ئاتام (ئەسلىمە)
رەھىمسىز كېسەل ئاتامنىڭ ئاجىز تېنىنى ئاخىر جان تەسلىم قىلىشقا بويسۇنسۇردى. بىزنىڭمۇ بۇنداق تۇيۇقسىز كەلگەن ئەجەلگە سەبىر قىلماقتىن باشقا ئامالىمىز بولمىدى. شۇ دەقىقىلەردە ئاتامنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كۆز يۇمىشى ھەممىمىزنى گەاڭگىرتىپ قويدى بولغاي قىسقىسى مەن ئاتامنىڭ مېيىتىنى يەرلىكىگە قويغىچە بولغان ئىشلارنى ئەسلەشكىمۇ ئامالسىز قالغانىدىم. خەير، شۇنداق قىلىپ ئاتام 67 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئانام ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ قالدى، بىز ئۆيۈمىزنىڭ تۆۋرىكى، «ئاتا»، «ئاتا» دەپ ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، بىز مۇلايىم، خۇشپېئىل، ھۈنەرۋەن ئاتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق…
ئاتامنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ئۇ، 1935- يىلى كۇچانىڭ ئالاقاغا دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، 1940- يىللاردا شىخو ناھىيەسىگە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتىكەنتۇق. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى يېقىن دوستلىرىدىن بىرى يېقىندىلا ماڭا ئاتام توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ بەرگەنىدى. «ئاتاڭنىڭ ئاتىسى يەنى سامساق بوۋاڭ ئىنتايىن يۇۋاش، گەپ – سۆزدە سىلىق – سىپايە، قولىدا گۈلدەك ھۈنىرى بار ئۇستا ياغاچچى ئىدى. ئۇلار ئۆيىنىڭ ئالدى تەرىپىنى كىچىككىنە پىشايۋان چىقىرىپ شۇ يەردە ياغاچچىلىق تىجارىتى قىلاتتى. مەھەللىدىكى قوشنا – قولۇملار ئادەتتە ئورۇندۇق، ئۈستەل ھارىۋا قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى سامساق بوۋاڭغا ياسىغۇزىدىغان. مەن ئاتاڭنىڭ ئارام كۈنلىرىدە بوۋاڭغا ياردەملىشىپ ياغاچ كېپەكلىرىنى خالتىلارغا سېلىپ توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆپ ئۇچۇرتۇپ تۇراتتىم. بىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-، 3- يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەكتەپتىن قايتساقلا خاباغا (ھازىرقى مايتاغ بىلەن بىلەن شىخونىڭ ئارلىقىدىكى دەريا) بېرىپ سۇغا چۈشەتتۇق، ئاتاڭ سۇ ئۈزۈشكە بەكمۇ ماھىرتى، دەريانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بىمالال ئۈزۈپ ئوينىيالاتتى. بىر قېتىم ئاتاڭ دەريا بويىدا تاماشا قىلىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە روسلارنىڭ تەلپى بىلەن (ئەينى چاغلاردا مايتاغ نېفىتلىكىگە نۇرغۇن ئورۇس تېخنىكلار تەكلىپ قىلىنىپ كەلگنىكەنتۇق) كۆۋرۈك ئۈستىدىن موللاق ئېتىپ دەرياغا چۈشۈپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ئاتاڭ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ھوشيار، ئەقىللىق بولۇپ، قولىدىن نۇرغۇن ئىشلار كېلەتتى. بىز ئۇنىڭغا ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ياسىغۇزىتۇق. كېيىن بىز 5 – يىللىقنى پۈتتۈرۈپلا ئايرىلىپ كەتتۇق، مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتتىم، كېيىنچە ئاڭلىسام ئاتاڭ 1954 – يىلى قاراماي نېفىتلىكىگە خىزمەتكە چۈشۈپتۇ..»
ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئاتامنىڭ ئوچۇق – يورۇق مىجەزى، يۇمۇرىستېك گەپ – سۆزلىرى، بەستىلىك، ئىگىز بويلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان. ئاتام بىزنى (بىز تۆت قېرىنداش، ئاچام، ئاكام ۋە بىر ئىنىم بار) مەھەللە بازىرىغا ئەپچىقىپ ئانچە -مۇنچە ئوينىتىپ ئەكىلەتتى.
مەن مەھەللىمىزدىكى بازاردا داۋاملىق يەل مىلتىق بىلەن شار ئاتقۇزۇپ تىجارەت قىلىدىغان بىر خەنزۇنىڭ قېشىغا بېرىۋالاتتىم. بىر قېتىم ئاتام مېنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېنىمغا كېلىپ «سېنىڭمۇ ئاتقۇڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى ھەم 10 تال ئوق ئېلىپ، 4-3 مېتىر يېراقلىقتىكى شارنى قارىغا ئېلىپ تەپكىنى بېسىشىمنى ئېيتتى. بىراق مەن بىر پاي ئوقنىمۇ تەگكۈزەلمىگەنىدىم. ئاتام ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ خەنزۇدىن يەنە 10 تال ئوق ئېلىپ يەل مىلتىقنى جاھازىدىن كۆتۈرۈپ ئېلىپلا ھەممە شارنى ئېتىۋەتتى، ئەتراپتىكىلەر ھەممىسى چاۋاك چېلىشىپ ھەيران قېلىشقانىدى. شۇ دەقىقەلەر ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئاتامنىڭ بىر تىنىقتىلا 10 نەچچە تال شارنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى دوستلۇرۇمغا خېلى ۋاقىتلارغىچە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ كەتكەنىدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن يەل مىلتىق ئېتىشقا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم. لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق يەل مىلتىقنى بازارلاردا ساتمىغاچقا (ئۇ چاغلاردا دۇكان سارايلارمۇ بەك ئاز بولىدىغان، ئويۇنچۇقلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى) ئاتام مېنىڭ تولا جېدەل قىلىشىمدىن «قۇتۇلۇش» ئۈچۈن ئىدارىسىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئىنتايىن چاققان، كىچىك پىلىموتتىن بىرنى ياساپ ئەكەپتۇ. پىلوموتنىڭ زاتورى پۇرشۇنلۇق بولۇپ، كەينىگە قايرىپ، كىچىككىنە كامىرىغا 3-4 تال سەرەڭگە گۈڭگۈرتىنى سالسا «پاڭ!» قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى. مەن دادامنىڭ بۇ سوۋغىتىدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم ھەم ھە دېسىلا بۇ پىلىموتىمنى ئېلىپ مەھەللىدىكى دوستلۇرۇمغا كۆز – كۆز قىلىپ ئوينايدىغان بولدۇم. كېيىن مەھەللىمىزدىكى خەلق ئەسكەرلىرى (ئۇ چاغلاردا مەھەللىلەردە «خەلق ئەسكەرلىرى» تۇرىدىغان مەخسۇس ئورۇنلار بولىدىغان) بۇ «قورال» ىمنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى بولغاي ئۆيىمىزگە بىر قانچە قېتىم كىرىپ ئاتامغا بىر نەرسىلەرنى دەپ يۈرۈپ ئۇ ئويۇنچۇق «قورال» ىمنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاتام ماڭا ئويۇنچۇق قوراللارنى ياساپ بەرمەيدىغان بولغانىدى. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاتام بىزگە ناھايىتى قالتىس، ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغان كىشىدەك كۆرۈنەتتى، ئاتام بىزگە ئىنتايىن كۆپ ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بەرگەنىدى. تۆۋەندە مەن ئاتامنىڭ 1975 – يىللاردا بىزگە ياساپ بەرگەن ئويۇنچۇقلىرىنى شەرھىيلەپ ئۆتەي:
ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى بىلەن ماڭىدىغان كىچىك كېمە، كېمە پۈتۈنلەي قاڭالتېردا ياسالغان بولۇپ، كېمىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 40 سانتىمېتېر كېلىدۇ، كېمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى كىچىككىنە «ئۆيى» گە شام يېقىپ قويساق، كېمە شامنىڭ ئىسسىقى بىلەن تېنچ سۇلاردا ئالدىغا يۈرۈپ ماڭاتتى.
قەغەز ھەم ياغاچ ماتېرىياللىرىدا ياسالغان، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن بىر مېتېر كېلىدىغان قوش قاناتلىق ئايروپىلان. ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسىمى كاۋاك بولۇپ، قۇيرۇق تەرىپىدىن ئالدى تەرىپىدىكى چاقپىلەككە رېزىنكە ئورنىتىلغان، ئايروپىلان چاقپىلىكىنى بۇراپ، ئاسمانغا قويىۋەتسەك ئايروپىلان خېلى يەرگىچە ئۇچالايتتى. (مەن بۇ ئايروپىلانىمنىڭ ئاسماندا 10-20 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقۇنىنى ھازىرمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن).
ئېغىرلىقى 3-4 كىلو كىلىدىغان تۆمۈر ۋە قاڭالتىر ماتېرىيالىدا ياسالغان توپا توشۇش ماشىنىسى. ماشىنا چاقى ھەقىقى ماشىنىنىڭ چاقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئاتامنىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان ئۆتكۈر بەكىسى بىلەن چاقنىڭ گۈللىرىنى ئويۇپ ئىشلىگەنلىكى ھازىرمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ.
ئىچكى قىسىمى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، سۈرىتى ئىنتايىن تېز مۇسابىقە ئاپتوموبىلى. بۇ ئاپتوموبىل ناھايىتى كىچىك بولۇپ، تاشقى قېپى يوق، ماتور ۋە چىشلىق چاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان. سۈرىتىنىڭ تېزلىكىدىن ھېلى پۇتۇمنى، ھېلى قولۇمنى تولا زەخمىلەندۈرۋالغاچقا ئاتام ئۇنى ئۇزاققا بارمايلا چۇۋىۋەتكەنىدى.
بېيجىڭدىن ئەكىلىپ بەرگەن پرويېكسىيە چىرىقى. (پرويېكسىيە چىرىقى گەرچە ئاتام ياسىغان ئويۇنچۇق بولمىسىمۇ ئەينى چاغلاردا بىر ئائىلىدە مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بولۇشى ناھايىتى چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى) بۇ چىراقتا ئاتام بىزگە تېنچ كۆرۈنۈشلۈك چاتما فىلىملەرنى قويۇپ بېرىدىغان. بۇ فىلىملەرنىڭ ئىچىدە «نېرىسنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتلىرى» دېگەن فىلىم مەندە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرۇپتىكەن.
يۇقۇردىكى ئويۇنچۇقلار مېنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا يادىمدا قالغانلىرى خالاس. شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئويۇنچۇقلىرىمىزنىڭ بولغىنىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتۇق ھەم مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ئالدىدىمۇ بەكمۇ «ئابروي» لۇق ھېسابلىناتتۇق. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق ئويۇنچۇقلارنى بازاردىن ئەمەس پۈتۈن شىنجاڭدىمۇ تاپقىلى بولمايتتى. مەھەللە – كويلاردىكى چوڭ كىچىكلەر ئويۇنچۇقلىرىمىزنى كۆرسە تالىشىپ ئويناپ كېتىدىغان.
ئاتامنىڭ خىزمەت ئورنى مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان چوڭ يول بويىدى ئىدى. مەن مەكتەپتىن قايتساملا ئاتامنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىۋالاتتىم. چۈنكى ئۇ يەردە بىراك قىلىنىۋەتكەن ھەر خىل ئاپتوموبىللار، تىراكتورلار بار ئىدى. ئاتام خىزمەتتىن چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ئۇ يەردە دوستلىرىم بىلەن قانغۇدەك ئوينىۋالاتتىم. ئاتامنىڭ ئىشخانىسى پۈتۈنلەي تۆمۈر – تەسەكلەرگە تولغان، 360 كۈن ماي پۇراپ تۇرىدىغان، 15 كۇۋادرات مېتېر كېلىدىغان ئىشخانا ئىدى. ئاتامنىڭ خىزمەت ئورنىدا تۆمۈردىن ياسالغان ناھايىتى چوڭ بىر ئۈستەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى كىچىك تىپتىكى ئىستانوك، تۆمۈر قىسقۇچ، ھەر خىل سايمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. مەن داۋاملىق ئۇ يەردە ئاتامنىڭ كۆزئەينەك تاقىۋېلىپ ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. كېيىنچە مەن ئاتامنىڭ ئىش ئورنىدا ھەممىسى ھۆرمەتلەيدىغان، «قولى گۈل» دەپ تەرىپلىشىدىغان تېخنىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم. دېمىسىمۇ ئاتامنىڭ ھۈنىرىنى ماختايدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەن بىر قېتىم ئاتامنىڭ دوستىغا مىستا ياسالغان ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن موخۇركا قۇتىسىنى بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئالقانچىلىك كېلىدىغان موخۇركا قۇتۇسى كۈن نۇرىدا خۇددى سېرىق ئالتۇندەك پارقىرايتتى. مۇخۇركا قۇتۇسىنىڭ چۆرىلىرىگە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، قۇتىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئاتامنىڭ لاتىنچە «A» ھەرىپىدە يېزىپ قويغان ئىمزاسىمۇ بار ئىدى. ئۆيۈمىزدە ئاتام ياسىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەيلى چۆگۇن، مەيلى قىڭغىراق، پىچاقلار بولسۇن ھەممىسىدە ئۆزگىچە بەدئىيلىك جۇلالىنىپ تۇراتتى.
ئاتام بىزگە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلىرىنى ناھايىتى يۇمۇرتىك قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش بوپتىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتامنىڭ ئىدارىسى ئىچكىرى ئۆلكىدىن ناھايىتى قىممەت باھالىق گېنىراتور سېتىۋاپتۇ. بۇ گېنىراتورنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن يەر يۈزىدىن پەقەت بىر مېتېر ئىگىزلىكتىلا ئورنىتىشقا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ياكى تۆۋەن بولۇپ قالسا ئۆلچەمگە چۈشمەيدىكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بىر خەنزۇ تېخنىك ئىدارە رەھبەرلىرىگە بۇ زاپچاسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ماتېرىيالنى ياغاچتىن ياساش تەكلىپىنى بېرىپتۇ ھەم بۇنداق قىلغاندا نۇرغۇن ئىقتىسدىي چىقىمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن ئاتام بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماپتۇ. چۈنكى ئاتامنىڭ پىلانىدا ئېغىرلىقى 2 توننىدىن ئاشىدىغان بۇ زاپچاسنى چوقۇم تۆمۈر ياكى پولات ماتېرىيالىدا ياسىمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بولمىغاندا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدىغانلىقىنى، ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ ئۇزاق مەزگىلگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپ بىلەن گېنىراتور يەرگە چۈشۈپ بۇزۇلۇپ كەتسە ئىدارىغا ئىنتايىن چوڭ زىيان بولىدىغىنىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ. نەچچە كۈنلۈك تالاش -تارتىشتىن كېيىن ئىدارە رەھبەرلىرى خەنزۇ تېخنىكنىڭ پىلانىنى ماقۇللاپ، گېنىراتورنىڭ جاھازلىرىنى ياغاچ ماتېرىيالىدا ياساشنى قارار قىپتۇ ھەم بىر ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ گېنىراتورنى ياغاچ جاھازىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. خەنزۇ تېخنىكمۇ ئاتامنى ياراتمىغاندەك تۇمشىقىنى ئۇچلاپ، كۆرەڭلەپ يۈرۈپتۇ. ئاتام بۇ ئىشقا پەرۋامۇ قىلماي گېنىراتورنىڭ ئاخىرقى تېخنىكىلىك ئۆتكەللىرىنى تاماملاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ. كىم بىلىدۇ دەيسىز ئۇزاق بارماي ھېلىقى گېنىراتورنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ياغاچ جاھازا ئۆرۈلۈپ، گېنىراتور يەرگە چۈشۈپ بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. بۇ ئەھۋەلدىن خەۋەر تاپقان ئىدارە رەھبەرلىرى ئالاقزادە بولۇپ، تىپىرلىشىپ كېتىپتۇ ھەم دەرھاللا تېخنىكلارنى يىغىپ جىددىي يىغىن ئېچىشنى قارار قىپتۇ. يىغىندا ئىدارە رەھبەرلىرى ئاتامغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن گېنىراتورنىڭ قايسى قىسىمىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇنى قانداق قىلغاندا ئەسلى ھالىتىگە ئەكەلدۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋەزىپە قىلىپ بېرىپتۇ. ئاتام بۇ ۋەزىپىنى رەت قىلىپ، بۇ مەسئۇلىيەتنى ياغاچتا جاھازا قىلىش پىلانىنى كۆرسەتكەن خەنزۇ تېخنىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئىدارە رەھبەرلىرى ئاتامغا خاپا بولۇپ، «بۇ ئىشنى سەندىن باشقا ئادەم قىلالمايدۇ، چوقۇم سەن قىلىسەن!» دەپ بۇيرۇق قىلىپ ۋارقىراپتۇ. ئاتام ئاچچىقىدا ئورنىدىن دەست تۇرۇپتۇ – دە يىغىن زالىدا تۇرغان كالتەكنى قولىغا ئېلىپ ھېلىقى خەنزۇ تېخنىك بىلەن باشلىقى ئالدىغا يۇپۇرۇلۇپ كەپتۇ، بۇنى كۆرگەن يىغىندىكىلەر ئۆپۈر – تۆپۈر بولۇشۇپ «تاممادى!…» دەپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىپتۇ. ئاتام شۇ ئاچچىقىدا ھېلىقى تېخنىك بىلەن باشلىقنى خېلى يەرگىچە قوغلاپ بېرىپ تازا دەككىسىنى بەرمەكچى بولغاندا ئۇ ئىككىسى «ئا شىفۇ، دۈيبۇچى….» دەپ ئاتامدىن كەچۈرۈم سوراپ تۇرىۋاپتۇ…
ئاتامنىڭ بۇنىڭدەك قىزىقارلىق گەپلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىدا قورسىقىنىڭ ئاچلىقىدا دوستلىرى بىلەن بەستلىشىپ 40 تال ھورناننى بىر قېتىمدىلا سۇ ئىچمەي يەۋەتكىنى؛ نېفىتلىكتە تولۇم چاشقانغا بېنزىن چېچىپ ئويناپ چوڭ بالاغا دۇچار بولغىلى تاس قالغانلىقى… دېگەندەك قىزىقارلىق گەپلىرى تۈگىمەيتتى. بۇنداق گەپلىرىنى مەن ئاتامنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىدىنمۇ كۆپ ئاڭلايتتىم. بىر قېتىم مەھەللىدە ئاتام بىلەن بىرگە ئۇزاق يىل بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدېشى مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ بەردى.
ئاتاڭنىڭ قولىدىن نۇرغۇن ئىشلار كېلەتتى. ئاتاڭ چەت ئەلنىڭ تېخنىكىلىرىغا بەكمۇ قىزىقاتتى، ئىدارىگە يېڭىدىن ماشىنىسازلىققا ئائىت ماتېرىياللار كەلسە بىر كۈن، بىر كۈن ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈزۈتەتتى، ئۇنىڭدىكى يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ قانمايتتى. بىر قېتىم ئىدارىمىزگە ياپونىيەدە ئىشلەنگەن MITSUBISHI ماركىلىق ئاپتوموبىلدىن بىرسى ئەكەلدۈرۈلدى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق ئېسىل ئاپتوموبىللارنىڭ بىر ئىدارىگە كېلىشى ناھايىتى چوڭ ئىشلار ئىدى. لېكىن ئۇزاققا بارمايلا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچى يىتىپ كېتىپ، «ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى» ئىدارە باشلىقىمۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ شوپۇرنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ئۇ چاغلاردا نەدىمۇ بۈگۈنكىدەك بىر تېلېفون قىلسىلا نەق مەيدانغا كېلىپ ئىشىك ئېىپ بېرىدىغان ئۇستاملار بار دەيسىز؟ شۇڭا ئاچقۇچنى ياپونىيەدىن قايتا كىرگۈزۈشكە توغرا كېلەتتى. لېكىن بىر تال ئاچقۇچ ئۈچۈن بۇنداق ئاۋارە بولۇش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق ئىش ئىدى. مەن باشلىققا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىن ئابلىز ئۇستام چىقالايدۇ دەپ مەسلىھەت بەردىم. باشلىقىمىز ماڭا: «بۇ ئاپتوموبىل ياپونىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى قوللانغان يېرىم ئاپتوماتېك قۇلۇپلىنىدىغان ئاپتوموبىل، ئەگەر قۇلۇپنى ئاچىمەن دەپ ئاپتوموبىلنىڭ توك يوللىرىدىن چاتاق چىقىرىپ قويسا ئۇ ۋاقتىدا مەسىلىنى يىغىشتۇرماق تېخىمۇ تەس بولىدۇ، ئابلىز قۇلۇپنى ئېچىپ باقسا بولىدۇ ئەمما ئىنتايىن دېققەت قىلسۇن» دەپ جېكىلىدى. مەن ئاتاڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم. ئاتاڭ شۇ كۈنىلا ئاپتوموبىلنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى. تۇرۇپ دېرىزىدىن كېپىكا ئىچىگە قارىسا، تۇرۇپ قولۇپ ئېغىزىنى قولى بىلەن سىلاپ، بىر نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى.
ئەتىسى سەھەردە بىز ئىدارىدە ئاتاڭنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرغان بىر دانە ئاچقۇچنى كۆرۈپ كۆزىمىزگە ئىشەنمەيلا قالدۇق. ئۇ ئاچقۇچنىڭ ئەمدىلا ئىستانوكتا قىرىلىپ، قۇم قەغەز بىلەن سىلىقلانغانلىقى ئاچقۇچ يۈزىدىكى تۆمۈر ئۇۋۇندىلىرىدىن مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى. ئاتاڭ ئاچقۇچنى قۇلۇپ ئىغىزىغا كىرگۈزۈپ يېنىك تولغىدى، ئاپتوموبىل ئىشىكى ئىنتايىن سىيلىق ئېچىلدى، ئەتراپتىكىلەر بۇ كارامەتتىن ھەيران قېلىشىپ ئاچقۇچنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ، سىيلاپ، تاماقلىرىنى چېكىشىپ تۇرۇشۇپ قالدى. بۇ بىر ئادەتتىكى مىسال دېدى ئاتامنىڭ دوستى ھاياجان بىلەن. ئاتاڭ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياسىدى ھەم رېمونت قىلدى. ئۇنىڭ داچىڭ نېفىتلىكى موزىيىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كاچالكا ناسوسىنىڭ ئاپتوماتىك ھېسابلىغۇچ ئەسۋابى (ئەينى چاغدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن) ئاتاڭنىڭ نامىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتاڭ ئۇستا بىر تېخنىك بولۇپلا قالماي، كامالەتكە يەتكەن بىر رەسسام دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئاتاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا سىزغان خەرىتىلىرى، ئاپتوموبىل ماتورلىرى ھەم سىخىمىلىرىنى خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ سىزالمايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىدارىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللۈك رېشاتكىسىغا سىزىپ بەرگەن «شەرق شامىلى» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ رەسىمى ھازىرمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ ئاپتوموبىلنى شۇنداق ئەينەن سىزىۋەتتىكى، ئىدارىمىزنىڭ باشلىقلىرى ئاتاڭنى «ئابۇلىزى خاۋ!» دەپ نەچچە كۈن ماختاپ كەتكەنىدى.
شۇنداق، ئاتام ھەقىقەتەن ئۇستا رەسسام ھەم خەتتات ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا ئىدارە ئورگانلارنىڭ نەچچە مېتىر ئىگىزلىكتىكى تەشۋىقات تاملىرىغا شوتا قويۇپ، يېڭى يېزىقتا يازغان «ماۋجۇشى ئۈزۈندىلىرى» رىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ئۆيىمىزدىكى كىتاب جاۋىنىدىمۇ نۇرغۇن كىتابلار بولۇپ، ئاتام روسچە يېزىقتىكى كىتابلىرىنى ئايرىم ساقلايدىغان. بەزىدە شۇ كىتابلارنى كۆرۈۋېتىپ كىتاب ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇلغان ئاتامنىڭ قول سىزمىلىرىنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئاتام بىكار ۋاقىتلىرىدا ئاكام ئىككىمىزگە رەسىم سىزغۇزاتتى. بىر قېتىم ئاتامنىڭ ئاكام ئىككىمىزگە بىر ئادەمنىڭ بوغچا كۆتۈرۈپ تۇرغان سۈرىتىنى سىزىپ بېقىڭلار دېگەن گېپى ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئاكام ئىككىمىز رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن ئاتام رەسىملارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ مېنىڭ رەسىمىمدىكى ئادەمنىڭ بوغچىنى كۆتۈرۈپ تۇرغاندىكى ھالىتىنىڭ ناھايىتى تەبىئىي چىققانلىقىنى بولۇپمۇ بوغچىنىڭ مۆرىدىكى كىيىمنى بېسىپ تۇرغاندىكى ئېغىرلىق ھالىتىنىڭ ئىنتايىن جانلىق گەۋدىلەنگەنلىكىنى ماختاپ كەتكەنىدى. دېمەك ئاتام كەسپىي رەسسام بولمىسۇ شۇ دەۋرلەردە رەسساملاردا بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاقنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ئاللىقاچان شەكىللەندۈرۈپ بولغانىكەن. خوش، گەرچە بىز ئاتىمىزنىڭ كەسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى باشقا ئەپچىقالمىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئادىمىيلىك قارشى، خىزمەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئائىلىگە بولغان ۋاپاردارلىقى، كەسىپكە تۇتقان تەۋرەنمەس پوزىتسىيەسى بىزگە نۇرغۇن ئەمەلىي بىلملەرنى ئۆگەتتى. مەن ئاتامدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، دۇئالىرىمدا ئاتامغا ئاللاھتىن جەننەت ئاتا قىلىشىنى بىر ئۆمۈر تىلەيمەن!
2016- يىل 1- ئىيۇن (ئۈرۈمچى)