يەنە بىر بۆرىكىمنىمۇ ئېلىۋەتسۇن…
يەنە بىر بۆرىكىمنىمۇ ئېلىۋەتسۇن…
(ھېكايە)
ئادىل ئابلىز
-دوختۇر، بالام تېخى كىچىك، بۇنداق كېسەلنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟…
-ئوغلىڭىز تۇغما سۈدۈك نەيچىسى بوغۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانكەن، شۇڭا بالىنىڭ سول بۆرىكى ئۇزاق مۇددەت سۈدۈكتىن زەھەرلەنگەن، بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئوغلىڭىز يەنە بىر بۆرىكىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ…
– دوختۇر ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن، باشقا ئامال يوقمۇ؟
– بىر بۆرەكنى دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسەك بولمايدۇ…
ئانا ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن، تېنىدىن تېخى ئوغۇز سۈتىنىڭ ھېدى كەتمىگەن، ئىككى يېشىدىلا دادىنىڭ مېھرىدىن مەھرۇم قالغان سەبىي ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىدى. ئوغلىنىڭ بۇنداق نېجىس كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ نالە قىلدى. ئانا بۇ شۇم خەۋەرنى بۇندىن 7 يىل مۇقەددەم ئاجىرشىپ كەتكەن بالىنىڭ دادىسىغا ناھايىتى تەستە خەۋەر قىلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دادا ئىنتايىن جىددىيلەشتى ھەم دەرھال ئانا – بالا بىلەن كىچىككىنە بىر ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ جەم بولۇشتى. ئۇلار بالىنى ئوپىراتسىيە قىلىش ھەم بۇندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش توغرىسىدا جىددىي مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى. بالا ئاتا – ئانىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغىنىدىن قەۋەتلا خوش بولدى ھەم تېلېفوندا ئوغۇرلۇقچە دادىسى، ئاپىسى ۋە ئۆزىنى بىر يەرگە توغۇرلاپ بىر نەچچە پارچە رەسىم تارتىشقىمۇ ئۈلگۈردى. بالا تېلېفوندىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە ئۇزاق – ئۇزاق قارايتتى، مەسلىگى كېلەتتى، تۇرۇپ كۈلۈپ قوياتتىيۇ دىماقلىرى ئېچىشىپ كوزلىرىنى چىمچىقلىتاتتى. قىسقىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغىنىدىن سۆيىنىپ، تۇرۇپ داىسىغا قارىسا، تۇرۇپ ئانىسىغا ئەركىلەيتتى.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بالا دختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوپىراتسىيە ۋاقتى بېكىتىلدى. ئۇلار بالىنىڭ داۋالىنىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ بالا ئالدىدا ئۆزلىرىنى پەقەت چاندۇرمىدى ھەم ھېرىپ – چارچىغىنىغا قارىماي بالىنى ئوتتۇرسىغا ئېلىپ كىچىككىنە كارىۋاتتا قىستىلىشىپ ئۇنى ئەركىلەتتى، تاڭ ئاتقۇچە مۇڭداشتى. بالىمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغىدىن خوش بولۇپ، قوللىرىنى ئاتا –ئانىسىغا گىرە سېلىپ، ئۇلارنى قۇچاقلايتتى، پۇرايتتى…
بۈگۈن ئانا ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغانغا ئىككى كۈنلا قالغان ئوغلى ئۈچۈن ئوخشۇتۇپ پولۇ ئەتتى. «بىر ئائىلە» كىشىلىرى بالنىتسىدىكى كىچىككىنە ئۈستەلگە جەم بولۇشۇپ تاماق يېيىشتى. ئارىلىقتا بالا ئاتا –ئانىسىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ بىر – ئىككى مىنۇت سۈكۈتكە چۆمدى. ئۇلار بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز شۈكلەپ قالغىنىدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى. بالا تۇيۇقسىزلا:
دادا، ئاپا! سىلەر بىلەن بۇ بىر نەچچە كۈننى تولىمۇ خوشاللىق بىلەن ئۆكۈزدۈم، مەن نېمە دېگەن بەختلىك؟!… سىلەر بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق بىللە ئۆتكۈم بار. مەن دوختۇر بىلەن سۆزلەشكەن گېپىڭلارنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالدىم. دوختۇر بىر بۆرىكىمنى ئېلىۋېتىدىكەن، ئەگەر يەنە بىر بۆرىكىمنىمۇ ئېلىۋەتسە سىلەر بىلەن تېخىمۇ ئۇزاق بىرگە جەم بولالىغىدەكمەن، دوختۇرغا دەپ باقساڭلار مېنىڭ بۇ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلارمۇ؟…
2015– يىل 27 – ئاۋغۇست
(ئۈرۈمچى)
2015/11/09 سائەت 14:22:59
تەسىرلىككەن، بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشقا تېگىشلىك. چۈنكى ئىنسان ياندا بارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ.