستىمال كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىزنى پۇل تۆلەش گۆھىرى تەمىنلىگەن پۇل قاچىلاش يولى ئارقىلىق پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىڭىزغا ئاغدۇرسىڭىز بولىدۇ..
7. تېلفۇنغا قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت ئىچىدىكى «ئالەم كېزەر» (全国神州行卡)، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ «بىر كارتا بىلەن قىممەت تولۇقلاش» (联通一卡充) كارتىسى ئىچىدىكى پۇلنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
8. قۇلايلىق كارتا (便利通卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يەنە قۇلايلىق كارتىدىكى پۇلىنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ھېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەت پۇل قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم، تەپسلىي مەشخۇلات جەريانى داۋاملىق سۆزلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ، چوقۇم قىلالايسىز!