ئۇنتۇلۇش
كۈنلەر ئۆتمەكتە بىر خىل، ئىرادىسىزلىك- زېھنىمنى خورىتىپ، ھەركەتسىزلىك -ۋاقتىمنى ئۇغۇرلاپ، خام خىياللار-بىھۇدە ئۆتىۋاتقان ئۈمرۈمگە قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ. تالاي كۈندۈزلۈرۈم ئۆتتى بىھۇدە ، كۈنۈپ-كەتكەن باھانە -سەۋەبلىرىمگە قۇل بۇلۇپ. تالاي كىچىلىرىم ئۆتكەنىدى ئۇيقۇسىز، مەۋھۇم كەلگۈسۈمگە ئاجايىپ پىلانلارنى تۈزۈش، گۈزەل ھەم پارلاق غايىلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكۈش بىلەن. «كېچە» ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك سۆز ئىكەن ئەسلى، «كېچىدە، تاتلىق ئۇيقۇ ئالدىدا ئەتەڭ ئۈچۈن ( باش قاتتۇرۇپ) تۈزگەن ( مۇكەممەل) پىلانلىرىڭدىن، نامىنى مەڭگۈ تىلغا ئىلىپ ئۆتىسەنيۇ، ئۆزىگە مەڭگۈ يىتەلمەيدىغان كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن تىكلىگەن، ئۇيقۇ چۈشىكىگە باش قۇيۇش ئالدىدىكى ( گۈزەل) غايىلىرىڭدىن بولدى كەچ » دەپ ئەسكەرتكىنى ئىكەن ئۇ . رەھىمسىز ۋاقىت پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولغان كىچىلىرىمنى پەرۋاسىزلارچە قوغلاپ، يەنە بىر كۈن چوڭايغانلىقىمنى، يەنە بىر كۈنۈمنىڭ «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، يىڭى بىر تاڭنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تەكلىپ قىلغىنىدا، كېچىچە تۈزۈپ چىققان «ئۇلۇغۋار» غايىلىرىم ، تۈگۈمەس باھانە-سەۋەبلەر ئاستىغا كۈمۈلۈپ، خىرەلەشكەن خاتىرەمدىن ۋاقىتلىق، «ئۇنتۇلۇش زىندانى» غاقاراپ مۇڭسىرىغىنىچە ھالسىز قەدەم ئالدى. تاكى يەنە بىر يىڭى كېچىگە قەدەم قويغىنىمدىلا ، قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈرگە غايىلىرىمنى يادىمغا ئالدىمدە، ئوڭايسىزلانغا قىياپەتتە بىر مۇنچە ئۆزمگە ئورۇنلۇق تۇيۇلغان باھانە-سەۋەبلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، « ئۇنتۇلۇش زىندانىمنىڭ » ئىشىكىنى قۇمۇرۇپ ئاچتىم، كۆردۈمكى ، غايىلىرىم ئۇھسىنغىنىچە ، ئۈستى -بىشىغا چاڭ قونغان ھالەتتە خىيال دېڭىزىغاغەرق بولغانىدى.گەپ قىلاي دىدىميۇ،- ماڭا پەرۋا قىلمايۋاتقان غايىلىرىمگە قاراپ ئۈنسىز تۇرۇپ قالدىم. -بەس، ئەمدى بىزدەك كىچىسىلا ئەزىزلەپ ، كۈندۈزى ئاللىياقلارغا خار ھالەتتە تاشلىۋىتىدىغان غايىلىرىڭدىن كەچ! تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ جۈملىلەردىن يۈرىكىم «قارتتىدە» قىلىپ قالدى. -ياق… ياق… بۇ… سىلەردىن كىچەلمەيمەن . كۆز ياشلىرىم ئىخىيارسىز تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. -يىغلايسەنغۇ، نىمىگە يىغلاۋاتىسەن? -ياق ، مەن يىغلىمىدىم، كۆزلىرىم ئەھمىيەتسىز ، بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن يۈزلىرىمگە تۈكۈرۋاتىدۇ. -ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن? ……… قۇ… قۇ… قۇق ق… ق …… تاڭ سەھەردە بېرىلگەن بۇ سىگنالدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم، ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگەل ھىس قىلدىم. تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىمغا كەلدى دە ، دىرىڭڭىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتى. -توغرا، تېز ناشتامنى قىلىپ يولغا چىقىشقا تەييارلىناي، بۈگۈن دوسلۇرۇم بىلەن سەيلە قىلىپ كىلىشكە دىيىشىپ قويغان ئەمەسمىدىم. ھەي، ئاخشام نىمىلەرنى خىيال سۈرۈپ نىمىلەرنى چۈشەپ چىقتىم ھە? بولدىلا تېز بۇلاي ، كەچتە بىر گەپ بولسۇن… 
مەنبە : قەلىمىم شەھىدە (دىلدار)




432 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:37:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-22 5:38:37 سەۋىر
جەمىيىتىزدىكى نۇرغۇن بىكاتەلەت خىيالپەرەس ياشلىرىمىزغا بولغان قارىشىڭىزنى ناھايىتى ئوبرازلىق يېزىپسىز
2015-8-4 14:37:47 م،ئىزچى
ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرشىڭ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ