ئىككى ئىتوت(سىنارىيە)

ۋاقتى: 2015-06-17 / سەھىپە: يازمىلار / ئوقۇلىشى: 2,768 / 0پارچە ئىنكاس ئىنكاس يوللاش

 

بۇزۇق تېلېفون

(ئىتوت)

ئادىلجان ئابلىز

روللاردا:

ئەكرەمجان: مودا كېينگەن، شوخ، ئۈرۈمچى تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان بالا.

تۇراخۇن: ئەكرەمجاننىڭ دادىسى، يېشى 60 تىن ھالقىغان، سەپرا ئەمما ئاق كۆڭۈل ئادەم.

ئايشەمخان: ئەكرەمجاننىڭ ئاپىسى، مېھرىبان كۆيۈمچان ئانا.

 

سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى:

سەھنىدە ئىككى خىل ئۆي مۇھىتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سەھنە سول تەرىپىدە ئەكرەمجاننىڭ ئۆيى، ئېسىل بېزەلگەن مېھمانخانا، ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ساپا ھەم ئۈستەل قويۇلغان. سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەكرامجاننىڭ ئۆيىگە يانداش قىلىپ ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيى سەرەمجانلاشقان بولۇپ، ئۆيدە بىر سۇپا، كونا گىلەم ھەم سۇپىغا كىچىك ياغاچ ئۈستەل،ئۈستىدا ئىككى تال پىيالە ۋە چۆگۈن قويۇلغان.(ئىككى ئۆينى بىر تام ئايرىپ تۇرىدۇ)

 

باشلىنىش:

ئەكرەمجان پۇتلىرىنى ئۈستەلگە قويغان ھالەتتە يېڭىدىن سېتىۋالغان «ئەيپەد» نىڭ كارامىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياتقاچ:

-پاھ… پاھ… مۇشۇ ئامىركىلىقنىزە، دۇنيادىكى ھەممە ۋەقىنى مۇشۇ قىڭراقنىڭ بېسىدەك نەرسىگە كىرگۈزىۋېتىپ، قاراپ ئولتۇرۇپ ئادەمنى كولدۇرلىتىدۇ دېسە… قارا…قارا…ۋاي توۋا، بۇ جانۋار ھېلىقى كونا مەھەللىمىزدىكى زورىخان موماينىڭ چاشقاننى تىرىك يۈتىۋېتىدىغان مۈشىكى دەل شۇغۇ…ما گۇينى قارا تەپ تارتماستىن مېنى دوراۋاتىدۇ-يا… ھا…ھا…ھا… ماۋۇ ئامىركىلىقلار بىزنىڭ دورامچىلىقىمىزنى بىلىپ قېلىپ، قەستەن يېغىرىمىزغا تېگىۋاتامدۇ-يا…ھا…ھا…ھې…ھې…

 

ئەكرەمجان سافادىن سەنتۈرۈلۈپ تۇرۇپ كېتدۇ. ئارقىندىنلا «ئەيپەد» تىن ئەكرەمجاننىڭ گەپلىرى قىزىقارلىق ئاۋازدا تەكرارلىنىدۇ.ئەكرەمجان «ئەيپەد» نى ئۇيان ئۆرۈپ،بۇيان ئۆرۈپ ئۇنىڭ كارامەتلىرىدىن ئەس –ھوشىنى يوقىتىپ، سېھرىگە لال بولۇپ، جىمىپ كېتىدۇ.

 

تۇراخۇن بىلەن ئايشەمخان قوللىرىدا كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە ھېرىپ كىرىدۇ-دە، «ئۇف…ئۇف» دېگىنىچە سۇپىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ.

 

تۇراخۇن:

-توۋا ئاپىسى، قېرىپتۇق جۇما!… ئىۋۇ 100 مېتىر كەلمەيدىغان بازارغا بېرىپ كەلگۈچە پۇت- قوللىرىم ئالمىشىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا بولۇپ كەتتى دېسە… ھەي…قېرىلىق،قېرىلىق… …

 

ئايشەمخان:

«بىگىزنىڭ كونىسى ئۇچلۇق بولىدۇ، ئادەمنىڭ قېرىسى ئۇششۇق بولىدۇ» دېگەندەك سىلىچۇ دادىسى ئىۋۇ 20 يىلنىڭ ئالدىدىلا، ۋاي قېرىدىم، ۋاي ئۆلىدىغان بولدۇم دەپ تاپا –تەنە قىلىۋانتىدىلا، مانا ھازىرغىچە ساپ –ساق تۇرىۋاتىدىلىغۇ…

 

تۇراخۇن:

-ما خوتۇننى، ما خوتۇننى! ئۇ چاغدىكى قېرىغىنىم مەن ئەمەس، پۇتۇم، پۇتۇم قېرىغان…

ئەمدى ئادەمنى تۈزىكىرەك قېرىغىلىمۇ قويمامسىلەر. مەن قېرىماي مۇشۇ پېتى تۇرىۋەرسەم، كېيىن بالىلىرىم قېرىپ كېتىپ، مېنى «ھوي، ئۇكاموي!» دەپ چاقىرىشىپ ئەركىلىتىپ كەتسە، سەن بۇياقتىن مېنى…….

 

ئايشەمخان:

-بولدى، بولدى قىلسىلا دادىسى، كېسىلمىسىلە، سىلىگە چاخچاق قىلىپ قويدۇم. سىلى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ياپياش…ھى…ھى…ھى…

بۇگۈن بىر ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتەي، ئوغلۇم ئەكرەمجانمۇ نەچچە كۈن بولدى كەلمىگىلى،ئاڭلىسام بۇخەلچەم ئون نەچچە كۈنلۈك كاماندىرۇپكىغا كېتىپتىمىش،بىچارە بالام تۈزۈك تاماق يېيەلمەي نەلەردە يۈرگەندۇ تەمتىلەپ…(ئايشەمخان يىغلامسىرايدۇ) ھە ئاسىلا ما كۆكتاتلارنى، قىيسىيىپ قالغان موگۇدەك ئولتۇماي، مەن خېمىر يۇغۇراي،سىلى كۆتاتلارنى ئادالىسىلا.

 

ئىككىسى كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.

 

ئەكرەمجاننىڭ تېلېفونى تۇيۇقسىز سايرايدۇ (تۈرۈكچە شوخ مۇزىكا).

 

ئەكرەمجان:

-ۋەي…ۋەي…ئالو؟ ھە،سەنمىتىڭ، قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟…شۇنداق ئاداش، شۇنداق! مانا بىر ئاي بولمايلا 10 مىڭ سومغا يېقىن پۇل خەجلەپ بىر جۈپ «ئالما»ىلىق بولىۋالدىم دېگىنە…مۇشۇ تاپتا مۇشۇ سېھىرلىك «ئالما» نىڭ مېھرىدىن كوڭلۈمنى ئۈزەلمەي ئىككىسىگە قاراپ ئولتۇردۇم مانا..، نىمە، نىمە دەيسەن؟ ماۋۇ 5000 سوملۇق «ئايفون» دا سۆزلىشىپ تۇرۇپ، ماۋۇ 5000 سوملۇق «ئەيپەد» بىلەن قۇلاق تۈۋىڭگە بىرنى سالايما!  ئالما، ئالما دېگىنە كاساپەت!…شۇ گەپ ئاداش، توغرا دەيسەن، بىز شۇ قىزلاردەك ئالتۇن زىبۇ –زىننەتلەر بىلەن كۆڭلىمىزنى ئاچالمىغاندىكىن مۇشۇنداق «ئەيپەد-پەيپەد» لەر بىلەن كۆڭلۈمىزنى ئاچمىساق… ۋەيتتتت! (ئەكرەمجان قاتتىق كۈلكە بىلەن چىقىرايدۇ) نېمە دېدىڭ، مەن مېھمان قىلامدىم؟ چاتاق يوق ئاداش، چاتاق يوق، مانا ھازىرلام ئالدىڭغا ئۈنىمەن،جىندەك ساقلاپ تۇر.

 

ئەكرەمجان بىر قولىدا «ئەيپەد» نى يەنە بىر قولىدا «ئايفون» نى تۇتۇپ، ئۆرۈپ –چۆرۈپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، بايا ئويناۋاتقان ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرېۋىرىدۇ.

 

تۇراخۇن:

-ئاپىسى ئەكرەمجانغا بىر تېلېفون قىلىپ باقامدۇق-يا، مانا تاماقمۇ تەييار بولۇپ قالدى.

 

ئايشەمخان:

-ھە، قىلسالا، تېلېفوننى مەن توڭلاتقۇغا سېلىۋالمىغاندىكىن…

 

تۇراخۇن:

-ھەي….مۇشۇ ۋاتىلداق خوتۇننىزە…

 

تۇراخۇن تەكچىدىكى تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، نېمىلەرنىدۇر بىرنەرسىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

 

تۇراخۇن:

-ھوي ئاپىسى، كۆزئەينىكىمنى نەگە قويدۇڭ!؟

 

ئايشەمخان:

-مۇشۇ ئادەمنىزە، ھەممە نېمىسىنى مەندىن سورىغان (ئايشەمخان خېمىر يۇقى قوللىرىنى پەشتامبالغا ئېيتىپ ئىچكىركى ئۆيدىن يېنىپ چىقىدۇ)

 

تۇراخۇن:

-ھە، ئەمدى بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇرساق، سەندىن سورىماي 114 دىن سورامتىم، ئەكىلە!…

 

تۇراخۇن كۆزئەينەكنى تاقاپ تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالىدۇ.

 

ئايشەمخان:

-ئاللا- ئاللا تېرىكمىسىلە دادىسى، مانا تېلېفون دەپتىرى.

 

تۇراخۇن:

-ۋاي شۇ قايسى يەرگە يازغان ئۇ نومۇرنى، يا ئېسىدە تۇتقىلى بولمىغان ئادەمنىڭ. بۇرۇنلاردىغۇ بەش خانىلىق نومۇر بىلەنلا نە – نەلەرگە تېلېفون قىلغىلى بولىدىغان، ما زامان تەرەققىي قىلغانسېرى نومۇر ئۇزۇراپ، تېلېفون قىسقاراپ كېتەمدۇ نىمە. ھە، قايلاپ تۇرماي ماۋۇ سېرىق سىم بىلەن قىىزىل سىمنى بىر –بىرىگە تەگكۈزۈپ چىڭ سىقىمدەپ تۇرۇپ بەسىلە.

 

ئايشەمخان:

-ۋاي تېلېفون يەنە بۇزۇلۇپتىما، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا «ساق» تىغۇ؟

 

تۇراخۇن:

-ھە شۇ «ساق» تى، بۇزۇق تېلېفون بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، «ساق» تېلېفون بۇزۇلۇپ قالىدىكەن شۇ، ئاۋۇ ئوماق نەۋرىلىرىمىز تېلېفوننى يەرگە تاشلاپ ئويناپ، بۇ تېلېفوننى تەيپىڭ تيەنگو دەۋىرىدىكى، بىر ئادەم تېلېفوننىڭ نوغۇچىنى تولغاپ بەرسە، يەنە بىر ئادەم نومۇر بېسىپ تېلېفون ئۇرىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ مانا… #$*133487 …ئاپىسى،ما نومۇر 2 مۇ 7مۇ، قارىسام 7 گە ئوخشاۋاتىدۇ-ھە.

 

ئايشەمخان:

-مەنمۇ بىلمىدىم دادىسى، ئەكرەمجاندىن سوراپ باقاملا يا…

 

تۇراخۇن:

ۋەي..ۋەي…ئۇلاندى، سىمنى چىڭ تۇت خوتۇن، ھە، ئەسسىلامۇئەليكۇم ئوغلۇم ئەكرەمجان! ۋەي..ۋەي ھېچ بىر ئاۋاز يوققۇ خوتۇن؟

 

ئەكرەمجان ئويۇنىنى توختىتىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن كەلگەن نومۇرغىمۇ قارىماي تېلېفوننى ئالىدۇ.

 

ئەكرەمجان:

ۋەي..ۋەي…ئالو، كىمۇ؟!

 

تۇراخۇن:

ۋوي..ۋوي بالام ئەكرەمجانما، ئۆيگە تېز كەل بالام، ئاپاڭ تازا ئوخشىتىپ لەغ… …

 

ئەكرەمجان:

-كىمۇ سەن، مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم…

 

ئايشەمخان تۇراخۇننىڭ قولىدىكى تېلېفوننى دەرھەل ئېلىپ:

-ۋەي بالام، مەن ئاپاڭ…

 

ئەكرەمجان:

نېمە دېدىڭ، «ئايفون»؟… توۋا ما خەقنى مەن ئىشلىتىۋاتقان تېلېفوننىڭ «ئايفون» ئىكەنلىكىنى بىجدەمدە بىلۋاپتۇ-يا زامان ئاخىرى بولدىمۇ نېمە، ھە، نېمە دەيسەن نېمە، گەپ بارمۇ بالاڭزا، «ئايفون» ئالسام ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئالدىم، سېنىڭ نېمە چاتىقىڭ لامزەللە گۇي! قارا بۇ گۇينىڭ گېپىنىڭ چوڭلىقىغا «ئەيپەد، ئەيپەد» دەپ كەتكىنىنى.

 

ئەكرەمجان تەرىنى تۈرۈپ تېلېفونىنى ئېتىۋىتىدۇ.

 

ئايشەمخان:

-دادىسى، نومۇرنى خاتا بېسىۋالمىغانلا-ھە… بىرى چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتىغۇ؟

 

تۇراخۇن:

-ئاپىسى بۇ قېتىم ماۋۇ سىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇڭلار، سىم بوش بوپ قالغاچقا خاتا ئۇلىنىپ قالغان گەپ!… …

 

ئايشەمخان تېلېفون سىمىنى چىڭ تۇتۇپ زوڭزىيىپ ئولتىرىدۇ.

 

تۇراخۇن:

-ۋەي…ۋەي… ئەمدى بولدى، ئۇلاندى ئاپىسى چىداپ تۇرۇڭلار…

 

تېلېفوندىن ئەكرەمجاننىڭ ئاۋازى ئوچۇق ئاڭلىنىشقا باشلايدۇ.

 

ئەكرەمجان:

-ۋاي –ۋۇي دادا، بايا تېلېفون ئۇرغان سىلەرمىتىڭلار، نىمىداق ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، مەن تېخى قايسى بىر ئورەككە چۈشۈپ كېتىپ تېلېفون ئۇرىۋاتقان سولتەككىن دەپتىمەن…

 

تۇراخۇن:

شۇ..شۇ بالام، بىزمۇ ئورەككە چۈشىدىغانغا ئاز قالدۇق!

 

ئايشەمخان:

شۇ..شۇ توغرا دەيسىلەر دادىسى…

 

ئەكرەمجان:

-دادا، سىلەر بۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن تېلېفوننى قاچانغىچە ئىشلىتىسىلەر –ھە؟

ھازىر قانداق زامان، بۇ شەھەردە مودىدىن قالغان سىلەرلا قاپسىلەر مانا، يېڭى تېلېفوندىن بىرنى سېتىۋالساڭلار بولمامدۇ…

 

تۇراخۇن:

ھې..ھې.. بالام، بىزمۇ مودىدىن قالمىدۇق مانا، ھەممە ئادەم بىر قولىدا تۇرۇپكىنى تۇتۇپ سۆزلەشسە، بىز دېگەن بىرىمىز سۆزلىشىمىز، يەنە بىرىمىز تېلېفوننىڭ ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرىنى مۇجۇقلاپ تۇرۇپ قوش كىشىلىك سۆزلىشىمىز دېگىنە…

 

ئايشەمخان تۇراخۇننىڭ قولىدىكى تېلېفوننى ئىتتىك تارتىۋالىدۇ.(تۇراخۇن تېلېفون تۇرۇپكىسىغا قولىقىنى يېقىن ئاپىرىپ تىڭشاشقا باشلايدۇ)

 

ئايشەمخان:

– بالام ئەكرەمجان، بۈگۈن سېنى كېلىپ قالارمىكىن دەپ … …

 

ئەكرامجان:

ھە ئاپا، بۈگۈن مېنىڭ جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى دېگىنە، شۇڭا كېيىنچە باراي، ئۆيدە سەي –پەي باردۇ ئاپا؟ بولمىسا ھايت، دېگىن ما مەھەللىمىزدىكى كۆكتات بازىرىغا بەسەي بىلەن ياڭيۇنى تۆكمە قىلىۋىتىپتۇ دېگىنە ۋاقىت چىقىرىپ 2 كىلو ئالغاچ باراي، خوش ئەمىسە. (دۇت…دۇت…دۇت… تېلېفون ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)

 

ئايشەمخان:

-ۋاي بالام توختاپ تۇر، گېپىمنى ئاڭلا!… …

 

تۇراخۇن:

-ئۇف… ئاپىسى، بالىمىز ئەكرەمجان بەسەي ئالغاچ كېلىمەن دەمدا؟

 

ئايشەمخان:

  • ۋاي ياق دادىسى، بىر كالىنى سويدۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەي دەيدۇ.

 

تۇراخۇن:

– بايا قورساقلىرىم ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەندەك قىلىۋاتقانتى ئەمدى قورسۇقۇم تويۇپ قالغاندەكلا تۇرىدۇ-يا مېنىڭ، بولدى، مەن تاماقنى بۈگۈن ۋاقچېرەك يەي، ئاۋۇ تېلفوننى سومكىغا سەپ بەر، ئىككى كىشىلىك تېلېفوننى بىر كىشىلىك تېلېفون قىلىپ ئۆزگەرتىپ كېلەي.

 

ئايشەمخان:

-توختىسىلا دادىسى، مەنمۇ سىلى بىلەن بىرگە باراي، مېنىڭ ئىشتېيىممۇ سىلىنىڭكە ئوخشاش ھازىر…

 

تۇراخۇن بىلەن ئايشەمخان تېلېفوننى ياغلىققا ئوراپ، سىرتقا چىقىدۇ. (ئۇلار بىر –بىرىنى قولتۇقلىشىپ سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاستا قەدەملەر بىلەن ماڭىدۇ.

 

بۇ چاغدا ئەكرەمجانمۇ دوستىنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىدۇ. ئۇ، بىر تەرەپتىن يولغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ تاكسى توسىسا يەنە بىر تەرەپتىن تېلفونىدا كىملەرگىدۇ گەپ قىلىپ تۇرىدۇ.

ئەكرەمجان تۇيۇقسىز دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ يولدا ئېغىر قەدەملەرنى ئېلىپ مۇكچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ قولىدىكى سومكىسىدىن بىر تال سىمنىڭ يەردە ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ.(ئەكرەمجان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالىدۇ)

 

ئەكرەمجان:

دادا، ئاپا نەگە ماڭدىڭلار!… مەن، مەن…ئەكرەمجان (ئەكرەمجان دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئاۋازى بوغۇلىدۇ)

 

تۇراخۇن:

ۋوي، ئاپىسى بۇ ..بۇ بىزنىڭ ئەكرەمجانغۇ…

 

ئەكرەمجان:

-دادا، ئاپا!… …

 

ئەكرەمجان يۈگۈرگىنىچە دادىسى بىلەن ئاپىسىنى چىڭ قۇچاقلايدۇ.

 

ئەكرەمجان:

-بۇ سوغۇقتا نەگە ماڭدىڭلار، (ئەكرەمجان دادىسىنىڭ سومكىسىدىن چىقىپ قالغان بىر تال سىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ) دادا، بۇ…بۇ… تېلېفونىڭلار بۇزۇلۇپ قالغانمىتى؟

 

تۇراخۇن:

-تېلېفون «ساق» بالام بىراق شۇ…شۇ…ھە، بولدى بولدى، ئۆزۈڭ نەگە ماڭدىڭ بالام، ئىشىڭ بولسا مېڭىۋەر سېنى تۇتۇپ قالمايلى… …ئاپاڭ ئىككىمىز بىكارچىلىقتا بۇ تېلېفوننى رېمونت قىلىپ كېلەيلى دەپ ماڭغان.

 

ئەكرەمجان:

-بولدى، بولدى قىلىڭلار، ئۆيگە دەرھال قايتىپ كېتىڭلار، بۇ تېلېفوننى تاشلىۋېتىڭلار… سىلەرگە تېلېفوننى مەن ئېلىپ بېرەي… …

 

ئەكرەمجان دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ سوغۇقتا قىزارغان يۈزلىرىگە قاراپ، ئىچى ئاچچىق بولۇپ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئاۋازى بوغۇلۇپ- بوغۇلۇپ چىقىشقا باشلايدۇ.

 

ئەكرەمجان:

دادا، ئاپا بولدى قىلىڭلار، مانا بۇنى ئىشلىتىڭلار (ئەكرەمجان دولىسىغا ئېسىۋالغان سومكىسىدىن «ئايفون» بىلەن «ئەيپەد» نى چىقىرىپ، ئۇلارغا تەڭلەيدۇ)

مانا، مانا بۇ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مودا تېلېفون، ئاپا، بۇنى سەن ئىشلەت…دادا بۇنى سەن!…

بۇ تېلېفونىڭلارنى مەن رېمونت قىلدۇرۇپ بېرەي…

 

تۇراخۇن:

-ۋاي توۋا، نىمە بۇ بالام؟ (تۇراخۇن ئوغلى بەرگەن «ئەيپەد» نى ئوڭ – تەتۈر تۇتۇپ ھەيران قالىدۇ) قارىسام خۇددى تۇتقۇچى يوق كەپكۈردەكلا نەرسىكەنغۇ بۇ، ھە، بىلدىم نومۇر يازىدىغان دەپتەركەندە…

 

ئەكرەمجان:

-دادا بۇ دېگەن بىر خىل زامانىۋىي كومپيۇتېر، بۇنىڭدا باشقىلار بىلەن تور ئارقىلىق سۆزلىشەلەيسەن، ھە راست دادا (ئەكرەمجان «ئەيپەد» نىڭ ئېكرانىنى دادىسىغا كۆرسۈتىپ تۇرۇپ ھاياجان بىلەن) بۇنى كۆردۇڭمۇ قارا، بۇنى تونىغانسەن، بۇ مۈشۈك  مەھەللىمىزدە تۇرىدىغان  زورىخان موماينىڭ مۈشىكى، بۇ تېخى سېنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ…

 

«ئەيپەد»تىن ئۇلارنىڭ گەپلىرى تەكرەر، تەكرار ئاڭلىنىدۇ، بۇ ئاۋازدىن ھەممىسى تەڭ كۈلۈشىپ كېتىدۇ…

 

تۇراخۇن:

-ئاللا-ئاللا..بۇ كارەمەتنى كۆرۈڭ مانا، زورىخان ئاچامنىڭ مۈشۈكى چاشقاننى تولا يەپ زېرىكىپ ئادەم دورايدىغان بولىۋالغىنىنى…ھا..ھا… تەرەققىيات دېگەن مۇشۇ-دە…مەن تېخى بۇنى بوتكىمىزغا تاشلاپ قويساق، چاشقان تۇتۇپ يەرمىكى دەپ ئويلاپتىمەن…ھا…ھا… ھا…

 

ئۇلار قاقالاپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.

 

ئەكرەمجان:

-ئاپا، بۇ «ئالما» ماركىلىق تېلېفون، بۇنى «ئايفون» دەيمىز، بۇنىڭدا تېلېفون قىلسىڭىز شۇنداق سۈزۈك ھەم ئوچۇق ئاڭلىنىدۇ…ئاپا بۇ…(ئەكرەمجان تېلېفوننىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى بېسىپ كۆرسىتىشكە باشلايدۇ)

 

ئايشەمخان:

-بولدى بالام، بولدى، داداڭ ئىككىمىز بۇنداق زامانىۋى نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمىز، بىزگە مۇشۇ تېلېفون بولسىلا كۇپايە، بولسىغۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرساڭ تېلېفون دېگەن نەرسىنىڭمۇ لازىمى يوقتى بىزگە.

 

ھا…ھا…ھا…

 

ئۈچى بىرلىكتە تاماشىبىنلارغا سالام يوللاپ، كىرىپ كېتىدۇ.

 

 

تامام

 

 

 

يېڭى كەسىپ

(ئىتوت)

ئادىلجان ئابلىز

 

 

روللاردا:

 

ھېلىم دەرۋىش: كەسپىي تىلەمچى، گەپكە يامان،پوچى ئادەم.

 

ھېزىم گۇتۇ: ھېلىم دەرۋىشنىڭ كونا كەسپدېشى، ئاچكۆز، بېخىل،قورسىقى تويسىلا ھەممە ئىشنى ئۇنتۇيدىغان ئادەم.

 

سەھنىدە:

ھېلىم دەرۋىشنىڭ ئۆيى، كاتتا بېزەلگەن. مېھمانخانا تېمىغا يوغان تېلېۋىزوردىن بىرسى قويۇلغان، يەرگە ئوتقاشتەك گىلەم سېلىنغان بولۇپ، ئېسىل ساپا، ۋە ئۈستەللەر، ئۈستەلگە بىر نەچچە بوتۇلكا قىزىل ھاراق قويۇلغان.

 

باشلىنىش:

ھېلىم دەرۋىش، ئۇچىسىغا ئېسىل كاستيۇم –بۇرۇلكا، بوينىغا داڭلىق ماركىلىق گالئاستۇك تاقىۋالغان ھالدا تامىكىسىنى پۇرقۇرۇتۇپ تۇرۇپ تېلېۋىزوردىكى قىزىق نومۇرلارنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ، بىر دەم ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىكى نومۇرلاردىن زېرىكىدۇ-دە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ ۋە سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ توختايدۇ.(تاماشىبىلارغا قاراپ تۇرۇپ)

 

ھېلىم دەرۋىش:

-مانا، ھەممىڭلار كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ مېنىڭ داچام، مانا بۇ مېنىڭ جاپا تارتقىنىمنىڭ ھالاۋىتى، ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغانىكەن، جاپادىن قورقماسلىق كېرەك. مانا ھەش-پەش دېگىچە كەسپ ئالماشتۇرغىنىمغىمۇ 3 يىل بولاي دەپ قاپتۇ، بۇ كەسپىمگىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئەگەر ئاشۇ رەھمەتلىك جۆلدۇر كېپەن دادامنىڭ كەسپىگە قېلىپ، ئەسكى ئاياق، يىرتىق پايپاقلارنى تىكىپ موزدۇزلۇق كەسپىنى قىلىپ يۈرگەن بولسام، بۇ چاغقىچە نەگە بارسام چۇخەي پۇراپ قەلەندەر…(ئۇ ئاغزىنى تۇۋاقلىغاچ ئىككى تەرەپكە قاراپ قويۇپ پەس ئاۋازدا) ئۆزۈمنىڭ كەسپىنى دەۋەتتىم-يا…دىۋانە بولۇپ كېتەركەنمەن،(يۇقۇرى ئاۋازدا) شۇكرى…شۇكرى ئاللاغا، تۈمەن مىڭلاپ شۇكرى.(دەپ كارنىيىنى قىرىپ قويۇپ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ)

ئەمدى شۇ كونىلارنىڭ «تىلىسەڭ تاپارسەن، تىلىمىسەڭ ياتارسەن» دېگەن گېپى بويىچە ئىش تۇتۇپتىكەنمەن، ھازىر مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر تاماشا دېگەن دۆڭدە، يانچۇقۇم توم كۈندە دەپ يۈرۈيمەن نەرمۇ-نەر. ئەپسۇس تازا بىر تىرناقتا توختىغىدەك خوتۇن ئالالماي يۈردۈم-دە مانا. ھەي…قۇۋانخان…ھەي قۇۋانخان….

 

ھېلىم دەرۋىش ساپاغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ ۋە تامغا ئېسىقلىق دۇتتىرىنى ئېلىپ خەلق ئاھاڭىدا مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ:

 

شە –شە ئاتلاپ جەندە -كۇلا كىيدىم قۇۋانخان،

پۇل تاپقاندا ئۇنتۇدۇڭ سەن يارىم قۇۋانخان.

تۆت –بەش خوتۇن ئالساممۇ گەر، سەنسىز بويتاقمەن

مەن ئىشقىڭدا پۇچىلىنىپ كۆيدۈم قۇۋانخان

 

جانىم قۇۋانخان، يارىم قۇۋانخان،

ساڭا قاچان يېتەركىن زارىم قۇۋانخان

 

ھېلىم دەرۋىش ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرغاندا توساتتىن ئىشىك چېكىلىدۇ.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-كىمدۇ بۇ ئەمدى، ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇپ، كىمۇ؟

 

ھېزىم گۇتۇ:

-مەن، مەن … ھېزىم، ھېزىمجان (ھېزىم گۇتۇ بېشىنى ئىشىكتىن تىقىپ ئوغرىدەك مارايدۇ)

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ۋاي ۋۇي، ھېزىم، ھېزىمجان، ھېزىمەك دەپكەتكىنىنى، گۇتۇما… ئۆيگە كىرىۋىرە تىلىگىلى كىرمىگىندىكىن

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋوي..ۋوي خاتا كىرىۋالمىغانمەن-ھە، مەن ھېلىم دەرۋىش…..(ھېزىم گۇتۇ بىر تەرەپتىن ئۆي ئىچىگە قارىسا يەنە بىر تەپتىن ھېلىم دەرۋىشنىڭ تۇرقىغا قاراپ، قېتىپ قالىدۇ ھەم كەينىگە داجىپ سىرتقا چىقماقچى بولىدۇ.)

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ھە…كىرىۋەرسىلە خاتا كىرىپ قالمىدىلا، نومۇس قىپكەتكىنىنى ما قەلەندەرنىڭ، ھىم، تارتىنماڭلار دەرۋىش ئاكاڭلار مەن شۇدۇر…ھىم، مەرھەمەت…(ھېلىم دەرۋىش ھېزىم گۇتۇنى ئىككى قولىنى كەينىگە قىلىپ مەغرۇر ئۆيگە تەكلىپ قىلىدۇ.)

 

ھېزىم گۇتۇ:

-توۋا…توۋا، بۇ..بۇ…دەرۋىش بۇرادەر، دەرۋىش ئاكام…ياق،ياق…ھېلىم دەرۋىش ئاكام شۇما؟ تېنچ – ئامان تۇردۇڭلارما، ئۆي ئىچى تېچلىقتۇ، ئوقەت –پوقەتلىرىڭلار جايىدا كېتىۋاتقاندۇ…(ھېزىم گۇتۇ كۆزىگە ئىشەنمەي دەرگۇمان ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالىدۇ.)

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام، نېمە تارتىنىپ، «مەن…مەن ھېزىمجان» دەپكىتىسىلە ئۇكام، تارتىنماي كىرىۋېرىدىغان مۇنداق، قارا…قارا تۇرىشىنى ما قەلەندەرنىڭ!

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھې..ھې..ھې.. شۇ ئاكا، شۇ «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنەك يامانمۇ» دەپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ كۆنۈپ قاپتۇق مانا…

 

ئىككىسى تەڭ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ۋاي كىرە قاسماق گۇتۇ، ئولتۇرە ما سافادا!  گەپ قىلمىسا مېنىمۇ تونۇماسقا سېلىۋېلىپ تىلەپ چىكىتەي دېگەنما؟…

 

ھېزىم گۇتۇ تارتىپنىپقىنە سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، مۆرۈسىدىكى خۇرجۇنىنى ساپاغا قويىدۇ-دە، قولىدىكى بىر تۇتام پۇلنى ئۈستەلگە قويۇپ،«ئامىن» دەپ ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ، ھەم ئىچىدە بىرمۇنچە دۇرۇتلارنى ئوقۇپ:

 

– بۇرادىرىم، قان –قېرىندېشىم ھېلىماخۇن ئاكامنىڭ ئىش-ئوقەتلىرىگە بەركەت، تۇرمۇشىغا باياھشادلىق، داستىخانلىرىنى مول، تىلىگىنىنى ئىجابەت قىلىپ بەرگەيسەن ئىلاھىم…ئامىن، ئاللاھۇئەكبەر!

 

ھېلىم دەرۋىش:

– پاھ، پاھ نەچچە يىل كۆرمىسەم دۇئا قىلىش، سالاپەتلىرىڭدىن تارتىپ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ مانا، ئەمدى بىر پېشقەدەم،كەسپىي دىۋانە بوپسەن. ئادەم دېگەنچۇ ئانچە -مۇنچە يېڭىلىق يارىتىپ تۇرىشى كېرەك مۇنداق. مانا ھازىرقى ھالىتىڭدىن كىممۇ سېنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى تىرناق تاتلاپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ، قېرى ئۆچكىدەك توۋلايدىغان ھېزىم گۇتۇ دەيدۇ.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھې..ھې…توغرا دېدىڭلا ھېلىمكا، دانا گەپ بولدى…ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تەجرىبە –ساۋاقلارمۇ كۆپىيىپ قالىدىكەن ئەمدى…(ھېزىم گۇتۇ تارتىپنىقىنە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئولتۇرىدۇ)

 

ھېلىم دەرۋىش:

– ھە، سەپەر ئېغىر كەلدىمۇ-يا، ئۆيۈمگە كەلگۈچە دۇكان- سارايلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ -قوپۇپ، پاقالچىقىڭىلا تېلىپ قالدىمۇ؟.ئېغىر –بېسىق بولاپقاپسىلىغۇ؟

 

ھېزىم گۇتۇ:

شۇنداق، ھاردۇق يەتكەن چېغى، ئۆيلىرىگە كەلگىچە 50 سومغا كىرا ھەققى كەتكەن، شۇ پۇلنى بولسىمۇ ئۈندۈرۋالارمەن  دەپ ئايلانمىغان بازىرىم قالمىدى. مانا، ھازىر ساناپ باقسام 49 سوم پۇل يىغىلىپتۇ…ھەي پۇل تاپماقنىڭ تەسلىگى ھازىر. يۇرتۇڭلاردا قاراپ باقسام مەندىن باشقا ئادەمنىڭ پۇلى قالمىغان چېغى..ھې..ھې…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-دەۋاتقان گېپىنى ما قەلەندەرنىڭ، تۇتە ما بىر سومنى، مەن كۆتۈرىۋېتەي كىرايىڭنى.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھەشقاللا، ھەشقاللا….

 

ھېزىم گۇتۇ ھېلىم دەرۋىش بەرگەن بىر سوم پۇلنى ئۈستەلدىكى بىر تۇتام پۇل بىلەن قاتلاپ قوينىغا سالىدۇ-دە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ ۋە ھېلىم دەرۋىشنىڭ كاتتا بېزەلگەن ئۆيلىرىنى كۆرۈپ:

-پاھ، پاھ نېمىدىگەن كاتتا بېزەلگەن ئۆي بۇ…بۇ ئۆيدە سىلى ئولتۇرۇۋاتاملا يا؟..

 

ھېلىم دەرۋىش:

-كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ ماڭا بىر قاراڭلار، ما ئۆيدە تۇرىۋاتقىنى ئاچىلىرىنىڭ ئېرىمىكەن يا ھېلىم دەرۋىش ئاكاڭلارمىكەن….

 

ھېزىم گۇتۇ:

شۇ،شۇ…قارىسام ئاچىلىرىمنىڭ ئېرىگىمۇ ئوخشىمايۋاتىسىلە…ھى..ھى…ھى…

 

ھېلىم دەرۋىش ساپاغا بېرىپ ھېزىم گۇتۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ ۋە ئۈستەلدىكى قىزىل ھارقنى رومكىغا لىق تولدۇرۇپ غۇرتتى-دە بىرنى ئىچىۋتىپ:

– ھە، گەپ قىلسىلا، قانداق بوران ئۇچۇرۇپ كەلدىكى مۇبارەك تەنلىرىنى.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-دېسەم گەپ تولا، دېمىسەم دەرد دېگەندەك ئاكا، سىلىدىن ئايرىلىپ تىجارەت قىلغاننىڭ ياقى تىجارىتىم بىر كۈنمۇ روناق تاپقىنى يوق، ئۇنى ئاز دېگەندەك تاپقام پۇلۇمنىڭ پەقەت بەركىتى بولمىدى. ھە دېسىلا ھېلىقى سىلى بىز بىلەن داۋاملىق ھوشۇق ئېتىپ قىمار ئوينايدىغان كۆكەمە، سېرىق ئۈچەي، ساۋۇر چۇسا بىلەن روزى قوشقارلار مېنى مەجبۇرى قىمارغا سۆرەپ كىرىۋېلىپ، نەچچە يىلدىن بېرى ھالال تەرىم بىلەن  تاپقان پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇۋالدى (ھېزىم گۇتۇ ئۈستەلدىكى قىزىل ھاراقنى ئېلىپ ھېلىمنىڭ قولىدىكى رومكىغا لىققىدە قويۇپ، قولىدىن ئېلىپ گۈپپىدە ئىچىۋېتىدۇ ھەم كەينىدىنلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىدۇ) –ۋاي پۇلۇم، ۋاي پۇلۇم، ۋاي قىپ –قىزىل پۇلۇم…

 

ھېزىم گۇتۇ:

– بۇنى ئاز دەپ ئۇ نائەھلىلەر گەدىنىمگە 50 مىڭ سومغا يېقىن قەرزنى ئارتىپ قويۇپ، نەگە بارسام كەينىمگە پايلاقچى سەپ، ھاشاردىن باش كۆتۈرەلمەس قىلغۇزىۋەتتى مانا…

 

ھېلىم دەرۋىش:

ھەي، سېپىدىن ئۆزى قەلەندە! ئاتا –بوۋاڭنىڭ روھى قورۇلۇپ كەتسۇن سەن ئىپلاستىن، مۇشۇ گەپلەرنى مېنىڭ ئالدىمدا دېيىشتىن نومۇس قىلمىدىڭما! ھەي قەلەندە گۇتۇ، مۇشۇ تۇرقۇڭ بىلەن يۇرتداشلارغا، كەسىپداشلىرىڭغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسەن…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-شۇ، دەرۋىشكا ئەمدى، مەنمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈمنى تاشلىۋەتكىنىم يوق، ھەر ھالدا يۇرت-يۇرتلارغا بېرىپ، كەسىپكە دائىر يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىپ خېلى پۇل تاپتىم، بىراق شۇ تاپقان پۇلۇم قورسۇقۇم بىلەن ياتىقىمغا ئارانلا پايلىدى…ئۈنىڭ ئۈستىگە تۆت تەڭگە پۇلنى بولسىمۇ تېجىۋالارمەن دەپ ياتاقتا ياتماي چىملىق بىڭگۇەندە يېتىپ ئانچە- مۇنچە كۈن ئۆتكىزەي دېسەم، ما شەھەرلىكلەر ئادەمنى چىملىقلاردا بەش مىنۇت قوڭنى قويۋالغىلىمۇ قويمايدىغان بولىۋاپتۇ ھازىر…

 

ھېلىم دەرۋىش:

– ھە، دېگىنە قېنى  كەسپىڭدە قانداق يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، جەمئىيەتكە قانداق ئويۇنلارنى قويۇپ بەردىڭ، بىر ئاڭلاپ باقاي!

 

ھېزىم گۇتۇ:

– ھېلىمكا،  ئۆزەممۇ ھارىر تاشقى كېسەل دوختىرىدىن ھېچ قېلىشمايمەن دېسەم لاپ گەپ بولمايدۇ. گەرچە تىببىي، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇمىساممۇ، قورسۇقۇمدىن تۆشۇك ئېچىپ شىلانكىنى تىقىپ قويىدىغان، تېرىدىكى ھەر خىل ئېغىر ياللۇغلارنى باش، قول – پۇتلارغا ئەينەن قوندۇرالايدىغان كامالەتلارگە يېتىپ قالدىم، خۇدا ھېلىمۇ بەش ئەزايىمنى بېجىرىم  قىلىپ يارىتىپتىكەن، مۇبادا ئىككى قولۇم، ئىككى پۇتۇم بولمىغان بولسا، ما شەھەرنى سېتىۋالغۇدەك پۇل تېپىۋالاتتىم دېسە…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ئاۋۇ تاز بېشىڭلارمۇ بولمىغان بولسا يەر شارىنى سېتىۋالاي دېگەنما غوجام…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھى..ھى…ھى…ئەمدى شۇ بۇ جاھاندا پۇل تېپىۋاتقانلار پۇت –قولى يوقلار بولاپ كېتىۋاتىدۇ، قارىسام بەزىلەر قەستەن بىر كېچىدىلا پۇت –قولىنى كېسىۋالامدىكىن دەيمەن، بۈگۈنى ساپ –ساق يۈرگەنلەر، تۇرۇپلا ئەتىسى مېيىپ بولۇپ قالىدىغىنى قىزىق ئىشتە…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-خالىساڭلار ئاشخانىغا كىرىڭلار چەيدو –پىچاق بىلەن پۇتلىرىنى بەش مىنۇتتا ئوڭشاپ قويايمۇ-يا…؟

 

ھېزىم گۇتۇ:

-يوقسۇ،يوقسۇ…مۇشۇ دەرۋىشكامنىڭ قىزىقچىلىقىنى-زە….

شەھەرگە كىرگۈچىلىك بىر ئىككى ئادەمدىن سېلىنى سورىغان، ئۆيلىرى نەدىكىن دەپ.

-ئۇلار سىلىنى «ھېلىم دەرۋىش بۇرۇنقى كەسپىنى تاشلىدى، ھازىر ئۇ كەسپ ئالماشتۇردىمۇ بىلمىدۇق، بەك پۇل تېپىپ، باي بولاپ كەتتى، ئۇنى ھەممە ئادەم ھازىر ھېلىم باي، دېيىشىدۇ.» دەيدۇ. شۇڭا، سىلىنىڭ ئالدىڭلارغا كېلىپ مېنى مۇشۇ تىجارىتىڭلارغا شېرىك قىلىۋالامدىكىن دەپ….

 

ھېلىم دەرۋىش قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ…ۋە ھېزىم گۇتۇنىڭ بېشىنى نوقۇپ تۇرۇپ:

-ھەي گۇتۇ، ھەي گۇتۇ… ماۋۇ قاپاق كاللاڭنى ئانچە –مۇنچە ئىشلىتىپ قوي مانداق، ئەسىرگە چۈشكەن قەلەندەردەك ھەممە يېرىڭگە چىۋىن ئولاشتۇرۇپ ياتساڭ خەق ساڭا ئىچى ئاغرىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سەندىن يىرگىنىدۇ. ھازىر دېگەن قانداق زامان-ھە، بىزدە مۇشۇنداق ئادەم ئالدايدىغان ئىللەت قاچانمۇ تۈگەر؟

 

ھېزىم گۇتۇ:

-توۋا دەرۋىشكا، سىلى ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئادەم جۇما…توغرا دەيدىلا.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ھازىر دېگەن ھۆكىمىتىمىز شە –شەلەردە، ئىش –ھەرىكەتتە مەدەنىي بولۇش، مەدەنىي تىجارەت قىلىش دەپ ھەممە يەردە تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتسا،  سەن گۇتۇ نەدە ئۇخلاپ يۈرۈيسەن-ھە، مۇنداق كوچا –كويلاردا يېتىپ – قوپقاچ ديەنشىلاردىن خەۋەر –پەۋەر كۆرۈپ قويغۇلۇق مۇنداق…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-قىزىقكەنسىز دەرۋىشكا، قايسى بىر مىڭىسىگە ئاپتاپ چۈشكەن خېرىدار ماڭا جىقاراق سەدىقە بىرەركىن دەپ خەقنىڭ چاتىراقلىرىدىن ماراپ پۇرسەت كۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتساق، ديەنشى كۆرىدىغان نە چولا…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-شۇ! مۇشۇنداق توپىغا مىلىنىپ ئولتۇرغاچقا سېپى ئۆزىدىن قەلەندەر بولۇپ تۇرۇپسەن مانا…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-دەرۋىشكا، ئۇنداقتا سىلى ھازىر ما بىزنىڭ كەسپتىن بىراقلا يۈز ئۆرۈپ، كەسپىي تىجارەتچى بوپ كەتكەن ئوخشايلا-ھە؟ قارىسام كېيىنىشلىرىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ مانا، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىككمىزنىڭ كىيىملىرى بىر –بىرىمىزدىن قېلىشمايتى تېخى…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-قېلىشمايتى دەپ كەتكىنىنى ما ئوغرىنىڭ، سەن كىمۇ مەن كىمۇ؟

 

ھېزىم گۇتۇ ئۈستەلدىكى قىزىل ھاراقنى رومكىغا تولدۇرۇپ ھېلىم دەرۋىشكە تەڭلەيدۇ:

– دەرۋىش ئاكا، ھېلىم باي ئاكا…سىلى دېگەن ھازىر ما شەھەرنىڭ نوچىسى ھەم پوچىسى، ھې…ھې…ھې…(خوشامەت كۈلكىسى) بۇ گەپ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىم دەرۋىش ھېزىم گۇتۇنىڭ خوشامىتىدىن ھاراقنى قولىغا ئېلىپ گۈپپىدە ئىچىۋېتىدۇ –دە يۇمشاشقا باشلايدۇ:

 

-ھېزىمجان ئۇكام، ئاللا تائاللا بىزنى بۇ دۇنياغا كاللىسىنى ئىشلىتىپ، بالا –چاقىلىرىنى باقسۇن دەپ ياراتمىسا نېمىگە يارىتىدۇ؟ ئۇنداق بولغاندىكىن كەچكىچە يىرتىق جەندىنى كېيىپ كوچا- كويلاردا ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرگەندىن ما كاللىمىزنى ئازىراق ئىشلەتسەك، ئۆزىمىزگىمۇ، خەلقىمىزگىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ. شۇڭا، كەسىپ دېگەننىمۇ ئانچە –مۇنچە ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇش كېرەك، ئىسلاھنىڭ نېمىلىگىنىغۇ بىلەسەن؟

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھە، ئىسلاھ دېگەن شۇ كونىنى يېڭىلاش، يېڭىنى كونىلاش دېگەن گەپ شۇدۇ…

 

ھېلىم ھەرۋىش:

-ھەي ھېزىمەك ئىسلاھ دېگەن كونىنى يېڭىلاپ ،يېڭىنى كونىلايدىغان  يوتقان تىكىپ، پاختا ئاتىدىغان پاختىچى ئەمەس، بۇ دېگەن بىر يېڭىلىق يارىتىش، خاسلىق يارىتىش دېگەن گەپ. قاراپ باقە، ھازىر مېنىڭ مۇشۇ تۇرقۇمنى بىرەرسى كۆرسە كىممۇ ھېلىم دېۋانە، ھېلىم قەلەندەر دېيەلەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى سىر دەل مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆزگەرتكىنىمدە يەنى ئۆزۈمنى ئىسلاھ قىلالىغىنىمدا.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-پاھ، پاھ…ئېسىل گەپ بولدى ئاكا..(ھېزىم گۇتۇ تاماكىدىن بىر تالنى ھېلىم دەرۋىشكە تۇتۇپ، ئوت تۇتاشتۇرىدۇ) ھېلىم دەرۋىش كارنىيىنى قىرىپ قويۇپ:

 

ھېلىم دەرۋىش:

-سېنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا شۈمشىيىپ يىغلاپ تاپقان بىر نەچچە كۈنلۈك پۇلۇڭنى مەن 10 مىنۇتمۇ كەتمەيدىغان ۋاقىتتا ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا تاپىمەن. يەنە كېلىپ سەندەك توخۇغا دان چاشقاندەك پاچە –پۇرات دىۋانىنىڭ پۇلى ئەمەس، يېپ –يېڭى، مۇنداق پۈتۈن –پۈتۈن پۇل دېگىنە.(ھېزىم گۇتۇ ھېلم دەرۋىشنى گېپى تۈگۈمەيلا –قېنى، قېنى دېسىلە ئاكا قانداق قىلىدۇ، قانداق گەپ بۇ؟)

 

ھېزىم گۇتۇ:

-توختاپ تۇسالا مانداق، نەدىكى گۈرۈچكە چۈشكەن مىتىدەك ئادەمنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي!

ئەڭ ئاۋۋال بىز تىلىمەكچى بولغان نىشاننى ئوبدان كۈزىتىمىز. بىرىنچىدىن، ئۇ چوقۇم بىز تۇرىۋاتقان شەھەر پۇقراسى بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئادەم سالاپاتلىك كاتتا باي ياكى زىيالى كادىر بولىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۇ ئادەم تولىمۇ مېھرىبان، ھەم ئاق كۆڭۈل ئىنسان بولىشى كېرەك. بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى بىزنىڭ بىردىن بىر ئوۋلايدىغان نىشانىمىز بولىدۇ.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ئەگەر ئايال كىشى بولسىچۇ؟

 

ھېلىم دەرۋىش:

-مۇشۇ خوتۇن كىشىنىڭ قەلبىنى زادىلا چۈشەنمەيمەن دېگىنە ئۇكام، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئاياللار سەل ۋاتىلداق كېلىدۇ، دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭنى دەپ بولغىچە ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىۋالىدۇ ياكى سەندىنمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈۋېلىپ، بەزىدە ئالىمەن دېگىنىڭنى ئالالماي يېنىڭدىن پۇل چىقىرىپ بېرىۋېتىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ، دېمەك سەن مەغلۇپ بولغان بولىسەن…. ئىشقىلىپ بىزنىڭ كۆزىمىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئۆتكۈر بولىدىغانلىقىنى سەن، بىز ئوبدان بىلىمىز، شۇڭا، بۇنداق كىشىلەردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلمىساڭ بولمايدۇ.

 

ھېلىم دەرۋىش بۇ مىسالنى ئېلىش ئۈچۈن ھېزىم گۇتۇغا ماسلىشىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

ھېلىم دەرۋىش ياشانغان بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى دوراپ سەھنىنىڭ سول تەرىپىدىن ئاستا قەدەم ئېلىپ چىقىدۇ. ھېزىم گۇتۇ بولسا شەھەرلىك بىر ياش، زىيالى كادىرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىدا تاماشىبىنلارغا قاراپ تۇرىدۇ.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ئوغلۇم!

 

ھېزىم گۇتۇ:

ۋەئەليكۇم ئەسسىلام تاغا!

 

ھېلىم دەرۋىش:

ۋاي ئوغلۇم، بۇ چوڭ شەھەرلەردە بېشىم قېيىپ، پۇتۇم تېلىپ يۈرگىلى مانا توپتوغرا ئۈچ كۈن بوپتۇ، مەن بۇ شەھەرگە ئوغلۇمنى ئىزدەپ چىققان، ئاپىسى يۇرتتا ئېغىر كېسەل بولۇپ، قان – زار يىغلاپ قالدى مۇشۇ تاپتا، مانا مەن مۇشۇ قېرى جېنىم بىلەن بالا ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن، بۇنى ئاز دەپ، يۇرتتىن چىققۇچە تەييارلىۋالغان پۇللىرىمنى ئوغرى –يانچۇقچىلار قويىۋالدىمۇ بىلمىدىم نەچچە يۈز كوي پۇلۇم بىر كىچىدىلا يوقاپ، قاق-سەنەم بولۇپ قالدىم ئوغلۇم (ھېلىم دەرۋىش يىغلامسىرايدۇ)

 

ھېزىم گۇتۇ:

-تاغا سىز بەك ئېغىر كۈنگە قاپسىز ئەمىسە، ئوغلىڭىز بۇ شەھەردە نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىتى مەن سىزگە ئىزدىشىپ بېرەي ياكى…

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ۋاي بالام، ئوغلۇمنى مۇشۇ شەھەردىكى «ئەتىگۈل تېز تاماقخانىسى» دەيدىغان بىر چوڭ ئاشخانىدا قورۇما ئۇستىسى بولۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ دېگەن ئۇچىرىنى نەچچە يىلدىن بېرى ئاڭلاپ كەلگەن، لېكىن 3 كۈننىڭ ياقى مۇشۇ شەھەردىكى ھەممە ئاشخانىلارنى ئىزدەپ- سوراپ ئوغلۇمنىڭ دېرىكىنى قىلالمىدىم، ئەمدى يۇرتۇمغا كېتەي دېسەم كىراغىمۇ پۇل قالمىدى مانا، چوپچوڭ بولغاندا كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ پۇل تىلەشتىن بەك نومۇس قىلدىم، سىلىگە قارىسام ئوغلۇم دېمەتلىكلا بالا تۇرىسىز، شۇڭا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سىزدىن ياردەم تىلىمەي بولمىدى، بولسا ماڭا يۇرتۇمغا بېرىۋالغۇچىلىقلا كىرا ھەققىمنى بەرگەن بولسىلا بەكمۇ خوش بولۇپ كېتەتتىم، ئەمما بۇ پۇلىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن…….

 

ھېزىم گۇتۇ:

-توۋا، مەن مۇشۇ شەھەردە تۇرۇپ ھەجەپ «ئەتىرگۈل تېز تاماقخانىسى» دەيدىغان بىر يەرنى ئاڭلاپ باقتىكەنمەن جۇمۇ…ھە، بولدى، تۇتسىلا تاغا ما يۈز سومنى، سېلىدەك خىزىر سۈپەت دادىنى زار قىلغان ئوغۇلنىمۇ ئىزدەپ يۈرگەندىكى، سىلىمۇزە….

 

ھېلىم دەرۋىش پۇلنى قوينىغا سالىدۇ-دە ھېزىم گۇتۇ ئىككىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ.

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ۋاھ، بۇمۇ بولىدىغان ھۈنەركەن مانا، بۇنداق بېشىغا كۈن چۈشكەن بوۋايغا مەن ئەمەس ھەممە ئادەم پۇل بېرىدۇ-دە ھېلىمكا.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ھىم، ھېزىمەك ئۇكام، ئەمدى بىلگەنسەن، سەنغۇ يۈز سوم بېرىپلا قۇتۇلدۇڭ، بەزى يىغلاڭغۇ يۇمشاقباش كىشىلىرىمىز تېخى يۈز سومنى بېرىپ، ياتاق، تاماقلىرىنىمۇ كۆتۈرۋېتىدۇ دېگىنە….

 

ھېلىم دەرۋىش بىلەن ھېزىم گۇتۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-بۇ چارىمۇ بولىدىكەن مانا، بىراق ھېلىمكا بۇنداق يۈز سومدىن پۇلنى يىغىۋەرسە بىرسى كۆرمىسە بىرسى چوقۇم كۆرۈپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ، ئۇ چاغدا چاتاقنىڭ چوڭى چىقارمىكىن؟

 

ھېلىم دەرۋىش:

-مۇشۇ قاپاق كاللاڭنىزە سېنىڭ، ھەي، قۇدۇق قازغۇچىمۇ بىر يەردىن 10 تۆشۈكنى بىراقلا ئېچىۋالسا سۈنىڭ تايىنى بولمىغىنىدەك گەپ بۇ. شۇڭا، ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، نىشاننى قانچە يىراقتىن قارىغا ئالساڭ تاپاۋىتىڭ شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېگەن گەپ…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھېلىمكا لېكىن بۇنداق گەپلەرنى خېرىدارلارغا  داۋاملىق تەكرارلاۋەرسىمۇ قولاققا خوشاقماس بوپ قالا؟

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ھەي، خاشۇ(سۇليۋ خالتا) يەۋىلىپ ئۆلۈپ قالغان قېرى كالىنىڭ سۆڭىكى، ئەمدى سەن بىر گەپنى قايتىلاۋېرىدىغان رادىيودىكى ئېلانچى بولمىغاندىكىن،  گەپ دېگەن توقۇساڭ تولا، بىر كۈنى بالامنى ئىزدەپ چىققان دېسەڭ، يەنە بىر كۈنى دادامنى ئىزدەپ چىققان دەيسەن، يەنە بىر كۈنى قىزىمنى ئىزدەپ چىقتىم دېسەڭ، يەنە بىر كۈنى ئېرىمنى ئىزدەپ چىقتىم دەپ توقۇۋەرمەمسەن گەپنى، سەن بىر يا راستچىل ئادەم بولمىغاندىكىن…

-ھىم، ئەمدىغۇ كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالغانسەن، بۇ ھۈنەر يا ھېيت – بايرام، شەنبە –يەكشەنبە تەلەپ قىلمايدۇ دېگىنە، پەقەت جېنىڭ تېنىڭدە بولسىلا، شە كۆرىسەن دېگەن گەپ، «كۆپنى كۆرگەن توق بولىدۇ، بىرنى كۆرگەن ئاچ» دېگەن گەپنىڭ تېگى مۇشۇ…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ياۋ، ئالامەت بىر يېڭىلىقتە بۇ…

 

ھېلىم دەرۋىشنىڭ تېلېفونى تۇيۇقسىز جىرىڭلايدۇ.

-ۋاي-ۋۇي نىمىداق تولا توققۇز بۇ، جاھاندىكى ھەممە توققۇزنى سېتىۋالغان ئاداشكىنە ماۋۇ…..ۋەي…ۋەي، كىمۇ؟ (تېلىفوندىن مۇلايىم بىر قىزچاقنىڭ سالىمى كېلىدۇ)

– ئەسسىلامۇئەلەيكۇم………

-ھە ئايروپىلانچى قىزما سىز، ھە، كىملىك نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويغانتىمغۇ…شۇنداق، شۇنداق…بۈگۈن 6 دە ئۇچىدىغان ئاروپىلانغا ئالماشتۇرۇپ قويدۇم دەمسىز؟ مەن ئەتە ئۇچىدىغان….. كېچىكىدىكەن…ئاپلا!…بوپتۇ..بوپتۇ خانىم، ھازىرلا تەييارلىق قىلاي….(ھېلىم دەرۋىش جىددىي قىياپەتتە نېمە قىلىشىنى بىلمەي سائىتىگە قاراپ، ئۇياق –بۇياقققا مېڭىپ تىتىلدايدۇ. شۇ ئەسنادا ياندا ھېزىم گۇتۇ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تاماشىبىنلارغا قاراپ پەس ئاۋازدا:

 

-توۋا، ما ھېلىمكام ئايروپىلاندا تىلەيدىغان بوپكتىپتۇ-يا، ئالە شەھرىڭنى!…

 

ھېلىم دەرۋىش ياندا تۇرغان ھېزىم گۇتۇغا قاراپ:

– نېمە ئەخلەت يەۋالغان كالىدەك كۆزۈڭلارنى پارقىرىتىپ تۇرىسىلە، سىلى بىكاچى ئوخشىمامسىلە، ما ئۆيدىن باشتا مەن چىقامدىم-يا….

 

ھېزىم گۇتۇ:

-ھې…ھې…ھې…مەن چىقاي،مەن چىقاي ھېلىمكا…(ھېزىم گۇتۇ خۇرجىنىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ، بىر ئىش يادىغا كەلگەندەك بولۇپ، دەرھال ھېلىم دەرۋىشنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:

-ھېلىمكا، كۈزۈمنى تازا بىر ئېچىپ قويدۇڭلا، كۆپ رەھمەت، كۆپ رەھمەت، ئەمما شۇ…شۇ…(ھېزىم گۇتۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ خىجىل بولغان قىياپەتتە)

-بايامقى ئىككىمىز ئوينىغان ئويۇندىكى 100 سوم پۇلنى بېرىۋەتكەن بولسىلا بوپتىكەن، ئويۇنمۇ تۈگەپ قالدىغۇ ئەمدى…

 

ھېلىم دەرۋىش: (غەزەپ بىلەن)

-تۇفى! ئېشىنى يەپ، قاچىسىنى چاقىدىغان تۇزكور گۇتۇ، سەن گۇيغىغۇ ياخشىلىق ياراشمايدىغان نەرسە، ئەتىگەننىڭ ياقى مەن دەرسنى ماۋۇ تامغا، ماۋۇ تامدا ئېسىقلىق تۇرغان دۇتتارغا ئۆتتۈمما، قارا گېپىنى، نومۇس قىلماي پۇل سورايدۇ-يا، سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېشەك بولسىمۇ بۇ چاغقىچە مېنى مىندۈرۈپ دۇنيانى ساياھەت قىلدۇرۇپ، نى..نى يەرلەرگە ئاپىرىپ كۆڭلۈمنى ئېچىپ قوياتتى…

 

ھېزىم گۇتۇ:

-بولدى، بولدى ھېلىمكا، ئالمىدىم، سەدىقە، سەدىقە…(ھېزىم گۇتۇ ئىشىك تۈۋىگە يۈگۈرەيدۇ.

 

ھېلىم دەرۋىش:

-ۋاي چىقە ما ئۆيدىن!!!

 

ھېلىم دەرۋىش ھېزىم گۇتۇنى قوغلاپ سەنتۈرۈلۈپ ئىشىك تۈۋىگە بارىدۇ. ئىككىسى قوغلىشىپ سەھنە ئوتتۇرسىغا كېلىپ تاماشىبىنلارغا سالام بېرىپ ئىتوتنى تۈگىتىدۇ.

 

تامام

 

 

 

 

 

 

ئىنكاس يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

بېكەت