ئاتا

         ئاتا
                              رىزىۋانگۇل ئەمەر 


    دۇنيا بىنا بولغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئاتىلار ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە .پەرزەنت دەرەخ بولسا ئاتا ئۇنىڭ يىلتىزى ،پەرزەنت سۇ بولسا ئاتا ئۇنىڭ ئېقىنى.مېنى پۇل بىلەن ئەمەس ئىلىم- مەرىپەت بىلەن ئاتالمىش زامانىۋىلىشىش بىلەن ئەمەس ئاددى- ساددىلىق  بىلەن شۆھرەت بىلەن ئەمەس ئەخلاق -پەزىلەت بىلەن تەربىيلىگىنىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ،ئىپتىخارلىنىمەن .
 بىلەمسەن ئاتا ھەر قېتىم كىشىلەرنىڭ مېنى ساڭا ئوخشاتقانلىقىنى دېسە مەن شۇنچىلىك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمەن .چۈنكى سېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭ ،تۇرمۇشقا بولغان ئاددى -ساددىلىقىڭ ،ھەرۋاقىت باشقىلارغا ياردەم قولۇڭنى سونۇشنى ئويلايدىغان روھىڭ ،ئائىلىمىزگە بولغان مەسئۇلىيىتىڭ ۋە مۇھەببىتىڭ مېنى چوڭقۇر بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ 
ھېلىمۇ ئېسىمدە ئاتا كىچىك چاغلىرىمدا سەن دائىم مېنى كۆتۈرۋالاتتىڭ ھەم تاتلىق قوزام دەپ ئەركىلىتىپ سۆيۈپ كېتەتتىڭ ،مەنمۇ ساڭا ئويناقشىپ ئەركىلەپ سۆيۈپ قوياتتىم ،لېكىن چوڭ بولغانسىرى سەندىن خېجىل بولىدىغان بولدۇم .ھەر قېتىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئانام بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم -يۇ ساڭا پەقەت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا دېيەلىدىم خالاس .
سېنىڭ ئىرادىلىكلىكىڭ ،ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭ مېنىڭ ئىرادەمنى تاۋلىدى سېنىڭ كىتاپ خۇمارلىقىڭ مېنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىمنى قوزغىدى .  مەن يىقىلسام ئانام يۈگۈرۈپ بېرىپ يۆلىدى سەن بولساڭ ئۆزۈمنىڭ تۇرشىغا مەدەت بەردىڭ ،مەن يىقىلسام سەن كۆزۈڭدىن ئەمەس يۈركىڭدىن يىغلىدىڭ ،سەن كەلگۈسىدە ئۆز نېنىڭنى تېپىپ يېيىىشتىن باشقا يۇرتقا نۇر چاچىدىغان قۇياش بول دېدىڭ .سېنىڭ ماڭا قەلبى گۈزەل ئېيتقاد بىلەن سۇغۇرۇلغان قىز ئاتا -ئانىنىڭ پەخرى،ئائىلىنىڭ گۈلى،مىللەتنىڭ چىرىقى دېگەن بۇ سۆزۈڭنى مەڭگۈ ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن ۋە ھايات يولومنى گۈللەندۈرۈپ قالغان ئىزىمغا گۈل-دەستىلەرنى تىزىمەن .
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!







92 قېتىم كۆرۈلدى رىزىۋانگۇل ئەمەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-28 21:47:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ