-
2008/10/11
ﺋﯧﻼﻥ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺳﺎﺭﺍﯕﻤﯘ بىز - [تور بىلىملىرى]
دوستلار مۇشۇ كۇنلەدە تىلىۋىزورنى ئاچسىمۇ ئېلان، كوچىلاردىمۇ ئىلان تېلىفۇندىمۇ ئېلان،... ئىشقىلىپ ئېلاننىڭ جىقلىغىدا ھەقىقەتەن باش ئاغرىيدۇ. ئەمدىلىكتە تورغا چىقساقمۇ ئېلان چېكىمىزمۇ دەپ كاللام ئاغرىيدىغان بوپ قالدى، لىكىن بۇ ئېلاننى كۇندە بىر چىكىپ قۇيۇش ئىنسانپەرۋەرلىك يۇزىدىن بولسۇن ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلىش يۇزىدىن بولسۇن ئىشقىلىپ ئەرزىيدىكەن .
نىمىشقا دىدىڭىزما مەن مۇشۇ يېقىندا توربەت ئاچقان بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم، توربەتنىڭ كىرىمى توغۇرلۇق گەپ ئېچىپتىمەن توربەتتە كىرىم دىگۇدەك كىرىممۇ يوقكەن .كىرىم تۇرماق تۆۋەندىكى زىيانلارنى تارتىدىكەنسىز. توربەت ئېچىش ئۇچۇن باشتا نىمە مەزمۇندا ئېچىشنى ئويلۇشۇپ توربەت ياساشنى ئۈگۈنىدىكەنمىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھەق تولىگەندىن سىرت نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدىكەن ئاندىن نەچچە كىچە ئۇخلىماي مۇكەممەل بىر توربەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەنمىسىز .ئاندىن كەمدىگەندىمۇ مۇكەممەل بەتنى قۇيۇش ئۇچۈن 1GBبوشلۇق سېتىۋالىدىغان ئىشكەن بۇ بوشلۇقنى ئەزان 300 يۇئەنلىكىنى ئالسا سۇرئەت ئاستا بۇلۇپ بىزگە يارىمايدىكەن شوڭا كەم بولغاندىمۇ 500يۇئەنلىك بوشلۇق سېتىۋېلىپ توربەتنى قۇرىدىكەن مىز . ئىسىم ئۇچۇن يىلدا 80 يۇئەن كىتىدىكەن .ئاندىن 900 يۇئەن تولەپ كەڭ بەلۋاغلىق تور ئۇلايدىكەنمىز .ئەمدى ئۇنى قۇرۇپ بولدۇم دەپ تۇرغانغا توربەت يەنە روناق تاپمايدىكەن كىچە كۇندۇز ياخشى قىممەتلىك ئىسىل تېمىلارنى توختاتماي يوللاپ تۇرغاندىن سىرت . كېچە كۇندۇز نازارەت قىلىپ تۇرمىسا بولمايدىكەن . ئەمدى مۇشۇنچىلىك جاپادا قۇرغان توربەتنىڭ كىرىمىدىن گەپ ئاچساق ھىچقانداق كىرىم يوق قىپ قىزىل زىيان ماڭىدىكەن ئېلان دىگەن نەرسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ بىر ئادەم چەكسە بىرموچەن دەپ ئولتۇرماقتىن باشقا ھىچقانداق كىرىم يوق گەپ . قايسۇ كۇنى روناق تېپىپ سەلكىن شەبنەمدەك بولغاندا بىرسى كىلىپ بىر ئېلان قۇيۇپ بىرىڭ يىللىقى 5000 يۇئەن بىرەي دەپ قالسا شۇ پۇلنى ئېلىپ كۇزىگە سۇرت سە بولغىدەك . لىكىن ئۇنچىلىك تەرەققى قىلىشغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەجر مىھنەت كىتىدۇ . شۇڭغىچە قاچان بىر تور دىشىمىز ئېلاننى بىر چىكىپ قۇياركىن دەپ ئولتۇرىدىغان گەپكەن . بىز ئېلان چىكىپ ساراڭمۇ دەپ چەكمەيدىكەنمىز ئۇششاق باللا ئېزىپ تېزىپ چىكىپ سالمىسا ھىچكىم چەكمەيدىكەنمىز خۇددى چىكىپ قويساق 1موچەننى بىزدىن كولايدىغاندەك . ئايدا ئېزىپ چىكىلگەن ئېلان پۇلى نەچچە بولىدىكەن دىمەمسىز ئاران 15-20 يۇئەن بولىدىكەن . مەن ئۇنىڭدىن بۇنداق پايدىسى يوق ئىشنى نىمىشقا قىلىسىلە دەپ سورىسام نۇرغۇنلىرى ھەۋەسكە قىلىدىكەن ئۇلار 4 كۇن ئېچىپ 5- كۇنى يوقاپ كىتىدىغان توربەتلەركەن ،مۇقىم توربەتلەنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ئازراق بولسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ تور ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا كۇچ چىقىرىش ۋە باشقىلارنى ياخشى بىلىم ئېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. ئەپسۇس بىز ئۇچۇن شۇنچىلىك كۇچ چىقىرىۋاتقان خالىسانە تەر تۇكۇۋاتقان بىر مىللىتىمىز ئۇچۇن بىر ئېلاننى كۇندە بىر چىكىپمۇ بېرەلمەيدىكەنمىز . بىر چىكىپ قويساقلا بولىدىغان ئىشكەندۇق بىزگە ھىچ قانداق زىيىنى يوقكەنغۇ چىكىپ قۇيۇپ ئۇچۇرۋەتسەك مۇ بولىدىكەن . مەن نەچچە ۋاقىتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ھەقسىز ئىرىشكەن بىر توربەت ئۇچۇن بىر ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشقىمۇ يارىماپتىمەن ئۆزەمدىن خىجىل بوپ قالدىم .
ئاخىردا دوسلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم توربەت تەرەققىياتى مىللىتىمىزنىڭ توردىكى تەرەققىياتى ئۇچۇن بولسىمۇ ئېلانلارنى كۇندە بىر چىكىپ قۇيايلى
مەنبە ئەلى تورى
<< يوليار بلوگ Google ئېلانلىرى ئەسلىگە كەلدى . | ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ | «يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن»،«خۇجانىياز ھاجىم» >>
评论
ھەممىمىز ئىتىپاقلىشىپ ئۇيان ئۆتكەچ بۇيان ئۆتكەچ ئېلانلارنى دەسسىۋىتەيلى .كۈڭۈل - كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەر .
ھەممىمىز ئىتىپاقلىشىپ ئۇيان ئۆتكەچ بۇيان ئۆتكەچ ئېلانلارنى دەسسىۋىتەيلى .كۈڭۈل - كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەر .
گوگۇلجاننى نوكيا ئەپەندى ۋاكالىتە ئېلىپ بەردى (ھەقلىق) ، مومايخاننى بۇرۇن ئۆزۈم مۇشۇ بلوگدا تۇنۇشتۇرغان ئۇسۇل بۇيىچە ئالغان، لېكىن ھازىر ماۋۇ روھلان تورىغا ئالاي دېسەم پەقەت بەرمەيۋاتىدۇ .
ئابدۇرېھىمجاننى ئېلىش ئۇسۇلىمۇ مۇشۇ بلوگدا سۆزلەنگەن ئىدى، بۇلاردىن راست گەپنى قىلسام ماۋۇ گوگۇلخاننىڭ كىرىمى 100 دوللار بوپ بولغۇچە ساقلاپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ، مومايخاننىڭ كىرىمى ئاز بولسىمۇ ھەر ئاينىڭ 15-كۈنى 40~50 كويدىن بولسىمۇ ئېلىپ تۇرىۋاتىمەن .
ئوغۇل بالىدەكلا سۆزلەپ قۇيۇپتۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟