
         باھار بايرىمى مەزگىلىدە مۇخبر ئۈندىداردا نۇرغۇن ئۈندىدار دۇككىنى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار سالونىدىن پايدىلىنىىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرگەن، شەخىسلەر ئالبومىدىن ئبارەت بۇ كىچىك قورالدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغان. مۇتەخەسىسلەر تەھلىل قىلىپ بۇ خىل ئۈندىدار سودىسى قولايلىق تېز، بىراق يەنە نۇرغۇن يوچۇقلار بار دېگەن .
       خېبىي شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ سەننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى ئۈندىدار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ دۇكان ئاچقان، چۈنكى كۆپچىلىك ھەممىسى تونۇش بولغاچقا كۆرۈپ ياقتۇرغان نەرسىسىگە پۇل تاپشۇرغان، ئەتىسى نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ناھايىتى يېڭىچە تۇيغۇغا ئىگە بولغان، ئەمما بەزىلەر يەنە باشقا ئەھۋاللارغىمۇ يولۇققان، ئۇنىڭ بىر دوستى بىر تال كىيىم سېتىۋالغاندا ئۈندىداردا تونۇشتۇرغان بىلەن ئوخشاش چىقمىغان شۇنىڭ بىلەن ئۆزى خۇددى ئالدانغاندەك تۇيغۇدا بولغان.
      خىبىي ئۆلكىسى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى ۋاڭ فىڭ مۇنداق قارىغان ،ئۈندىدار نىمىلا دىگەن بىلەن بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى پەقەت ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان ھىسىيات ئىزھار قىلىشىدىغان سۇپا خالاس ،ئۇنى سېتىشنى تېزلىتىدىغان مەھسۇلات تەشۋىق قىلىدىغان ۋاستە قىلىۋېلىش تازا قاملاشمايدۇ. مۇبادا ئۈندىداردا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلساق ۋە تەمىنلەش ئۇچۇرلىرىنى يوللىغاندا ئېنىقكى دوستلارنىڭ ئەپسۇسلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈندىدار مال سېتۋېلىش سۇپۇسىغا تايانغاندا باھالاش مىخانىزىمى يوق بولۇش، ئىشەنچىلىك كېپىل يوق بولۇش، ئۈچىنچى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى يوق بولۇش قاتارلىق بىرقاتار يوچۇقلار سېتىۋالغۇچىلارغا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن مال يوللاش كېچىكىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن ئىكەن . شۇڭلاشقا ئىستىمالچىلار چوقۇم كۆزىنى چوڭ ئېچىپ ئېھتىياتچان بولۇشى ،ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن .
كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى
كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسىكىسدا نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇشى مۇمكىن
Windows 10  مەشغۇلات سىستېمىسى Android ئەپلىرىنى قوللامدۇ؟
تور بەت ئۇسلۇب ھۆججىتى CSS دىكى ئاتالغۇلار
تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرىپى بار؟
بىخەتەر تورغا چىقىشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل
چىلۇ (qiLu.com)تور نامى 1مىليۇن 980مىڭغا سېتىلىدى
ئۈندىداردا سودا قىلىش قولايلىق ئەمما بىخەتەرلىك جەھەتتە يوچۇق كۆپ
CSS دېگەن نېمە؟
ASP.NET ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
